يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ئاتالمىش «تىل-يېزىق خىزمەت يىغىنى» ئېچىلغانلىقىنى ھەققىدىكى خەۋەرلەر دىققەت قوزغىماقتا.
5-ئاۋغۇست «تەڭرىتاغ تورى» دا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىغىندا «دۆلەت تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» نى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنىڭمۇ قوغدىلىۋاتقانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 2000-يىللارنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلغان «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدىكى ئۇيغۇر مائارىپىنى تەدرىجى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى، 2017-يىلدىن باشلاپ «دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇش» نامىدا پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇلغان. 2016-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بۇ ھەقتە رەسمىي يازما ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلغان. 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر تىلى مائارىپى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، خىتاي تىلى ئوقۇتۇشى، «دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشى» نامىدا يەسلىلەردىن تارتىپ باشلانغۇچ ئوتتۇرا-مەكتەپلەرگىچە ئومۇملاشتۇرلۇشقا باشلىغان.
ھالبۇكى، 2017-يىلدىن 2022-يىلغا قەدەر بولغان 5 يىل ئىچىدە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇتتىن تارتىپ، ئۇيغۇرچە دەرسلىك تۈزۈش گۇرۇپپىسىدىكى يالقۇن روزى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» دېگەندەك بۆھتانلار بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا ئەكىتىلگەن، بەزىلىرىگە ئېغىر قاماق جازالىرى بېرىلگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مانا مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە «تىل-يېزىق خىزمىتى يىغىنى» نى ئېچىشى، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خەلقئارادا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچلىق» قاتتىق ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى يىغىنلارنى ئېچىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر رايونىدا «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى قوغداۋاتقانلىقى» توغرىلىق لاپ ئۇرغان.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر گۈلنار ئەزىز خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پىكىر بايان قىلدى.
ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى يىغىنلارنى ئېچىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تىل-يېزىق ۋە مىللىي مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى يوقىتىش سىياسىتىنى يوشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ساختا يىغىنلار ئارقىلىق كۆز بويامچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
گۈلنار ئەزىز خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئىنتايىن گەۋدىلىك بولغان بىر نۇقتىسى-ئۇيغۇر تىلى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنى ئاساسلىق نىشان قىلغانلىقىدا ئىپادىلىنىدىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى «دۆلەت تىلى» نامىدىكى خىتايلاشتۇرۇش مائارىپىنى پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي ئومۇملاشتۇرۇپ بولغان. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرچە دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپلەردىن پۈتۈنلەي شاللىۋېتىلگەن. بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتچىلار، ئوقۇتقۇچىلار، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى ئۇيغۇر تىلى-مائارىپىنى تەشەببۇس قىلغۇچى كادىرلار تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىلەرگە تاشلانغان.
گۈلنار ئەزىز خانىمنىڭ ئەسلىمە قىلىشىچە، ئۇ 2016-يىلى ئاخىرىقى قېتىم ئۇيغۇر دىيارىغا بارغىنىدا، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تىل-يېزىق كومېتىتىنىڭ تەتقىقات ئىشخانىسى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئۇرخۇن مەڭگۈ تاشلىرى تېكىستلىرىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئايلاندۇرۇش تەتقىقاتى» تاماملانغان ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا ئۇنىڭغا بۇ تەتقىقات تېمىسىنىڭ نەشرگە سۇنۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ كىتابنىڭ كېيىنكى ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىدىن خەۋەرسىز قالغان. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر تەتقىقات تېمىسىنى تەييارلىغان تىل-يېزىق كومېتىتى تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بەزىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان. گۈلنار ئەزىز خانىم، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىدىنمۇ خەۋەرسىز قالغان.
گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ياشار ھەمدۇللا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەكتەپلەردە ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇشنى ئالىقاچان ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بولغان، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەر تارقىتىلمايدىغان بولغان. مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە خىتاينىڭ ئاتالمىش «تىل-يېزىق خىزمىتى يىغىنى» ئېچىپ، «رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى قوغدىلىۋاتىدۇ» دىيىشى، قىپ-قىزىل يالغانچىلىق ئىكەن.
ياشار ھەمدۇللانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ دادىسى ھەمدۇللا ئابدۇراخمان ئىلگىرى تىل-يېزىق كومېتىتى لۇغەت تۈزۈش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەپ پېسىيىگە چىققان ئىكەن. ئۇ 2019-يىلى 1-ئايدا دادىسى ھەمدۇللا ئابدۇراخمان ۋە دادىسىنىڭ خىزمەتداشلىرىدىن ئەسقەر ئابدۇقادىر قاتارلىقلارلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان.
ياشار ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تىل-يېزىق كومېتىتى دەيدىغان بۇ ئىدارىنىڭ ھەقىقىي مەۋجۇتلۇق مەسىلىسىمۇ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۈزەتكۈچىلەردە گۇمان قوزغىماقتىكەن.
ئۇ دادىسى ھەمدۇللا ئابدۇراخمان ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا، خىتاينىڭ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۇچۇر مەنبەلىرىدە «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تىل-يېزىق كومېتىتى» دىگەن ئىدارىنىڭ خىزمەتلىرىگە ئائىت ھېچقانداق ئۇچۇرنى تاپالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر مەزكۇر ئىدارىنىڭ ئىلگىرىكى تېلېفون نومۇرلىرىمۇ پۈتۈنلەي ئۇلانمايدىغان بولۇپ قالغان.
ئۇ يەنە چەت ئەللەردىكى باشقا تونۇشلىرىدىن بۇ ئىدارىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئەسلىدىكى ئىش ئورۇنلىرىدىن يۆتكىۋېتىلگەنلىكى توغرىلىق ئۇچۇر ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دادىسى بىلەن ئىلگىرى بىر بۆلۈمدە ئىشلىگەن بەزى خىزمەتداشلىرى كېيىنچە مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرىگە تەقسىم قىلىۋېتىلگەن ئىكەن.