خىتاي ئۇيغۇر تويلىرى «نورمال ئىش» بولسا تەشۋىقاتنىڭ نېمە كېرىكى؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2025.01.30
uyghur-xitay-toylishish-toy-nikah ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرىگە ياتلىق قىلىنىش دولقۇنى ئارقىسىدىكى سىرلار
Photo: RFA

خىتاي ئەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىغا ئۆيلىنىشى توغرۇلۇق خىتاي ئاممىۋى تاراتقۇ ۋىدىيولىرىدىكى يەنە بىر يېڭىلىق شۇكى، ئۇلارنىڭ بىردەك ھالدا بۇ خىل تويلارنى «ھەممىگە ئايان بولغان ناھايىتى نورمال ھادىسە» دەپ تەشۋىق قىلىشىدۇر. خىتاينىڭ دوۋيىن، خاۋكەن دېگەندەك ئاممىۋى تاراتقۇلىرىدا ھازىر «ئۇيغۇر-خىتاي توي قىلىش»، «ئۇيغۇر قىزى بىلەن توي قىلىش»، «ئۇيغۇر گۈللىرىگە ئۆيلىنىش»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق تويلىرى» دېگەندەك ئوخشىمىغان ناملاردا، مەخسۇس خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي ئەرلىرىگە ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنى تونۇشتۇرۇشنى كەسىپ قىلىۋالغان بىر قانچە يۈزلىگەن تور سۇپىلىرىنىڭ جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى كۆرەلەيمىز.

بۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇلغان ئورنى ۋە قوللانغان ناملىرى، ئىشلىتىۋاتقان ئادەملىرى ئوخشىمىسىمۇ، بىراق ئۇلار ئوخشاش بىر كەسپى تەربىيەلەشتىن ئۆتكەندەكلا، ئوخشاش سۆز-جۈملىلەرنى قوللىنىپ تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ. مەسىلەن ئۇلارنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئورتاق شوئارى «ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىشى بەكلا نورمال بىر ئىش»، «بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدىغان نورمال ئىشقا ئايلاندى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيەسى ئاللىقاچان ئېچىلىپ بولدى» دېگەندەك تەشۋىقاتنى، سۆزمۇسۆز، جۈملىمۇجۈملە ئوخشاش تەكرارلىشىدۇر.

بونىڭ ئالدىدا بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى شەھەر، ناھىيە، يېزا-بازارلىرىغىچە مەخسۇس ئۇيغۇر قىزلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي ئەرلىرىگە تونۇشتۇرىدىغان ئاتالمىش «لايىق تونۇشتۇرۇش شىركىتى» ۋە تور سۇپىلىرىنى قۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەتتا 3-5 كۈندىلا تېز سۈرئەتتە توي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، قولايلىق ئىش بېجىرىش سىستېمىلىرىنى بەرپا قىلغانلىقىمۇ ئاشكارىلانغانىدى.

ھازىرقى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايغا تېگىش يۇقىرى دولقۇنى ئىپادىلەنگەن بىرقىسىم خىتاي ئاممىۋى تاراتقۇ ۋىدىيولىرىنى فەيسىبوك قاتارلىق چەت ئەلدىكى تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەپ كېلىۋاتقان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت ۋە يەنە ئابدۇل ئەزىز ئابدۇشۈكۈر قاتارلىقلارنىڭ، يېقىندا دوۋيىن ۋە خاۋكەن قاتارلىقلاردىن تاللاپ ھەمبەھىرلىگەن بۇ خىلدىكى ۋىدىيولىرىدىن يەنە، خىتاي ئەرلىرىگە تەگكەندىن كېيىن، جەمئىيەت ۋە ئائىلىسى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغانلىقىدىن شىكايەت قىلىپ ھەتتا يىغلاپ تۇرۇپ قاقشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋىدىيولىرىمۇ ئاز ئەمەس.

خىتاي ئەرگە تەگكەن بەزى ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ يەنە ئۆزلىرىنىڭ تور سۇپىلىرىدا قارشى ئىنكاس يازغۇچىلارغا تەھدىت سېلىۋاتقان سۆزلىرىدىن، بۇ خىل خىتاي-ئۇيغۇر نىكاھلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشنىڭ، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن خەتەرلىك ئىكەنلىكى، يەنى مۇنداق ئىنكاس بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ خالىغان ۋاقىتتا تۇتقۇن قىلىنىشى مۇمكىنلىكى ئاشكارا بولماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت قوللىشىدا قۇرۇلغان لايىق تونۇشتۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ مەخسۇس «ئۇيغۇر-خىتاي تېز تويلىشىش»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تويى»، «شىنجاڭ گۈلى بىلەن توي قىلىش» دېگەندەك نامدا سۇپىلار ئاچقانلىقى مەلۇم بولغانىدى. لاگېر شاھىنى زۇمرەت داۋۇت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت قىزلىرىدىن خىتايلار ئۈچۈن لايىق ئىزدەشنى تىجارەت كەسپى قىلىۋالغان بۇنداق شىركەتلەرنىڭ ۋە تور سۇپىلىرىنىڭ، دەل شۇنداق خىتايلار بىلەن توي قىلغان ئۇيغۇر چوكانلار تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ھەتتا ئۇلارنىڭ بىرلەشمە تور سۇپىلىرىنى قۇرۇپ خىتاي خېرىدار ئەرلەرگە تونۇشتۇرىدىغان ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

زۇمرەت داۋۇت مۇنداق دېدى: «بۇ لايىق تونۇشتۇرۇش سۇپىلىرىدا بولۇۋاتقان گەپ-سۆزلەرگە قارايدىغان بولسىڭىز، خىتايلار ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنى خۇددى مال سودىسى قىلغاندەكلا تاللايدۇ. خىتايلار توي قىلماقچى بولغان ئۇيغۇر قىز-ئاياللار ھەققىدە تەلىپىنى ئوچۇق ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ ‹بالا تۇغالامدۇ؟›، ‹ئورۇقمۇ، سېمىزمۇ؟›، ‹مەن سېمىزنى ياقتۇرمايمەن، ئورۇقراق بولسۇن› دېيىشىدۇ. بۇ مال سودىسى بولماي نېمە؟ ھالبۇكى خىتايلارغا ئۇيغۇر قىزلىرىنى تونۇشتۇرۇۋاتقان لايىق تونۇشتۇرۇش سۇپىلىرى، بۇ خىل ئۇيغۇر-خىتاي نىكاھلىنىش ھادىسىلىرىنى رايوندىكى ھەممىگە مەلۇم بولغان «نورمال ئىش» دەپ تەشۋىق قىلماقتا.

ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن داۋام قىلىۋاتقان مەجبۇرىي نىكاھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسەت تەدبىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى، دوكتور خېنرىك شېجېۋسكى (Henryk Szadziewski)، ئىلگىرى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈش تەجرىبىسىگە ئاساسەن، ئەگەر ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىشى ئىنتايىن نورمال ھادىسە بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەدەر زور كۈچ ۋە مەبلەغ بىلەن ئۇنى نورمال كۆرسىتىشكە ھاجىتى قالماس ئىدى، دەپ سوئال قويدى.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن خىتاي ئەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توي قىلىشنى نورمال ئىش دەپ كۆرسىتىش ئىنتايىن قىزىقارلىق بىر تەشۋىقات، ئەمەلىيەتتە ئېنىقكى ئەسلىدە بۇنىڭغا قارشىلىق بار. مېنىڭ قەشقەردە كۆرگەنلىرىم شۇكى، ئۇيغۇر ئاياللىرى پەقەتلا ئۇيغۇر ئەرلەر بىلەن توي قىلاتتى. ئەلۋەتتە كىم بىلەن توي قىلىشنى تاللاش ھەر ئادەمنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكى، ئەمما بىز ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئېغىر سىياسىي بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئويلىغىنىمىزدا، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي بىر قارشىلىقى بار. شۇنداقلا بۇ يەردە ئىككى مىللەتنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنىڭ مەۋجۇتلۇقىمۇ بىر تەبىئىي قارشىلىق، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان، دەل بۇ خىل ئۇيغۇر-خىتاي تويلىشىشقا توسقۇنلۇق يارىتىۋاتقان ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش تەدبىرلىرىنى، ئوخشىمايدىغان ئىستراتېگىيەلەرنى يولغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل نىكاھ ئىشلىرىنىڭمۇ ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكى مەلۇم. ئەمما ھۆكۈمەت قوللىشىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىل نىكاھ تەدبىرىگە ھازىرقى ئەھۋالدا ئۇيغۇرلار قانداقمۇ ياق دېيەلىسۇن؟ بۇ يەردە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە نارازىلىق، قارشىلىق بولمىغان بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق تەشۋىقات قىلىشىنىڭ كېرىكى قالمىغان بولاتتى.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 2022-يىلى 11-ئايدا ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇلۇشى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتلەر ئارا تويلاشتۇرۇش سىياسىتى» سەرلەۋھىلىك چوڭ ھەجىملىك دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن تويلاشتۇرۇش سىياسىتىنى دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە سىستېمىلىق ئىجرا قىلىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنى خىتاي جەمئىيىتىگە سىڭدۈرۈۋېتىشنى مەقسەت قىلغان بىر تاكتىكا، دەپ كۆرسىتىلگەنىدى.

دوكتور خېنرىك شېجېۋسكى خىتايغا تېگىشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بولسا، ھازىرقى بۇ سىستېمىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋە قوش قۇربانلىق بېرىۋاتقانلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېدى:

«ئىلگىرى بۇ خىل نىكاھنى قوبۇل قىلماسلىققا ئازراق بوشلۇق بار ئىدى، ئەمما ھازىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىكى مۇھىتتا، ئۇيغۇر قىزلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بۇ خىل بېسىمغا قارشى تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ خىل نىكاھلارنىڭ بەزىلىرى مەجبۇرىي نىكاھ ئىكەنلىكى توغرىسىدا دوكلات ۋە ھۆججەتلىرىمىز بار. ئەلۋەتتە ئۇلار بۇ مۇھىتتا ياق دېيەلمەيدۇ. ئەگەر قارشى چىقسا زور بېسىمغا ۋە جازالارغا يۈزلىنىدۇ. بىز شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، گەرچە گەرچە خىتاي ئەرلىرىگە ياتلىق بولغانلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نىسبەتەن يەنىلا ئىنتايىن بىنورمال غەيرىي ئەھۋال بولسىمۇ، بۇ ئاياللار ئەمەلىيەتتە بۇ سىستېمىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە قوش قۇربانلىق بېرىۋاتقانلاردۇر. ئۇلار بىر تەرەپتىن ئۆز ھەمراھلىرىنى تاللاش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالغان ۋە خىتايلارغا تېگىشىكە مەجبۇر بولغاندىن سىرت، ئۆز جەمئىيىتى ۋە ئائىلىسىدىنمۇ يېتىم قالدۇرۇلىدۇ. ئەلۋەتتە يەنە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىدىغان بەزى ئىجتىمائىي كەمسىتىشلەرمۇ بار. مۇھىمى خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنداق بولىدىغانلىقىنىمۇ ياخشى بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىل مىللەتلەر ئارا تويلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق يەتمەكچى بولغىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى رىغبەتلەندۈرۈش ئەمەس، مۇھىمى ئۇلارنىڭ مەقسىتى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى بۇ ئارقىلىق ئىككىگە پارچىلاشنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ساقلاشتىكى بۇ مۇھىم قورغىنىنى پۈتۈنلەي پارچىلاپ بۇزۇپ تاشلاشتۇر.»

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر قىزلىرىنى غەيرىي رەسمىي ۋاسىتە ۋە بېسىملار ئارقىلىق خىتاي بويتاقلىرىغا توي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى «مەجبۇرىي نىكاھ» دەپ قارالماقتا. خىتاي دائىرىلىرى مۇنداق مەجبۇرلاش مەۋجۇت ئەمەسلىكى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ مەسىلىلەر ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇستەقىل ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويماي كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.