خىتاينىڭ «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نىڭ ئاشكارىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

0:00 / 0:00

26-ماي پەيشەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا خىتاينىڭ «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نىڭ ئاشكارىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى ۋە دۇنيا جامائىتىنى خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشقا ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ئەزالىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

خىتاينىڭ «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى قىيىن-قىستاق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانىدى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا مەزكۇر «ساقچى ھۆججەتلىرى» دىن ئاشكارا بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتايغا قارشى: «ھەق-ھوقۇق ئادالەت، شەرقىي تۈركىستانغا ھۆرىيەت» دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار توۋلىدى.

«خىتاي ساقچى ئارخىپلىرى» نىڭ ئاشكارىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلغان خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 26-ماي، تۈركىيە.

نامايىشتا يەنە «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىن ئاشكارا بولغان ۋە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ھەم تۈرمىلەرگە قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرى چاپلانغان 10 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى لوزۇنكا كۆتۈرۈلدى. بۇ لوزۇنكىغا يەنە «شەرقىي تۈركىستاندا ئاياللار ۋە كىچىك باللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ»، «قىرغىنچىلىق يوشۇرۇن قالمايدۇ، مىليونلىغان ئىنسانلار يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا» دېگەندەك چوڭ خەتلەر يېزىلغانىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى باياناتچىسى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار، بۇ نامايىشنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم ئاشكارا بولغان ماتېرىياللارنىڭ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قۇرغان جازا لاگېرلىرى ئىچىدىكى رەسىملەرنىڭ، ئۇچۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارغا ۋە كۈنتەرتىپكە كېلىشىدىن ئىبارەت بۇ ئەھۋالنى دۇنياغا جاكارلاش شۇنىڭدەك شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەھشىي ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن دۇنيا جامائىتىگە چاقىرىق قىلىش مەقسىتىدە نامايىش ئېلىپ بېرىلدى».

نامايىشقا ئانادولۇ ئاگېنتلىقى(AA)، دېمىرۈرەن خەۋەر ئاگېنتلىقى (DHA) ۋە ياپونىيەنىڭ NHK قاتارلىق چوڭ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ خەۋەر تارقىتىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، نامايىش جەريانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىگە ۋاكالىتەن نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ئۇ باياناتتا ئالدى بىلەن بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلىرىگە قامالغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ»، دېدى.

نۇرىددىن ئىزباسار سۆزىدە يەنە، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا 15 ياشتىن 80 ياشقىچە بولغان ھەر ياشتىكى ئىنسانلارنىڭ سەۋەبسىز سولانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي دىكتاتور دائىرىلىرى دەسلەپتە جەمئىيەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر رەھبەرلەرنى نىشانغا ئېلىش بىلەن بىرگە ھەر ساھە ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر كەسىپ خادىملىرىنى تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قاماپ قويدى. جازا لاگېرلىرىدا ئېغىر جىسمانىي ۋە پسىخولوگىيەلىك قىيناشلار ئېلىپ بېرىلماقتا، قىيناش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق قورقۇش كەيپىياتى يارىتىپ، كىشىلەرنى دىنى، مىللىي كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىماقتا. ئەڭ ئېچىنارلىقى ئۇلارنى قىيىن-قىستاققا ئېلىش يەتمىگەندەك، ھەر كۈنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى كاتتىۋېشى شى جىنپىڭغا تەشەككۈر ئېيتىشقا مەجبۇرلىماقتا».

نۇرىددىن ئىزباسار سۆزىدە يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر دىيارى زىيارىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر تۈركۈم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ھازىر خىتايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئۆزلىرىنىڭ تارىخى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا، خىتاينىڭ سادىر قىلغان جىنايى قىلمىشلىرىنى نەق مەيداندا ئېنىقلاپ، دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلەن ئورتاقلىشىشقا چاقىرىق قىلىمىز، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىشقا، پۈتۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگانلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈپ خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشكە قايىل قىلىشقا، ب ت د غا ئەزا پۈتۈن دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان بىر كۆزىتىش ھەيئىتى تەشكىللەپ شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىشكە، خەلقئارا ئالىي سوت مەھكىمىسىگە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈستىدىن ئەرزنامە سۇنۇشقا چاقىرىق قىلىمىز».

نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى نامىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا پارلامېنتىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىشقا، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقنى توختاتقۇچە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ چېگراسىنى خەلقئاراغا ئاچقۇچە خىتاي بىلەن بولغان پۈتۈن سودا كېلىشىملىرىنى توڭلىتىشقا، خىتاي ماللىرىنىڭ ياۋروپاغا كىرىشىنى چەكلەشكە، قۇللۇق ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپ چىقىرىلغان زەنجىرسىمان سودا ماركىلىرىنىڭ ياۋروپاغا كىرىشىنى ۋە سېتىلىشىنى چەكلەشكە چاقىرىق قىلىمىز. شۇنداقلا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى، تۈرك دۆلەتلەر بىرلىكى تەشكىلاتى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى جىددىي تەنقىد قىلىشقا، خىتاي بىلەن بولغان پۈتۈن مۇناسىۋەتلىرىنى توڭلىتىشقا ۋە خىتاينىڭ خەلقئارا ئالىي سوت مەھكىمىسىدە سوتقا تارتىلىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولۇشقا چاقىرىق قىلىمىز».

نامايىش جەرياندا سۆز قىلغان يەسەۋىي ئالپەرەنلەر تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كۇرشات مىجان ئەپەندى، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا ئاخىرقى بىر ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ قەتلىئامى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىسكەنجىسى يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ، دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىۋاتقان يەر-شەرقىي تۈركسىتاندۇر. بۇ ئەھۋال ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلغان ھەر بىر مۇسۇلمان ۋە تۈرك ئۇ يەردىكى زۇلۇمغا شېرىك بولغان ھېسابلىنىدۇ ۋە بۇنىڭ ئېغىر سورىقىغا قالىدۇ، بىز ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىشىمىز كېرەك».

نامايىشتا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەخمۇتجان داموللام ئەرەب تىلىدا سۆز قىلىپ، ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى.