ئامېرىكا پرېزىدېنتى خىتايدا قامالغان ژۇرنالىستلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020.05.03
James-McGavern-Marco-Rubio.jpg ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى جەيمىس مىكگوۋېرن ئەپەندىم (سولدا) ۋە مۇئاۋىن رەئىسى ماركو رۇبىيو ئەپەندىم (ئوڭدا). 2020-يىلى.
Social Media

دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسلىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنى، خىتاي تۈرمىسىدە ئىزتىراپ چېكىۋاتقان ئىلھام توختى قاتارلىق زىيالىي ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا ۋە خىتايدا بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان قەبىھ ئاخبارات چەكلىمىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىدى.

3-ماي «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىرلانغان بۇ مەكتۇپقا كومىتېت رەئىسلىرىدىن جەيمىس مىكگوۋېرن، ماركو رۇبىيو قاتارلىقلار بىرلىكتە ئىمزا قويغان.

مەزكۇر مەكتۇپقا قوشۇپ ئېلان قىلىنغان باياناتتا خىتاي تۈرمىلىرىگە تاشلانغان مۇخبىرلار قاتارىدا ئۇيغۇر ژۇرنالىستلارمۇ ئالاھىدە تىلغان ئېلىندى. 

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «خىتايدا ھازىر قامالغان ژۇرنالىست، تور يازارلىرى دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىگە قارىغاندا كۆپ. بۇلار ئىلھام توختى، خۇاڭ چى، ليۇ گېڭسوڭ، لوبساڭ جاماياڭ، گۈلمىرە ئىمىن ۋە گۇيمىڭ خەي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىدە ئالىدۇ.»

پرېزىدېنت ترامپقا يوللانغان مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلدى: «بىز بۇ مەكتۇپنى خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە سۆز-ئىپادە ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان چەكلىمىلەرنىڭ بارغانچە قەبىھلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىغا نىسبەتەن ئەندىشىلەنگەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن يېزىپ ئولتۇرۇپتىمىز. بۇ نۆۋەتلىك ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىدە بىز سىزنى ئادالەتسىز ھالدا قامالغان ژۇرنالىست، تور يازارلىرى ۋە پىكىر ئەركىنلىكى پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنى ئۇچۇر-ئاخباراتقا قويغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىپ، ئۇچۇر-خەۋەرلەرنىڭ ئەركىن تارقىلىشىغا يول قويۇشقا ئوچۇق-ئاشكارا دەۋەت قىلىشقا چاقىرىمىز.»

مەكتۇپتا يەنە، خەۋەر-ئاخباراتلارنىڭ توسالغۇسىز تارقىلىشى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ئالدىنقى شەرت ئىكەنلىكى، مەيلى باسما، مەيلى تور يازمىلىرى بولسۇن، بۇلاردىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ دۇنياۋى ۋابالارنى توسۇش، خىتايدا قۇل ئەمگىكى بىلەن ئىشلەنگەن تاۋارلارنىڭ ئامېرىكا بازارلىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئىشەنچلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. 

مەكتۇپتا يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان تۇتقۇندىكى زىيالىي ۋە ژۇرنالىستلار قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان.

ئىلھام توختى ھەققىدە بېرىلگەن ئىزاھاتقا ئۇنىڭ 2014-يىلى «بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى» بىلەن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، تۈرمىدە قېيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقى، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىگەنلىكى تىلغان ئېلىنغان.

ئۇنىڭدا يەنە، ئىلھام توختىنىڭ «ئۇيغۇربىز» تور بېتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋە خىتاي مىللىتى ئارىسىدا دىئالوگ قۇرۇپ ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشقانلىقى، ئەمما دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ تور بېتىنى تاقاپ، بۇ تورنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن پەرھات خالمۇرات، شۆھرەت نىجات، ئابدۇقېيۇم ئابلىمىت، مۇتەللىپ ئىمىن، ئاتىكەم روزى، ئەكبەر ئىمىن، لو يۇۋېي قاتارلىقلارنى قولغا ئالغانلىقى بايان قىلىنغان. 

مەكتۇپتا يەنە 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغان گۈلمىرە ئىمىن ھەققىدىمۇ قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن. 

سابىق ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى گۈلمىرە ئىمىن «سەلكىن» ناملىق ئۇيغۇرچە تور بېكىتىنىڭ تور باشقۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ مەزكۇر تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان نامايىش چاقىرىقىغا چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

مەكتۇپ ئاخىرىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى يەنە قولىدىكى بارلىق دىپلوماتىك ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، بۇ يىل مارت ئېيىدا خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئامېرىكا مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايغا قايتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا چاقىرىلغان. 

خىتاي دائىرىلىرى 2020-17-مارت «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى»، «ۋال سترېت ژۇرنىلى گېزىتى» ۋە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» قاتارلىق نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلارغا قاراشلىق بىر قىسىم مۇخبىرلارنىڭ خىتايدا ئىشلەش رۇخسەتنامىسىنى بىكار قىلىپ ئۇلارنى 10 كۈن ئىچىدە خىتايدا چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.