شايار ناھىيەسىدە ئىشلەنگەن «تۇنجى ئايرىلىش» ناملىق فىلىم ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە قويۇلغان

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.10.27
tunji-ayrilish.jpg «تۇنجى ئايرىلىش» فىلىمىنىڭ ب د ت جەنۋە مەركىزىدە قويۇلۇش ئېلانى. 2020-يىلى ئۆكتەبىر، شىۋېتسارىيە.
Social Media

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ئۆمىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى پروگراممىسى ئىشخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 23-ئۆكتەبىر «تۇنجى ئايرىلىش» ناملىق فىلىمنى قويغان.

خىتاي يازغۇچى ۋە رېژىسسور ۋاڭ لىنانىڭ تۇنجى ئەسىرى بولغان «تۇنجى ئايرىلىش» فىلىمى يېزىدىكى ئۈچ ئۇيغۇر بالىسى ۋە ئۇلارنىڭ دېھقانچىلىق ئائىلىلىرىنى مەركەز قىلغان فىلىم بولۇپ، فىلىمدا يېزا مەكتەپلىرىدىكى خىتاي تىلى ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكى، «پارلاق» كەلگۈسى ئۈچۈن خىتاي تىلى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنىڭ چېكىۋاتقان ئىزتىراپلىق ھاياتى تەسۋىرلەنگەن. چەتئەللەردىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ فىلىمگە باھا بېرىپ: «ۋاڭ رېژىسسور بۇ فىلىم ئارقىلىق خىتايدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق يەرلىك مىللەتلەر دۇچ كەلگەن خىرىسلارنى ناھايىتى ھېسسىياتلىق ئىپادىلىگەن،» دەپ يازغان.

مەزكۇر فىلىم بېرلىندا «خرۇستال ئېيىق» مۇكاپاتىغا، توكيودا «‹ئاسىيانىڭ كەلگۈسى› ناملىق ئەڭ ياخشى فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، خوڭكوڭ فىلىم بازىرىدا كۆرۈلۈشكە باشلىغاندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ سودا پۇرسىتى ۋە كىنو فېستىۋالى تەكلىپنامىلىرىنى قوبۇل قىلغان.

4-ئۆكتەبىر لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن «ياشلار كىنو فېستىۋالى» دا «تۇنجى ئايرىلىش» فىلىمى قويۇلۇشقا تاللانغان بولۇپ، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغىلى 20 يىل بولغان رەيچىل ھاررىس خانىم ۋە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ناخشىچىسى ۋە شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم قاتارلىقلار باھالىغۇچىلىققا تەكلىپ قېلىنغان.

رەيچىل ھاررىس خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «باھالىغۇچىلىق تەكلىپىنى ئالغان ۋاقتىمدا ئىككىلەندىم. خىتاي رېژىسىسور تەرىپىدىن ئىشلەنگەن، نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ‹مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى› نى ئىپادىلىمىگەن بىر فىلىمگە باھالىغۇچى بولۇش مېنى بىئارام قىلدى. لېكىن فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن قارارىم ئۆزگەردى. بۇ فىلىم ئاقسۇنىڭ شايار ناھىيەسىدە سۈرەتكە ئىلىنغان ئىكەن. يېزىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھاياتى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىلىدا، تۇرمۇشقا ناھايىتى يېقىن ئىشلەنگەن. بىلىشىمچە، بۇ فىلىمنىڭ رېژىسسورىمۇ شايارلىق ئىكەن.»

رەيچىل خانىم بۇ فىلىمنىڭ خىتايدا قويۇلغانلىقىغا ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇ فىلىم ناھايىتى زېرەكلىك بىلەن ئىشلەنگەن. سىياسەت ھەققىدە بىۋاسىتە ھېچقانداق گەپ-سۆز يوق. بۇ تەرىپى پۈتۈنلەي كۆرگۈچىلەرنىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇلغان. مەن فىلىمدىن ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە قارىتىلغان باستۇرۇشنىڭ باشلانغانلىقىنى، يېزا خەلقىنىڭ سىياسىي سىستېما تەرىپىدىن بېسىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇ فىلىم 2014-2016-يىللىرى ئارىسىدا سۈرەتكە ئىلىنغان. ئۇ چاغدا تېخى ئوچۇق-ئاشكارا باستۇرۇش باشلانمىغان ۋاقىتلار ئىدى. ئەگەر فىلىمنى كۆرگەن كىشى دىققەت قىلسا، يېزىلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق بوزەك قىلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ.»

مەزكۇر فىلىم 2018-يىلى بازارغا سېلىنغان بولۇپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، دۆلەت ھاكىمىيىتى ۋە سىياسىي سىستېمىسىنىڭ سەبىي بالىلارنىڭ ھاياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئۇلارنى چۆچۈتكەن.

رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ قېتىملىق باھالاشقا قاتنىشىش ئارقىلىق فىلىمدا دېيىلمىگەن نۇقتىلارنى كۆرسىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئەسلىدە نامرات ئۇيغۇرلارغا قانداق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقچى بولغان. لېكىن غەربنىڭ كۆزقارىشى بويىچە، فىلىمدىكى ھايات كارتىنىسى بولسا تاللاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان ۋە مۇستەملىكە ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان بىر خەلقنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىدۇر. بىز باھالاشتىكى سوئال-جاۋاب ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاڭلاتتۇق.»

رەھىمە مەھمۇت خانىم ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىدەك خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر بىر پۇرسەتتە ئۆزىنىڭ رايوندىكى ئاتالمىش «ياخشى» سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، 23-ئۆكتەبىر «تۇنجى ئايرىلىش» فىلىمى ب د ت نىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى پروگراممىسى بويىچە قويۇلغان.

بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىنكاس بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كەلدى. بۇ فىلىم قويۇشمۇ ئاشۇ ئۇسۇلىنىڭ بىرى. لېكىن خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتى بازار تاپالمايدۇ، خىتاينىڭ ماھىيىتىنى نۇرغۇن دۆلەتلەر تونۇپ يەتتى، دەپ قارايمەن.»

مەلۇم بولۇشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى پروگراممىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنى سەنئەت ۋە مەدەنىيەتتىن تەڭ بەھرىمەن قىلىشنى مەقسەت قىلغان مەدەنىيەت دىپلوماتىيىسى ھېسابلىنىدىكەن. مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى سەنئەت كۆرگەزمىسى، مۇزىكا كونسېرتلىرى، ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى ۋە كىنو قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ پائالىيەتلەرگە دېپلوماتلار، ب د ت سىستېمىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى، ب د ت نىڭ مەركىزىگە كىرىش رۇخسىتى بولغان ھەر قانداق كىشى قاتناشسا بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.