تۈركىيە سىياسىيونلىرى: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈك كۈرىشىنىڭ سىمۋولى

0:00 / 0:00

9-نويابىر ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 20-ئەسىردە قۇرۇلغان ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردە ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرغانلىقى، خىتاي بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تىل بىرىكتۈرۈپ، ئىككى جۇمھۇرىيەتنى يوق قىلىۋەتكەنلىكى، 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 75 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ سۆزلەرنى يېڭى رەھاف پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارلامېنت ئەزاسى دوغان بېكىن ئەپەندى «جۇمھۇرىيەت كۈنى» خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندا سۆز قىلغان تۈرك سىياسىيون ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئىككى قېتىم قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرىنىڭ ھۆرلۈك كۆرۈشىنىڭ نەتىجىسى ۋە سىمۋولى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىنى 114 يىللىق تارىخقا ئىگە تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئەزالىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەنقەرەدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، زىيالىيلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.

ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 20-ئەسىردە قۇرۇلغان ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا پارلامېنت ئەزاسى دوغان بېكىن سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 9-نويابىر، ئەنقەرە
ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 20-ئەسىردە قۇرۇلغان ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا پارلامېنت ئەزاسى دوغان بېكىن سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 9-نويابىر، ئەنقەرە (RFA/Erkin Tarim)

يىغىدا سۆزگە چىققان پارلامېنت ئەزاسى دوغان بېكىن ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ 1933-يىلى قەشقەردە، 1944 يىلى غۇلجىدا ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇش كۆرۈشىنى ئەسلىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىستېمىلىق ھالدا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئېلىپ بارماقتا. بۇنىڭ نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى بۇزۇلۇۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە مىليونلىغان خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا جايلاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ. 1949-يىلى خىتاي بېسىۋالغاندا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي نوپۇسى 5 پىرسەنت ئىكەن، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي دۆلىتىنىڭ رەسمىي ئىستاتىستىكىلىرى بويىچە 45 پىرسەنتكە چىققان. ئەپسۇسكى خىتاينىڭ رايوندىكى نوپۇسى بۇرۇنلا ئېشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.»

دوغان بېكىن ئەپەندى خىتاينىڭ بېسىم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى 2015-يىلىدىن تارتىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلىنىشقا باشلىغان. 2017-يىلىدا تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىش قانۇنى نامىدا چىقىرىلغان قانۇن بىلەن مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر جازا لاگېرلىرىغا تاشلانغان. شەرقىي تۈركىستان ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلدى. بىز خىتاينى دەرھال بۇ قاتتىق قول سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىمىز.»

ئارقىدىن پىروفېسسور دوكتور مەمەت ئۆز ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بارلىق قىيىنچىلىقلىرىغا قارىماستىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئىگە چىقىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قان-قېرىنداشلىرىمىزدۇر. ئۇيغۇرلار تارىختا كۆپ دۆلەت قۇرغان. ئاخىرقى جۇمھۇرىيەت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن 1949-يىلى ئۆكتەبىر خىتاينىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىدى. ئۇ كۈندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاندا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈش باشلاندى. بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلاندى. ئۇيغۇرلار تارىختا پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان مۇھىم بىر تۈرك قوۋمى. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىن ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەتنى قۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ۋە بۇنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن».

ئېچىلىش مۇراسىمىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندىلەرمۇ سۆز قىلىپ، ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.

ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 20-ئەسىردە قۇرۇلغان ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش يىغىنى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 9-نويابىر، ئەنقەرە
ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 20-ئەسىردە قۇرۇلغان ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش يىغىنى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 9-نويابىر، ئەنقەرە (RFA/Erkin Tarim)

يىغىندا دوكلات بەرگەن پىروفېسسور سائادەت گۆمەچنىڭ قارىشىچە، ھەر ئىككى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» يەرلىك خەلقنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىكى زۇلۇمغا ۋە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇشتەك ئورتاق سەۋەب ئاساسىدا دۇنياغا كەلگەن. بۇ ھال خېلىلا مۇكەممەل تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇن ماددىلىرىدىمۇ تولۇق ئەكس ئەتكەن.

ئارقىدىن يىغىندا ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋېلى ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى قونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن ئەپەندىمۇ 20-ئەسىردە قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت توغرىسىدا دوكلات بەردى.

ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى دوتسېنتى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسىنىڭ كېلەچەكى توغرىسىدا توختالدى. ئەڭ ئاخىرىدا پىروفېسسور دوكتور فىلىز ئاۋشار ياۋۇز خانىم 2012-يىلى ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەرگە ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە ئالغان تەسىراتلىرى توغرىسىدا توختالدى.

يىغىن ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى ئەنقەرەدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ بىر كۈن داۋاملاشقانلىقىنى، پائالىيەتنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

9-نويابىردىن باشلاپ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ياشايدىغان بارلىق شەھەرلىرىدە ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇتلۇقلاش پائالىيەتلىرى ھەر خىل شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.