دوكتۇر مۇھىتتىجان ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلاندى

0:00 / 0:00

26-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئومۇمىي يىغىن ئاچقان. يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، رەئىس ۋە ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى يېڭىدىن سايلاپ چىقىلغان. سايلام نەتىجىسى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان.

ئىگىلىشىمىزچە، دوكتۇر مۇھىتتىنجان ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە قايتا سايلانغان. مۇئاۋىن رەئىسلىككە ھافىز ئوسمان قاراقاش، باش كاتىپلىققا سەما ئۇيغۇر بىداك، بۇغالتىرلىققا مەھمەت قەشقەرلى، مالىيە ئىشلىرى مەسئۇللۇقىغا مۇھەممەت نۇر تۇرپان سايلانغان.

بىز شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ بۇ قېتىملىق سايلامى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، مەزكۇر ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتۇر مۇھىتتىنجان ئۇيغۇر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ بۇ قېتىملىق سايلامىنىڭ دېموكراتىك بىر شەكىلدە مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇھىتتىنجان ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستان ۋەخىپىنىڭ خىزمەت-پىلانلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ ۋەخپىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۈركىيە خەلقىگە، تۈركىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ۋە تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەرگە ئاڭلىتىشنى ئاساسلىق كۈنتەرتىپكە قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇھىتتىنجان ئۇيغۇر يەنە تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى ئىمكانىيەت يار بەرگەن دائىرىدە ھەل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە بۇ سايلامغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مۇتەۋەللى ھەيئەت ئەزاسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن تەرىپىدىن تۈركىيەدە ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان نامىدىكى ۋەخپە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە بۇ ۋەخپىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۇنىۋېرىستېتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ يېتىشتۇرۇش، تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقامەت ئىشلىرىنى ھەل قىلىش دېگەندەك ھەر تەرەپلەمە ساھەلەردە مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيەنىڭ تۈرلۈك ئۇنىۋېرىستېتلىرىدا ئوقۇتۇپ يېتىشتۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ھازىر تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان ئۇنىۋېرستېتلىرىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلماقتىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭمۇ شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ياردىمى بىلەن تۈركىيەدە ئوقۇپ يېتىشكەنلىكىنى ۋە ھازىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچى ۋە ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخىپنىڭ بۇ قېتىمقى سايلىمى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ شەرقىي تۈركسىتان ۋەخپىنىڭ يېڭى سايلانغان ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن يېڭى يول، يېڭى ئۇسۇللار بىلەن خىزمەت باشلىشىنى ھەمدە بۇ جەھەتتە ئۈنۈم يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.