خەلقئارا تۆمۆر سودىسى قىلىۋاتقان بىر نەۋرە ئاكا-ئۇكىلارغا غۇلجادىكى لاگېردا ئاشپەز-ناۋايلىق «ئۆگىتىلمەكتىكەن»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020-12-28
Share
خەلقئارا تۆمۆر سودىسى قىلىۋاتقان بىر نەۋرە ئاكا-ئۇكىلارغا غۇلجادىكى لاگېردا ئاشپەز-ناۋايلىق «ئۆگىتىلمەكتىكەن» ئابدۇسالام ئابدۇۋەلى(سولدا) ۋە ئەكبەر يۈسۈپجان.
BITTER WINTER

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولىۋېلىنغانلار ئارىسىدا كۆپ ساندا ئىلمىي تەتقىقاتچىلار ۋە پەن-تېخنىكا خادىملىرى بولغىنىدەك، خەلقئارا تىجارەتنىڭ ھەرقايسىي ساھەلىرىدە ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتقان تەجرىبىلىك تىجارەتچىلەرنىڭمۇ بارلىقى يېڭى-يېڭى پاكىتلار بىلەن ئاشكارىلانماقتا. دەلىللىنىشىچە، غۇلجادا ئۇزۇن مەزگىل تۈمۈر سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە كېيىن تېىجارىتىنى قازاقسىتانغا كېڭەيتكەن بىر نەۋرە ئاكا-ئۇكا تىجارەتچىلەردىن ئەكبەر يۈسۈپ بىلەن ئابدۇسلام ئابدۇۋەلى غۇلجا شەھىرىدىكى يېڭىيەر لاگېرىدا ئاشپەز ۋە ناۋايلىق ئۆگەنمەكتىكەن

قازاقىستاندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، قازاقىستان بىلەن تۆمۈر سودىسى قىلىۋاتقان بىر نەۋرە ئاكا-ئۇكا تىجارەتلەردىن ئەكبەر يۈسۈپ بىلەن ئابدۇسالام ئابدۇۋەلى 2017-يىلى يۇرتى غۇلجاغا قايتقاندىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان. ئۇلارنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق بۇ ئىككىسىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى ۋە 2019‏-يىلى 4‏-ئاينىڭ 4-كۈنلىرى تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. ئەمما ئۇلار ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇ ئىككىسىنىڭ نېمە سەۋەپتىن تۇتۇلغانلىقى ۋە نەدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر ئالالمىغان.

بۇ ئىككى ئاكا-ئۇكا تىجارەتچىنىڭ قولىمىزغا يەتكۈزۈلگەن سالاھىيەت كېنىشكىسىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەكبەر يۈسۈپ بۇ يىل 48 ياش بولۇپ، غۇلجا شەھىرى شىنخۇا 12-يىلى 11 ‏-قورۇدا ئولتۇرۇشلۇقتۇر. ئابدۇسالام ئابدۇۋەلى بولسا بۇ يىل 38 ياش بولۇپ، غۇلجا شەھىرىنىڭ بەخت كوچىسى19-قورۇسىغا ئولتۇرۇشلۇقتۇر. بىز بۇ تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر كومېتىتى ۋە ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ئاكا-ئۇكىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. خادىملاردىن بىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئاكا-ئۇكىلار تۇتۇلغاندىن بۇيان، بوز، ياماچاڭ ۋە يېڭىيەر قاتارلىق ئۈچ ئورۇندىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» دە بىر مەزگىلدىن تۇرغان. يەنە بىر خادىمنىڭ دېيىشىچە، بۇلار نۆۋەتتە نۆۋەتتە غۇلجا شەھىرىنىڭ «يېڭىيەر تەربىيەلەش مەركىزى» دە تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن.

قازاقىستاندىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار تىجارەتچىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئەكبەر بىلەن ئابدۇسالامنىڭ دادىلىرى غۇلجادا تاقىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن كونا تۆمۈرچىلەردىن بولۇپ، بۇ ئاكا-ئۇكا يېقىنقى يىللاردا تاقىچىلىقتىن ئىبارەت بۇ ئاتا مىراس كەسپىنى تۆمۈر رىشاتكا ياساشقا ئۆزگەرتكەن. يېقىنقى يىللاردا بەلگىلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان غۇلجانىڭ مىللىي بىناكارلىق ۋە ھويلا-ئارام قۇرۇلۇشى بۇ ئاكا-ئۇكىلارنىڭ تىجارىتىگە تېز گۈللىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن. ئۇلار ياسىغان تۆمۈر رىشاتكىلارغا قازاقىستاندىمۇ خېرىدار چىققان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تىجارىتىنى 2010-يىلدىن كېيىن قازاقىستانغا كېڭەتكەن.

ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۈزلۈكسىز سودا قىلىۋاتقان بۇ ئاكا-ئۇكا 2017-يىلىغا كەلگەندە غۇلجادىكى ساقچىلار تەرىپىدىن يۇرتىغا چاقىرتىلغان. ئۆزلىرىنىڭ تىجارەتتىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىشقا ئارىلاشمىغانلىقىغا ئىشىنىپ يۇرتىغا دەرھال قايتقان ئاكا-ئۇكىلار چىگرادىلا بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ تۇتۇپ كېتىلگەن. تۇنجى تۇتۇلۇشىدا بىر ھەپتىچە سوراقتىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن ئاكا-ئۇكىلار، 2018- ۋە 2019-يىللىرى قايتىدىن تۇتۇلۇپ، ئۇچۇرى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا بېرىلمىگەن.

بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، بۇ ئاكا-ئۇكا تىجارەتچىلەرنىڭ مەزكۇر ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» دە نېمە ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى سورىدۇق. ئالاقىدار خادىم يېڭىيەر لاگېرىنىڭ ئۇلار سولانغان بىناسىدا پەقەت ئاشپەز-ناۋايلىقنىڭلا ئۆگىتىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەكبەر بىلەن ئابدۇسالامنىڭمۇ شۇ كەسپنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئەمما ئەكبەر ۋە ئابدۇسالامنىڭ ئاشپەز-ناۋايلىقنى قاچاندىن باشلاپ ئۆگەنگەنلىكى ۋە بۇ ئۆگىنىشنىڭ قاچان تۈگەيدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت