ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «تىك-توك» نى چەكلەشنىڭ تۇنجى قەدىمى بېسىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.03.13
tiktok-house «تىك-توك» نى مەنئى قىلىش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسى 65 كە قارشى 352 ئاۋاز بىلەن ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. 2024-يىلى 13-مارت، ۋاشىنگتون
AP

باش شىتابى خىتايدا بولغان «تىك-توك» نۆۋەتتە ئامېرىكا تەۋەسىدە ئاز دېگەندىمۇ 150 مىليون كىشىنىڭ يانفونىغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ مەزكۇر ئەپ ئارقىلىق بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىرىۋاتقان «تەسىر كۆرسىتىش» شەكلىدىكى ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكا ئىستىخبارات ساھەسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تىك-توك» ئارقىلىق ئامېرىكا ياشلىرى ئارىسىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن گۇمانلىنىش ۋە ئۆچمەنلىك قىلىش، شۇنىڭدەك دېموكراتىيەنى ۋەيران قىلىش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئۇرۇقلىرىنى چېچىۋاتقانلىقىنى كۆپلىگەن سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق كۆرسىتىپ بەرگەن. ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ باشلىقى كرىستوفېر راي (Christopher Wray) ئەپەندىمۇ 11-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئېنىق قىلىپ، «ئەگەر خىتاي كومپارتىيەسى ‹تىك-توك› تىكى ئۇچۇرنى ھەمبەھىرلەشنى تەلەپ قىلسا ‹تىك-توك› شىركىتى ھېچنەرسىنى رەت قىلالمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

«تىك-توك» نىڭ قوللانغۇچىلارغا خاس بولغان خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە خالىغان شەكىلدە پايدىلىنىش ۋە تەكشۈرۈشكە ئېچىپ بېرىشى بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنىڭ «ئەمدى مەخپىي بولمايدىغانلىقى» نى نامايان قىلغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا تەۋەسىدە «تىك-توك» نى چەكلەش پىكرى ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلگەن. مۇشۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتى» نىڭ رەئىسلىرى مايك گاللاگېر (Mike Gallagher) ۋە راجا كرىشنامورسى (Raja Krishnamoorthi) باش بولۇپ تونۇشتۇرغان «تىك-توكنى مەنئى قىلىش» قانۇن لايىھەسى تېزلا زور قوللاشقا ئىگە بولۇشقا باشلىغانىدى. بۇ مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە چاقىرىلغان بىرنەچچە قېتىملىق مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنلىرىدا «تىك-توك» نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جۇ شوۋزى (Shou Zi Chew) ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە گەپ يورغىلىتىش ئارقىلىق سوئالدىن داجىش ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقتىن بىر مەھەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالغان ئىدى. مايىك گاللاگېر بولسا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ «تىك-توك» نىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك قوللانغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق ئامېرىكا تەۋەسىدە جاسۇسلۇق قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ «بۇ ئەپ ماھىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسى تارقاتقان زىيانداش پىروگرامما» دېگەنىدى.

2024-يىلىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ «تىك-توك» نى مەنئى قىلىشنى ئاۋازغا قويۇشتا يېڭى خىزمەتلەر ئىشلىنىپ، 13-مارت كۈنى بۇ ھەقتە رەسمىي ئاۋاز بېرىش ھەققىدە قارار ئېلىندى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ قېتىمقى ئاۋاز بېرىش ھارپىسىدا، يەنى 12-مارت كۈنى كەچقۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇشۇ تېما بويىچە مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىلدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى راجا كرىشنامورسى ئەپەندى ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى كونتروللۇقىدىكى «تىك-توك» ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئەپلەرنىڭ خەلق ئاممىسىغا زۇلۇم سېلىش قورالى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەمدىلىكتە بولسا ئۇلارنىڭ ئامېرىكا دېموكراتىيەسىنى ۋەيران قىلىشقا تەتبىقلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى تەكىتلەپ، دەل مۇشۇ خىل قەبىھ نەتىجە تۈپەيلىدىن نەنسىي پېلوسى خانىمغا ئوخشاش ئامېرىكا سىياسىيونلىرىنىڭ بۇ خىل ئەپلەرنى مەنئى قىلىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ «تۈرلۈك رېئاللىق بىزنىڭ ‹تىك-توك›نى ئۈزۈل-كېسىل مەنئى قىلىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسەتمەكتە» دېدى.

ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ بىرى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىممۇ شۇ قاتاردا سۆز ئالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھېچقاچان «تىك-توك» ياكى باشقا ئەپلەرگە قارشى ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە «تىك-توك» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن قەبىھ نىيەتلەرگە ۋاسىتە بولۇشى ۋە زۇلۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يانتاياق بولۇشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ قېتىمقى «تىك-توك» نى مەنئى قىلىش ھەققىدىكى ئاۋاز بېرىشنىڭ ئاداققى مەقسىتىمۇ «تىك-توك» نى ساغلام بولۇشقا بۇيرۇش، بۇنى خالىمىسا تاقىۋېتىش بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ بۇنىڭغا مىسال ئۈچۈن ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار قاتارلىقلارنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ئەپلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى، بۇ ئەپلەردە ساختا ئۇچۇرلارنىڭ كۆپلەپ يوللىنىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك بۇ ئەپلەرگە دائىر ئۇچۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونترول قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇ مۇشۇ سۆزلەرنى قىلىۋېتىپ لاگېر شاھىتى گۈلزىرەنىڭ قولىدىكى لوزۇنكىغا يېزىلغان «ھازىر ‹تىك-توك› ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى تۇنجۇقتۇرماقتا» دېگەن خەتلەرنى ئۈنلۈك ئوقۇپ چىقتى.

بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ ئاكتىپ ئىشتىراك قىلدى. يىغىن ئىشتىراكچىلىرى كۆتۈرۈۋالغان تۈرلۈك بايراقلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقاتتى. راجا كرىشنامورسى ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بىلەن سۆز ئالغان ئەلفىدار ئېلتەبىر قىسقىچە سۆز قىلدى. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى «تىك-توك» نى مەنئى قىلىش قانۇن لايىھەسىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى، «تىك-توك» نىڭ ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك ئاپەت بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقتا ‹تىك-توك› پائال رول ئوينىغان. شۇنىڭ ئۇنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولۇشىغا خاتىمە بېرىشنىڭ پەيتى كەلدى» دېدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە ماقۇللانغان قانۇن لايىھەلىرىنىڭ ھەممىسىگىلا دېگۈدەك ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى يېقىندىن ياردەملەشكەن. شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئىشخانىلارغا بۇ ھەقتىكى تەكلىپلەرنى يوللىغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن بولغان زۇبەيرە شەمسىدىن بۇ قېتىمقى «تىك-توك» نى مەنئى قىلىش قانۇن لايىھەسىنىڭمۇ شۇنداق بولغانلىقىنى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى ياردەملەرنى ئىزچىل داۋام ئېتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

مۇھاجىرەت مۇھىتىدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ «تىك-توك» ياكى ئۇنىڭ خىتايچە نۇسخىسى بولغان «دۇيىن» نى داۋاملىق ئىشلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ توغرىلىق سۆز بولغاندا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئېلتەبىر دەل مۇشۇ خىل يانفون ئەپلىرىنىڭ ماھىيەتتە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىغا ۋاسىتە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۈچۈن يىغىلغان كىشىلەر ئارىسىدا بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانى ئۇچراتتۇق. خىزمەت ئۈچۈن ئامېرىكا پايتەختىگە يەنە بىر قېتىم قەدىمى يەتكەن دولقۇن ئەيسا بۇ قېتىمقى قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئامېرىكا خەلقى، شۇنداقلا دۇنيا خەلقى ئۈچۈن زور مەنپەئەتلىك بولغان بۇنداق بىر قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىغا بولغان زور ئىشەنچىنى ئىپادىلىدى.

13-مارت كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى ئاۋاز بېرىشتە، دەرۋەقە «تىك-توك» نى مەنئى قىلىش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسى 65 كە قارشى 352 ئاۋاز بىلەن ئاۋام پالاتاسىدا تولۇق ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىغا يوللىنىشىغا يول ئېچىلدى. ناۋادا بۇ قانۇن لايىھەسى رەسمىي قانۇنغا ئايلانسا «بايتدەنس» (ByteDance) شىركىتى ئۈچۈن ئىككى خىل تاللاش ھوقۇقى بولىدىكەن. بىرى، «تىك-توك» نى ئۆزلىرىدىن ئايرىپ تاشلاپ مۇستەقىل شىركەتكە ئايلاندۇرۇش ھەمدە ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدىن خالىي ھالدا ساغلام تەرەققىي قىلدۇرالايدىغان بىر شىركەتنىڭ سېتىۋېلىشىغا يول قويۇش؛ ئىككىنچىسى، ناۋادا بۇ شەرتلەر قوبۇل قىلىنمىسا «تىك-توك» نى ئامېرىكا تەۋەسىدە مەنئى قىلىش ھەمدە مەزكۇر ئەپنى «ئالما» شىركىتىنىڭ ئەپ دۇكىنىدىن چىقىرىۋېتىش.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتادا ماقۇللانغاندىن كېيىن نەنسى پېلوسى خانىم مەخسۇس سۆز قىلىپ، «بىز ھېچقاچان ‹تىك-توك›نى يوقىتىمىز دېمىدۇق. ئەكسىچە ئۇنى ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇشلىرىغا ياردەمدە بولمايدىغان شەكىلدە ساغلام مەۋجۇت بولسۇن، دېدۇق. چۈنكى ئۇ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشقا ئوخشاش قەبىھلىكلەرگە ۋاسىتە بولماقتا. ئەگەر ئۇلار بىز دېگەندەك قىلىشنى خالىمىسا، بىزنىڭ بۇنى مەنئى قىلىشتىن باشقا تاللىشىمىز قالمايدۇ» دېدى.

مايك گاللاگېر بولسا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ «بۈگۈن ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان پالاتا ئەزالىرى بىردەك ئاۋازدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدۇق. بىز بىر سادا سۈپىتىدە مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA)، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI)، دۆلەت مۇداپىئە ئىستىخبارات ئىدارىسى (DIA)، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى (NSA) ۋە باشقا تور بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە شۇنى بىلدۈرىمىزكى، ‹تىك-توك› نىڭ داۋاملىق ھالدا ئامېرىكا تەۋەسىدە مەشغۇلات قىلىشىغا ئەمدى يول قويۇشقا بولمايدۇ. بىز بۇنىڭ تېزدىن كېڭەش پالاتاسىدىن ئۆتۈپ پىرېزىدېنتنىڭ ئۈستىلىگە يوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىدىنمۇ تەستىقلانسا تېزدىن ئاق سارايغا يوللىنىپ ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ئىمزا قويۇشىغا تاپشۇرۇلىدىكەن ۋە رەسمىي ھالدا قانۇنغا ئايلىنىدىكەن. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىننىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىلا ئۆزىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.