ئىككى نەپەر پارلامېنت ئەزاسى تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلىدى

0:00 / 0:00

12-نويابىر كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 91 يىللىقى ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. مانا مۇشۇ كۈندە، تۈركىيە «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى مەسئۇلى ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ ئەپەندى، 12-نويابىر كۈنىدىكى پارلامېنت ئومۇمىي يىغىنىدا 20-ئەسىردە قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.

شۇ كۈنى يەنە «يېڭى سائادەت» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى دوغان بېكىن ئەپەندى، تۈركىيە پارلامېنتىدا مەخسۇس مەتبۇئات يىغىنى چاقىرىپ ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلىدى.

ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ ئەپەندى، 600 دەك پارلامېنت ئەزاسى ئىشتىراك قىلغان ئومۇمىي يىغىندا تارىختىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن مۇھىم بىر كۈن، يەنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىدۇر. شەرقىي تۈركىستانلىقلار غۇرۇرلۇق ۋە ئىرادىلىك بولۇپ، پۈتۈن تۈركىستان خەلقىگە ئۆرنەك بولدى. بىز خىتاي ئىشغالى ئاستىدا ھەر تۈرلۈك ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىلەرگە ئۇچراۋاتقان، 21-ئەسىردىمۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەر دائىم ئاۋازى بولۇشقا تىرىشىۋاتىمىز».

ئۇ، «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يەنە بىر مەسىلە شۇكى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ‹ئەسەبىي›، ‹چەت ئەللەر بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن› دېگەندەك ئەيىبلەشلەرنى قىلىۋاتقانلارنى مەن قاتتىق ئەيىبلەيمەن. مەن بۇرۇنمۇ دەپ ئۆتكەن ئىدىم، خىتاينىڭ تەسىرى تۈركىيەدە بىز پەرەز قىلغاندىنمۇ كۈچلۈك. خىتاي بەزى ئاخبارات ئورگانلىرىنى ۋە ژۇرنالىستلارنى ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئېلىۋالدى. مەن بۇ يەردە ‹ئىيى› پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى تەكىتلىمەكچىمەن».

«يېڭىدىن رەفاھ» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى دوغان بەكىن تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆزلەۋاتىدۇ. 2023-يىلى 1-دېكابىر، ئەنقەرە
«يېڭىدىن رەفاھ» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى دوغان بەكىن تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆزلەۋاتىدۇ. 2023-يىلى 1-دېكابىر، ئەنقەرە (RFA/Erkin Tarim)

12-نويابىر كۈنى پارلامېنت ئەزاسى دوغان بېكىن ئەپەندىمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك مۇخبىرلار، بۈگۈن 1933-يىلى 12-نويابىر كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتى بىلەن 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجادا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان خاتىرە كۈندۇر. 1933-يىلىدا قەشقەردە قۇرۇلغان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاغدۇرۇپ تاشلانغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان خەلقى قايتا زۇلۇم ئاستىدا قالغان. بۇ زۇلۇمغا 1944-يىلى ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا ۋاقىتلىق خاتىمە بېرىلگەن. ھالبۇكى، بۇ جۇمھۇرىيەتمۇ 1949-يىلى ئۆكتەبىردە كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىشغالى بىلەن ئاخىرلاشقان. شۇ كۈندىن تارتىپ خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئېلىپ بارماقتا».

ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى «يېڭى يىپەك يولى پىلانى» نى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا بېسىم سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ‹يېڭى يىپەك يولى› ئۈستىدىكى ئەڭ مۇھىم تۈگىنىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي بۇ رايونغا خىتايلارنى كۆپلەپ جايلاشتۇرماقتا. بۇنىڭ نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى بۇزۇلۇۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە مىليونلىغان خىتايلار شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈلۈۋاتىدۇ. 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي بېسىۋالغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي نوپۇسى ئاران 5 پىرسەنتنى تەشكىل قىلاتتى. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي نوپۇسى خىتاينىڭ رەسمىي ئىستاتىستىكىلىرى بويىچە 45 پىرسەنتكە چىققان. خىتاينىڭ رايوندىكى نوپۇسى بۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بىز خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى يەرلىك خەلقلەرگە قاراتقان بېسىم سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە دۇنيا دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرىشىنى تەلەپ قىلىمىز».

ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى، «ئىيى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ ئەپەندى گەرچە قىسقا سۆزلىگەن بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە پارلامېنتىدا دېيىلىپ باقمىغان بىر قانچە نۇقتىنى يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىدە بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى، گەرچە يېقىنقى يىللاردا تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كۈچەيگەن بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى داۋاملىق كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ بۇنداق ئىزچىل يوسۇندا كۈنتەرتىپكە كېلىپ تۇرۇشىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ 2018-يىلىدىن تارتىپ «ئىيى» پارتىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. ئۇ، 2023-يىلى 14-ماي كۈنىدىكى سايلامدا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. دوغان بېكىن ئەپەندى 2023-يىلى 14-ماي كۈنىدىكى سايلامدا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان بولۇپ، بىر يېرىم يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى پارلامېنتتا ئاڭلىتىپ كەلمەكتە.