تۈركىيە پرېزىدېنت سايلىمىدا رەجەپ تاييپ ئەردوغان ئۇتتى
2023.05.29

تۈركىيە ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، پارلامېنت تۈزۈمىدىن پرېزىدېنتلىق، يەنى دۆلەت باشلىقى ھۆكۈمەت قۇرىدىغان تۈزۈمگە ئۆتكەندىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق سايلامدا ھېچقانداق نامزات ئومۇمىي ئاۋازنىڭ %50 تىن كۆپىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىككى ھەپتىدىن كېيىن قايتا سايلام ئۆتكۈزۈلدى. 28-مايدىكى سايلامدا رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاۋازنىڭ %52 نى ئېلىپ تۈركىيەنىڭ 13-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى.
تۈركىيە ئالىي سايلام كومىتېتى باشلىقى ئەخمەت يەنەر ئەپەندى 28-مايدا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمى توغرىسىدا مۇخبىرلارغا مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «پرېزىدېنت نامزاتى رەجەپ تاييپ ئەردوغان پۈتۈن ئاۋازنىڭ %52.14گە ،كەمال قىلىچدارئوغلۇ %47.86 گە ئېرىشكەن بولۇپ، رەجەپ تاييپ ئەردوغان 27 مىليون 725 مىڭ 131، كەمال قىلىچدارئوغلۇ 25 مىليون 432 مىڭ 951 ئاۋاز ئالغان. ھازىرقى ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا رەجەپ تاييپ ئەردوغان پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغان. بۇ سايلىمىمىزنىڭ تۈرك خەلقى ۋە دۆلىتىگە خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيمەن».

2023-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈركىيە خەلقى پرېزىدېنت بىلەن پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاپ چىققان ئىدى. ھازىرقى پرېزىدېنت رەجەپ تاييپ ئەردوغان، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلۇ، مەملىكەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇھەررەم ئىنجە ۋە دوكتور سىنان ئوغان قاتارلىقلار پرېزىدېنت نامزاتلىرى بولۇپ ئېلان قىلىنغانىدى. كەمال قىلىچدارئوغلۇ، پرېزىدېنت رەجەپ تاييپ ئەردوغانغا قارشى بولغان «مىللەت ئىتتىپاقى» دەپ ئاتالغان 6 پارتىيە ئورتاق كۆرسەتكەن نامزات ئىدى. مۇھاررەم ئىنجە بولسا بېلەت تاشلاشقا ئىككى كۈن قالغاندا نامزاتلىقتىن ئىستېپا قىلدى. 14-مايدىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ھېچقانداق نامزات ئومۇمىي ئاۋازنىڭ %50 تىن كۆپىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىككى ھەپتىدىن كېيىن قايتا سايلام ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان ئىدى. بۇ جەرياندا پرېزىدېنت نامزىتى دوكتور سىنان ئوغان پرېزىدېنت نامزاتلىقىدىن چېكىلىپ، رەجەپ تاييپ ئەردوغاننى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
سىپرۇس 15-نويابىر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور شەۋكەت ناسىر ئەپەندى رەجەپ تاييپ ئەردوغاننىڭ سايلانغانلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 1923-يىلى پارلامېنت تۈزۈمىدە قۇرۇلغان بولۇپ، 1946-يىلى كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈمگە ئۆتكەن. پارلامېنت ئەزالىرى خەلق تەرىپىدىن سايلانغاندىن كېيىن، پارلامېنت ئەزالىرى دۆلەت رەئىسىنى سايلايتتى. 2018-يىلى مەزكۇر قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.