تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە ئازاپ چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىنى ئەسلەش ئىچىدە ھېيت ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-06-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
بۇرسا ئوسمانگازى رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى مۇستافا دۈندار ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2019-يىلى 4-ئىيۇن، تۈركىيە.
بۇرسا ئوسمانگازى رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى مۇستافا دۈندار ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2019-يىلى 4-ئىيۇن، تۈركىيە.
RFA/Erkiin Tarim

4-ئىيۇن كۈنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭ ھېيتلىرىدىن بىرى بولغان روزى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى. ھېيىتلار، ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئاداۋەتلەرنى ئۇنتۇپ، كېلىشىدىغان، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىدىغان قېرىنداشلاردەك قۇچاقلىشىپ ھېيتلىشىدىغان كۈندۇر. بۇ ھېيت ئىسلامنىڭ بەش شەرتىدىن بىرى بولغان 30 كۈن روزىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئۇرۇق-تۇغقان، ئەل-ئاغىنە، ئەل-يۇرت، دوست-يارەنلەر جەم بولىدىغان، چوڭ-كىچىك ھەممە كىشى سۆيۈنىدىغان كۈن.  بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كۈن چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بولسا كۆپرەك مۇڭ، قايغۇ ۋە غەم باسىدىغان، سېغىنىش، ھىجران ئوتلىرى يەنىمۇ كۈچىيىدىغان، كۆڭلى يېرىم بولىدىغان پەيتلەر ئىكەن.

بۇ يىل روزى ھېيتتا تۈركىيەدە 9 كۈن تەتىل بولىدۇ. تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار  ئەڭ كۆپ بولغان بۇرسا، كاستامونۇ شەھىرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار روزى ھېيتىنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؟

بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە، بۇرسا  ۋە كاستامونۇ  شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

بىز تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مەسئۇلى ئابدۇلخەمىت قاراخان  ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، گەرچە ئەنقەرەدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، ئەتىگەن ھېيت نامىزى قىلىپ، چۈشتە ئەنقەرە سىرتىدىكى موگان كۆلى بويىغا يىغىلىپ، بىرلىكتە غىزالىنىپ  ئوپچە ھېيتلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

كېيىنكى يىللاردا تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىمۇ تېزلا كۆپەيدى. تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 2080 ئەتراپىدا ئىكەن. تۈركىيەنىڭ غەربىي رايونىغا جايلاشقان بۇرسا شەھىرىدىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدا 120 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا. بۈگۈن، يەنى  ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇيغۇر  ئوقۇغۇچىلار بۇرسا شەھىرىنىڭ تارىخىي مەسچىتلىرىدىن بىرى  بولغان ئۇلۇغ جامەسىدە بىر يەرگە جەم بولۇپ ھېيت نامىزى قىلغان.  نامازدىن كېيىن تارىخىي مەسچىتنىڭ ئالدىغا كۆك بايراقنى ئېسىپ، ھەممە بىردەك ساماغا  بولۇپ، ساما جامائەتنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ساما ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى ئابدۇلقادىر ئابدۇكېرىم مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. بۇرسا ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى ئابدۇلقادىر ئابدۇلكېرىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ئارقىدىن بۇرسا ئوسمانگازى رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى مۇستافا دۈندار ئەپەندى بايانات بېرىپ تۈركلەرنىڭ ھەر دائىم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى، بۇ ئىككى قېرىنداش خەلق ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىشىشنى ھېچ كىمنىڭ بۇزالمايدىغانلىقىنى  تەكىتلىگەن.  ئابدۇقادىر ئابدۇلكېرىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

تۈركىيەنىڭ شىمالىي قارادېڭىز رايونىغا جايلاشقان كاستامونى  ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ 110 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا. بۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ بىر يەرگە جەم بولۇپ، ھېيتى نامىزى ئوقۇپ ئۆزارا  ھېيىتلاشقان. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى مەخمۇتجان ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.  

بۇرسا شەھىرىدىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېيت نامىزىدىن كېيىن مەسچىت ئالدىدا ساما ئۇسۇلى ئويناپ، بايانات ئېلان قىلغانلىقى توغرىسىدا  بۇرسادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى «ئۇيغۇرلار خىتاي تەرىپىدىن چەكلەنگەن ئۆرپ-ئادەتلىرىنى بۇرسا شەھرىدە نامايەن قىلدى» تېمىسىدا خەۋەر قىلىپ تارقاتتى.   

تۈركىيە قازاقىستاندىن قالسا ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر ئولتۇراقلاشقان دۆلەت ھەسابلىنىدۇ. 4-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئىستانبۇل ۋە قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز ئەنئەنىلىرى بويىچە روزى ھېيىتىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان بولغاچقا  ئۇلار روزى ھېيىتنى بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان ھالدا كۆڭلى يېرىم ئۆتكۈزمەكتە ئىكەن. ئىستانۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارىق جەمىيىتى رەئىسى ئىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت