ئىمدات ئاۋشار: «مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولاي دەپ داۋاملىق شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىمەن»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2022.10.27
xelqara-shairlar-uchrishishi-zal.jpg تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ھەم تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ھەمكارلىق ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ھامىيلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر خەلقئارا شائىرلار ئۇچرىشىشىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 23-ئۆكتەبىر.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ ئەلازىغ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا شائىرلار ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلغان ئىمدات ئاۋشار ئەپەندى: «مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، سىياسىي كۈرەش بىلەن بىرلىكتە ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ كۈچىدىنمۇ پايدىلىنىش كېرەك. ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان كىنو ئىشلەش، رومان يېزىش كېرەك. تالانتلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇلارنى قىلىشى كېرەك. بۇرۇن يېزىلغان ئەسەرلەرنى ھەر خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

23-ئۆكتەبىردە ئاخىرلاشقان، تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ھەم تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ھەمكارلىق ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ھامىيلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر خەلقئارا شائىرلار ئۇچرىشىشىدا تۈركىيەدە تونۇلغان شائىر، «تۈرك ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئىمدات ئاۋشار ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ كىشىلەرنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ئېرىشكەنىدى.

تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ھەم تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ھەمكارلىق ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ھامىيلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر خەلقئارا شائىرلار ئۇچرىشىشىدا «تۈرك ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئىمدات ئاۋشار ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 23-ئۆكتەبىر.
تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ھەم تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ھەمكارلىق ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ھامىيلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر خەلقئارا شائىرلار ئۇچرىشىشىدا «تۈرك ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئىمدات ئاۋشار ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 23-ئۆكتەبىر.
RFA/Erkin Tarim

شائىر ئىمدات ئاۋشار ئەپەندى مۇراسىمدا 2003-يىلى پاكىستانغا پاناھلانغاندا، پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىسمائىل سەمەتكە ئاتاپ يازغان «تۈركىستاندا ماتەم» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلغانىدى. ئۇنىڭ بۇ شېئىرىدا پاكىستاندەك مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ قەشقەر يېڭىسارلىق ئىسمائىل سەمەت قارى، يەنى بىر ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلىكىگە قارىماي، خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۇنى تۇتۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە بولغان ئېچىنىش ھېسسىياتلىرى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، مەزكۇر شېئىرى يىغىن ئەھلىنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

ئىمدات ئاۋشار ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر شېئىر توغرىسىدا مۇنۇلارنى دېدى: «مەن پاكىستاننىڭ ئىسمائىل سەمەت قارىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى، خىتاينىڭ ئۇنى قېتىل قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن بۇ شېئىرنى قەلەمگە ئالغانىدىم. مەن تۈرك دۇنياسىنىڭ قەھرىمانلىرى، ئېزىلىۋاتقان تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەھرىمانلىرى توغرىسىدا شېئىرلار يازغانىدىم. پاكىستاندەك بىر مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ ئىسمائىل سەمەتنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرسە ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، قايتۇرۇپ بېرىشىگە قاتتىق نەپرەتلەنگەنىدىم. شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە بۇ شېئىرنى يېزىپ ‹قېرىنداش قەلەملەر› ناملىق ئەدەبىي ژۇرنالدا ئېلان قىلغانىدىم. ھازىرغىچە خەلقئارا شائىرلار ئۇچرىشىشىدا ھەر دائىم بۇ شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىمەن، چۈنكى بۇ خىل ئۇچرىشىشلارغا شەرقىي تۈركىستاندىن ئۇيغۇر شائىرلار كېلەلمەيدۇ. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولاي دەپ داۋاملىق دېكلاماتسىيە قىلىمەن».

شائىر ۋە يازغۇچى ئىمدات ئاۋشارنىڭ كۆپ ساندا شېئىر ۋە ھېكايىلىرى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي دۆلەتلىرىدىكى گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغانىدى.

تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ھەم تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ھەمكارلىق ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ھامىيلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر خەلقئارا شائىرلار ئۇچرىشىشىدا «تۈرك ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 23-ئۆكتەبىر.
تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ھەم تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ھەمكارلىق ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ھامىيلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر خەلقئارا شائىرلار ئۇچرىشىشىدا «تۈرك ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 23-ئۆكتەبىر.
RFA/Erkin Tarim

نۆۋەتتە «تۈرك ئەدەبىياتى» ناملىق مەزكۇر تۈرك دۇنياسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مۇھىم ۋە مەخسۇس ئەدەبىي ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرىلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇۋاتقان ئىمدات ئاۋشار ئەپەندى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلىدى، ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ ۋە تېخنولوگىيەنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى دۇنيا كۈنتەرتىپىدە تۇتۇپ تۇرۇشىمىز كېرەك. بىزمۇ بۇ ھەقتە قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز».

بۇ قېتىملىق خەلقئارا شائىرلار ئۇچرىشىشىدا ئىستانبۇلدا ياشايدىغان ئۇيغۇر شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان شېئىرلىرىدىن «بىز كىم؟» ناملىق شېئىرىنى قولىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى تۇتۇپ تۇرۇپ دېكلاماتسىيە قىلغان.

شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلغان چاغدىكى ھېسسىياتى ۋە كىشىلەرنىڭ بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكى ھەم ئالقىشلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر ئېلىدە تۇغۇلۇپ كۆپ يىللاردىن بۇيان تۈركىيەدە ياشاۋاتقان نۇرئەلا خانىمنىڭ ھازىرغىچە 3 شېئىر كىتابى نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇ يەنە سۆيۈنگۈل چانىشېف خانىمنىڭ «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق كىتابىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغانىدى.

بۇ يىل 25-نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا شائىرلار ئۇچرىشىشى 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنلا ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە تۈركىي مىللەتلەردىن بولغان نۇرغۇن داڭلىق شائىرلار قاتنىشىپ كەلمەكتە. بۇ قېتىمقى مۇراسىمغىمۇ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 دۆلەتتىن كەلگەن شائىرلار قاتناشقان، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر شائىرلىرىنى ھېچقاچان مەزكۇر شېئىرىيەت مۇراسىمىغا قاتناشتۇرمىغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.