ئىستانبۇلدا «تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى» نىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇراننى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
2024.12.31

12-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىستانبۇلدا «تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقى» تېمىسىدا يىغىن ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا «تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى» نىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇراننىڭ ئۇيغۇر نەشرىيات ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى ئەسلەپ ئۆتۈلدى ھەمدە تەقدىرلەندى.
بۇ قېتىملىق تەقدىرلەش يىغىنىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، جۈملىدىن ئابدۇجېلىل تۇراننىڭ دوستلىرىدىن دولقۇن ئەيسا، دوكتور رىشات ئابباس، ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، روشەن ئابباس، ئەلى ئەكبەر ھاجىم، ئۆمەر قانات ۋە تۇيغۇن ئابدۇۋەلى، ۋە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد قاتارلىق كىشىلەر بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. يىغىنغا ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، تۈركىيە قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن تەشكىلات مەسئۇللىرى، پائالىيەتچىلەر، يازغۇچى-تەتقىقاتچىلار، دىنى ئۆلىمالار بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
يىغىن «قۇرئان كەرىم» تىلاۋىتى قىلىش ۋە ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىنىڭ ھايات پائالىيىتى تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرسىتىش بىلەن باشلاندى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تۈركىيەگە كىرىشى چەكلەنگەنلىكى سەۋەبلىك يىغىنغا ۋىدىئولۇق تەبرىكنامە ئەۋەتكەن ئىدى. ئۇ مەزكۇر تەبرىكنامىدە ئابدۇجېلىل تۇران بىلەن 1994-يىلى تۈركىيەدە تونۇشقاندىن بۇيانقى كۈرەش مۇساپىلىرىنى ھەمدە بۇ جەرياندا دۇچ كەلگەن جاپا-مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىقلارنى بىللە يېڭىپ ئۆتكەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتكەن ئىدى. ئۇنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى يىغىن ئەھلىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى: «ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى مىللىي نەشرىياتچىلىقىمىزنىڭ چەتئەللەردە ساقلىنىپ قېلىشىدا مۇھىم ۋە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان بىر سەپدىشىمىز. ئۇ ھەم دىنىي ھەم مىللىي قىممەت قاراشلىرىمىزغا ئىگە چىققان ئاساستا بۇ خىزمەتنى داۋام قىلدى. ئۇ يەنە ۋەتەن ئىچىدە چەكلەنگەن، ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان ‹ئۇيغۇرلار›، ‹ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى›، «‹شەرقىي تۈركىستان تارىخى› دېگەندەك گۆھەر كەبى ئەسەرلەرنى قايتىدىن نەشر قىلىپ مىللىي نەشرىياتچىلىقىمىزنى ۋە مىللىي تارىخىمىزنى ساقلاپ قېلىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى».
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بۇ تەقدىرلەش پائالىيىتىنىڭ، مىللەتنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئىنقىلابچىلارنى، يازغۇچى-شائىرلارنى، جامائەت ئەربابلىرىنى ۋە تۆھپىكار شەخسلەرنى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئەمەس، ھايات ۋاقتىدا باھالاش ۋە تەقدىرلەش ئەنئەنىسىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن بىر باشلىنىش بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىمۇ بۇ قېتىملىق يىغىنغا ۋىدىيولۇق تەبرىكنامە يوللىغان ئىدى. ئۇ تەبرىك ۋىدىيوسىدا مۇنداق دەيدۇ: «بىز مىللىي ھەرىكىتىمىز ئۈچۈن ۋە مىللىي قىممەت قاراشلىرىمىزنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئابدۇجېلىل تۇراندەك تۆھپىكارلىرىمىزنى قەدىرلەشكە، ئىززەتلەشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز ۋە بۇ گۈزەل ئەسلىمىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. چۈنكى بۇ خىل تەقدىرلەش باشقا قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ ئىلھام بەخش ئېتىدۇ ۋە ئابدۇجېلىل تۇرانغا ئوخشاش كۆپلىگەن تۆھپىكارلىرىمىزنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ۋەسىلە بولىدۇ».
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى، دورىگەرلىك تەتقىقات ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى يىغىنغا ئۆزى كېلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ۋىدىيولۇق تەبرىك يوللىغان ئىدى. مۇنداق دېدى: «مۇھاجىرەت ھاياتىدا قېرىندىشىمىز ئابدۇجېلىل تۇران 30 نەچچە يىلدىن بېرى ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن كىتابلارنى يىغدى ۋە ئىستانبۇلدا ‹تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى› نى قۇرۇپ ۋەتەن سىرتىدا يېزىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى نەشر قىلدۇردى. مەلۇم بولغىنىدەك خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن بېرى ۋەتىنىمىزدە ئاسسىمىلياتسىيە ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپتىن چەكلەپ، ئۇيغۇرچە نۇرغۇن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يىغىۋېلىپ يوق قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقان مۇشۇنداق جىددىي بىر پەيتتە، مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى قوغداپ قېلىشتا قېرىندىشىمىز ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىمنىڭ ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىق خىزمىتىدە ئوينىغان ئىزچىل ۋە ئاكتىپ رولى دەۋا يولىمىزدا ئىنتايىن مۇھىمدۇر».
مەركىزى ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى يىغىندا ئالاھىدە سۆز قىلدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ئابدۇجېلىل تۇران بىلەن كىچىكىدىن باشلاپ تونۇشىدىغان بولۇپ، 1986-يىلى مىسىرغا ئوقۇشقا چىققاندا ئاشۇ جايدا بىللە ئوقۇغان. ئۇ سۆزىدە ئابدۇجېلىل تۇراننىڭ چەتئەلگە چىققاندىن بۇيان توختىماي كىتاب توپلاش ۋە كىتاب-ژۇرنال نەشر قىلىش خىزمىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى يالغۇز تۈركىيەدىلا ئەمەس، غەرب دۆلەتلىرىدىكى نۇرغۇن تەتقىقاتچىلارنىڭمۇ ياخشى تونۇيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىدىكى ئىزچىللىق يەنى كىتاب نەشر قىلىش خىزمىتىنى توختاتماي ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ماختاشقا سازاۋەر.
ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىنىڭ مىللىي ۋە دىنى بىلىملەرنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر-بىرىدىن ئايرىماستىن ھەر ئىككى ساھەنى مۇھىم دەپ قاراپ كەلگەنلىكى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە مىراس قالدۇرۇش ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى ھەقىقەتەنمۇ تەشەككۈر ئېيتىشقا ئەرزىيدۇ. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىنى ھەر ۋاقىت قوللاپ، يېنىدا بولغان ئايالى جەمىلەگۈل ۋە پۈتۈن ئائىلىسىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىممۇ يىغىندا ئايرىم سۆز قىلدى. ئۇ ئابدۇجېلىل تۇراننىڭ ئىلمىي خىزمىتىگە باھا بېرىپ، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يوقىتىۋاتقان ۋە چەكلىگەن يۈزلىگەن نادىر ئەسەرلەرنى قايتىدىن نەشر قىلىش ۋە توپلاش يولىدىكى شىجائىتىگە ئاپىرىن ئېيتتى. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى ساھەسىگە دائىر ئەسەرلەر، شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ مەنىۋىيەت بايلىقلىرى يوقىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قالغان. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى سۆزلەپ كېلىپ «ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ بىر مۇنەۋۋەر قوغدىغۇچىسىدۇر» دېدى
«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا، مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇسالام ئالىم، سىراجىددىن ئەزىزى قاتارلىقلارمۇ يىغىندا ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىنى تەقدىرلىدى ۋە ئۇنىڭ نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە كۆرسەتكەن ئىلمىي خىزمىتىگە يۇقىرى باھا بەردى.
ئاخىرىدا «تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى» نىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە ئۆزىنىڭ خۇشال ئۆتكەن ياكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتلىرىدىمۇ كىتاب نەشر قىلىش خىزمىتىنى توختاتماي ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، قولىدىن كېلىشىچە خەلقى ۋە دىنى ئۈچۈن تەلەپكە لايىق خىزمەت قىلىشقا تىرىشىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك يىللاردىن بۇيان ئۆزىنى قوللاپ كەلگەن دوستلىرى، سەپداشلىرى، ئۇستازلىرى ۋە ئائىلىسى بولۇپ، بارلىق يېقىنلىرىغا تەشەككۈر ئېيتتى.
پائالىيەتتە ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىگە مەخسۇس تون ۋە دوپپا كىيدۈرۈلدى. بەزى دوستلىرى ۋە سەپداشلىرى ئۇنىڭغا قىممەتلىك ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلىش بىلەن تەقدىرلەش پائالىيىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.