تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 4-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى پەن-تېخنىكا مۇسابىقىسىگە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قاتناشقان مۈجاھىت قەشقەرلى «رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.
3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر پائالىيەتكە 21 دۆلەتتىن 90 ياش-ئۆسمۈر قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ تېخنولوگىيە، سەھىيە، ئېنېرگىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەلىرىدە ئىجاد قىلغان ئۈسكۈنە ۋە لايىھىلىرىنى كۆرگەزمە قىلغان بولۇپ، پائالىيەت ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئىجادىيەتلىرى تۈركىيە پەن-تېخنىكا ئىدارىسى، تۈركىيە ماركا تىزىملىتىش ئىنستىتۇتى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بولۇپ 8 كىشىدىن تەركىب تاپقان باھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن باھالانغان. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مۈجاھىت قەشقەرلى مەخسۇس «شەرقىي تۈركىستان» نامىدا بۆلۈم ئېچىپ، ئۆزى لايىھەلىگەن مىنا ئىزدەش ماشىنىسىنى كۆرگەزمىگە قويغان. مۈجاھىت قەشقەرلى ئىجاد قىلغان بۇ ئۈسكۈنە «رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.
7-مارت كۈنى ئەنقەرە ئالتىنداغ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن باھالاش كومىتېتى رەئىسى پروفېسسور مۇستافا ئاتا ئەپەندى مۇنۇلارنى دېدى: «ھۆرمەتلىك مىنىستىر، ھاكىم، قىممەتلىك مېھمانلار، سۆيۈملۈك ئوقۇغۇچىلار بۇنداق بىر پائالىيەتنىڭ دۆلىتىمىزدە ئۆتكۈزۈلۈشى دۆلىتىمىز ئۈچۈن، ھەمدە تۈرك دۇنياسى ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ بىزنىڭ كېلەچىكىمىزنى يورۇتۇپ بېرىدىغان بىر پائالىيەت بولدى. بۇ پەقەتلا مۇسابىقە ئەمەس، بۇ پائالىيەت، ئىلمىي تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىجادىيەتلەر، ئىش پىلانلىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئېلىپ بارماقچى بولغان تەتقىقاتلارغا ئاساس يارىتىپ بېرىدىغان پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش ئۆز ئالدىغا زور مۇۋەپپەقىيەت ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ھەممىڭىزلارنى تەبرىكلەيمەن».
ئارقىدىن ئىجادىيەتلىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن دۆلەت ۋە رايونلار ئېلان قىلىندى. بۇنىڭدا ئەنقەرەدىن قاتناشقان ياش-ئۆسمۈرلەر بىرىنچىلىككە، ماكېدونىيەدىن قاتناشقانلار ئىككىنچى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ياقۇتىستان رايونىدىن كەلگەن ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى. يىغىن رىياسەتچىسى شەرقىي تۈركىستانلىق مۈجاھىت قەشقەرلىنىڭ «رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى مۇنداق جاكارلىدى.
بىز مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مۈجاھىت قەشقەرلىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىگە بەك خۇرسەن بولغانلىقىنى، بۇنىڭدا ئۆزىنى ئىزچىل ھالدا قوللىغان ئاتا-ئانىسىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ خەلققە پايدىلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىجاد قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
مۈجاھىت قەشقەرلىنىڭ دادىسى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى ئوغلى مۈجاھىت قەشقەرلىنىڭ ھازىرغىچە 3 قېتىم بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىنى، تۇنجى قېتىم، يەنى بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى، بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
5-مارتتىن 7-چېسلاغىچە 3 كۈن داۋاملاشقان تۈرك دۇنياسى پەن-تېخنىكا مۇسابىقىسى بولغان كۆرگەزمە زالىدىكى «شەرقىي تۈركىستان» نامىدىكى بۆلۈمنى بەزى پارتىيەلەرنىڭ رەئىسلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ۋىلايەتنىڭ ھاكىمى ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە كۆپ ساندا ئوقۇغۇچىلار ئېكسكۇرسىيە قىلغان. مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
بۇ مۇسابىقىنى تۈرك دۇنياسى بالىلار فوندى، تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن ئەنقەرە ئالتىنداغ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇرۇنقى 3 قېتىملىقى تۈركىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىكەن.
0:00 / 0:00
