تىك-توك زادى قانچىلىك خەتەرلىك؟

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى 5-مارت كۈنى تونۇشتۇرغان «ئامېرىكالىقلارنى تاشقى كۈچلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى تور مۇلازىمىتىدىن قوغداش قانۇن لايىھەسى» بارغانسېرى ئامېرىكالىقلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. بۇ قانۇن لايىھەسىدە بايتدەنس (ByteDance) شىركىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى تىك-توك ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئىكەنلىكى، خىتايدىكى ھەرقانداق شىركەتنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

11-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنياۋى تەھدىتلەرنى باھالاش ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى» دا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سېناتور ماركو روبىيو ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفېر ۋراي (Christopher Wray) دىن تىك-توكنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە سېلىۋاتقان تەھدىتى ھەققىدە نۇرغۇن سوئاللارنى سورىغان. كرىستوفېر ۋراي تىك-توكنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئامېرىكاغا سىڭىپ كىرىش ۋە تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىدە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىك-توكنىڭ خوجايىنى بولغان بايتدەنسنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلالمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن.

خەلقئارادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقانلىقى ئاشكارا بولۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە، خىتاي كونتروللۇقىدىكى تىك-توك ئەپىنىڭ بۇ باستۇرۇشتا رولى زادى قانچىلىك؟

ئۇيغۇر تور مۇتەخەسسىسلىرىدىن شىۋېتسارىيە دۆلەتلىك تېلېكومنىڭ ئۇچۇر-تېخىكا مۇتەخەسسىسى دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تىك-توك ۋە بۇ ئەپنىڭ خىتايچە نۇسخىسى بولغان «دوۋيىن» ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يوللار بىلەن «دوۋيىن» ياكى «تىك-توك» ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى سۈزۈپ ئالىدىغانلىقى ۋە ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر ياشلاردىن 20 ياشلىق ئەسما مەمتىمىن تىك-توك ئىشلىتىدىغان ياشلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ تىك-توكنىڭ پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرەپلىرى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ، ياشلارنىڭ تىك-توك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئىشلەتكەندە، «ئۇلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئىشلىتىۋاتامدۇ ياكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئۇلارنى ئىشلىتىۋاتامدۇ؟» دېگەن مەسىلىنى ياخشى ئويلىنىپ ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى ئاخىرىدا «ۋەتەن بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمەن» دەپ «دوۋيىن» ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇرلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە ئەگەر «چوقۇم دوۋيىن ئىشلىتىمەن» دېگۈچىلەرگە مەسلىھەت بېرىپ، ئەڭ ياخشىسى ئىشلەتمەسلىكنى، ئەگەر ئىشلىتىش زۆرۈر بولسا قانداق قىلغاندا ئۇنىڭ خەتىرىنى ئازايتقىلى ياكى ئۇچۇرلىرىنىڭ ئوغرىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

تىك-توك (TikTok) ھەققىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تىك-توك خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا جايلاشقان Byte Dance ئىگىدارچىلىقىدىكى سىن مۇلازىمەت ئەپلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ خىتايدا قوللىنىدىغان نۇسخىسى «دوۋيىن» (Douyin) دەپ ئاتىلىدۇ. ByteDance چەكلىك شىركىتى خىتاينىڭ ئىنتېرنېت تېخنىكا شىركىتى بولۇپ، جاڭ يىمىڭ، لياڭ رۇبو قاتارلىقلار تەرىپىدىن 2012-يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ باش ئىشتابى خىتاي پايتەختى بېيجىڭغا جايلاشقان.