تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە، كاستامونۇ ۋە قارابۈك شەھەرلىرىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
2019.10.01
بۈگۈن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە، كاستامونۇ ۋە قارابۈك شەھەرلىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ «جازا لاگېرلىرى» غا ۋە «70 يىللىق ئاسارەتكە قارشى» ئىرادىلىرى بىلدۈرۈلدى.
د ئۇ ق بۇرۇن، 1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان، ئۇيغۇر ئېلى ئىستىلا قىلىنغان 10-ئاينىڭ 1-كۈنىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «ماتەم كۈنى» دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى بۇ كۈنى خىتايغا قارشى نامايىش ۋە باشقا نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە ئىدى. بۈگۈن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە بىلەن تۈركىيەنىڭ كاستامونۇ ۋە قارابۈك شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشلارغا تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى قاتناشتى.
1-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئۇلۇس مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا، قەيسەرى، ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن سىرت تۈركىيەنىڭ 450 مىڭ ئەزاسى بار كادىرلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى ئۆندەر كاھۋەچى ئەپەندى باشچىلىقىدىكى كۆپ ساندا رەھبەر ئىشتىراك قىلدى. بۇلاردىن سىرت «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەنىڭ بەزى مەسئۇللىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.
بىرقانچە تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت-ژۇرناللارنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان نارازىلىق نامايىشتا قولىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن تۈرك بايرىقى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا تۇرغان ئۆندەر كاھۋەچى ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ قېلىپىدىن چىققان بېسىم سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «قىممەتلىك دوستلار، قىممەتلىك مۇخبىرلار، ھۆرمەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىق جاپاكەش قېرىنداشلىرىم قىممەتلىك نامايىش ئەھلى، خانىملار، ئەپەندىلەر كۆزىمىزدىن ئۇزاق كۆڭلىمىزگە يېقىن شەرقىي تۈركىستاندىن كۆتۈرۈلگەن پەريادلار بىلەن قەلبىمىز بىئارام بولماقتا. 150 يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خەلقى قان يېشى تۆكمەكتە دۇنيا بۇنى كۆرمەسلىككە سالماقتا. بۇنىڭدىن 70 يىل بۇرۇن بولسا كوممۇنىست خىتاي بۇ زېمىننى بېسىۋالدى. ئىنسانىيەت تراگېدىيەسىمۇ شۇ ۋاقىتتا باشلاندى. 70 يىلدىن بۇيان خىتاي دۆلىتى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئېلىپ بارماقتا. خىتاي بېسىمىدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلار ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈش ھەققىگە ئىگە ئەمەستۇر. خىتاي بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا. بىز كادىرلار ئۇيۇشمىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىمىز».
ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتناشقان كىشىلەر قوللىرىدا «ئىشغالچى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال، شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق، جازا لاگېرلىرى ئېتىۋېتىلسۇن» دېگەن شوئارلارنى كۆتۈرگەن ھالدا، «قاتىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال» دېگەن شوئارلارنى توۋلاشتى.
نامايىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروپونىمىزنى نامايىشچىلارغا ئۇزاتتۇق، ئۇيغۇر زىيالىيسى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى بۇ نامايىش ئارقىلىق خىتاينى چىقىپ كېتىشكە چاقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇ نامايىشنى تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى بىلەن بىللە ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشقۇرۇش ھەيئەتى ئەزاسى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى بۈگۈنكى نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
«ئىيى»، يەنى ياخشى پارتىيە مەسئۇللىرىدىن ئەرخان سۇن ئەپەندى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «قان قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاش ئۈچۈن كەلدۇق. قېرىنداشلىرىمىزنى ئاخىرغىچە قوللايمىز. خىتاينى ھەر يەردە ھەر دائىم ئەيىبلەيمىز. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۆز ۋەتىنىدە ئەركىن ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە بولغۇچە ئۇلارنى قوللايمىز».
مەركىزى ئىستانبۇل شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدا باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى نامايىشقا چاقىردى.
نامايىشتا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقلارنى، خىتاي تۈرمىلىرىگە بەند قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرى بېسىلغان تاختايلارنى، ھەر تۈرلۈك شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشكەن ئۇيغۇرلار جاراڭلىق شوئار سادالىرىنى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان غەزەپ-نەپرەتلىرىنى ئىپادە قىلىشتى.
1-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ بولغان تۈركىيەنىڭ كاستامونۇ شەھىرى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەڭ ئاز بولغان قارابۈك شەھىرىدىمۇ خىتاي ئىشغالىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. قوللىرىدا كۆك بايراق بىلەن «شەرقىي تۈركىستان 70 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا، شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان 60 ئەتراپىدا ئۇيغۇر خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى ئابدۇزاھىر ئەپەندى پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
تۈركىيەنىڭ شىمالىي رايونىغا جايلاشقان قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مامۇتجان ئەركىن، ئايالى ۋە كىچىق قىزى بىلەن بىرلىكتە قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان ۋاراقچە تارقاتقاندىن سىرت جازا لاگېرلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەرنى كۆتۈرۈپ مەكتەپنى ئايلانغان. مامۇتجان ئەركىن ئەپەندى بۇ نامايىشى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
بۈگۈن، يەنى 1-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي ئىشغالىنىڭ 70-يىللىقى كۈنى بولۇپ تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭمۇ مۇھىم تېمىسىغا ئايلاندى.