تۈركىيەدىكى سايلام نەتىجىسى ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟

0:00 / 0:00

3-ئاينىڭ 31-كۈنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا شەھەر، رايون، ناھىيە، كەنت ۋە يېزا باشلىقلىرىنى سايلاپ چىقىلدى.

تۈركىيەدە ئىستانبۇل، ئەنقەرە، ئىزمىر قاتارلىق 3 چوڭ شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 81 ۋىلايەت بار.

2015- يىلى 9- ئاينىڭ 14- كۈنىدىكى ئىستاتېستىكىدىن قارىغاندا ، تۈركىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 100 سىياسىي پارتىيە بار بولۇپ، بۇلاردىن باشقا يېڭى قۇرۇلغان ئىيى پارتىيەسىنى ھېسابلىساق ھازىر 101 پارتىيە بولىدۇ. بۇ پارتىيەلەردىن 12 پارتىيە بۇ قېتىمقى سايلامغا قاتناشقان. بۇلاردىن باشقا يەنە پەقەت ئىستانبۇلدىلا ھېچقانداق پارتىيەگە تەۋە بولمىغان 24 مۇستەقىل نامزاتمۇ قاتناشقان.

بۇ سايلامدا بېلەت تاشلايدىغان كىشىلەرنىڭ سانى 57 مىليون 93 مىڭ 410 كىشى بولۇپ، بۇلار 30 چوڭ شەھەر، 51 كىچىك شەھەر، 922 ناھىيە ۋە 386 رايونغا قويۇلغان 194 مىڭ 678 ساندۇققا بېلەت تاشلاپ، تۈركىيەدىكى ھەرقايسى شەھەر، ۋىلايەت، ناھىيە، رايون، يېزالارنى 5 يىل باشقۇرىدىغان جەمئىي 1389 نامزاتنى سايلاپ چىقتى. خەلقنىڭ سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى يۈزدە 83.9% بولدى.

بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ تەييارلىق خىزمىتى بىر يىل بۇرۇن باشلانغان بولۇپ، 2018- يىلى 2- ئاينىڭ 20- كۈنى تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى» بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئىتتىپاقداشلىق قۇردى. بۇلار شۇنىڭدىن كېيىن «جۇمھۇرىيەت ئىتتىپاقى» دەپ ئاتالدى. كېيىن «جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى»، «ئىيى پارتىيەس» ، «سائادەت پارتىيەسى» ، خەلقنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسى» قاتارلىق 4 پارتىيە، 2018- يىلى 5- ئاينىڭ 5- كۈنى جۇمھۇرىيەت ئىتتىپاقىغا قارشى ئىتتىپاقلاشتى. بۇ پارتىيەلەر ئىتتىپاقى «مىللىيەت ئىتتىپاقى (خەلق ئىتتىپاقى)» دەپ ئاتالدى.

سايلامنىڭ غەيرىي رەسمىي نەتىجىسىدىن قارىغاندا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى يەنە غەلىبە قىلدى. بۇ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن كېيىن 16 يىل ئىچىدە قاتناشقان 13- قېتىملىق سايلام بولۇپ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بۇ سايلاملارنىڭ ھەممىسىدە غەلىبە قىلدى.

3-ئاينىڭ 31-كۈنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا شەھەر، رايون، ناھىيە، كەنت ۋە يېزا باشلىقلىرى سايلاپ چىقىلدى. سايلامدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى شەھەر، ۋىلايەت ۋە رايونلارنىڭ كۆپىدە ئۇتۇپ چىققان بولسىمۇ، تۈركىيە نوپۇسىنىڭ كۆپىنى تەشكىل قىلغان ئىستانبۇل، ئەنقەرە، ئانتاليا، ئادانا ۋە مەرسىن قاتارلىق چوڭ شەھەرلەر ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ قولىغا ئۆتتى. بۇنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ سايلامنىڭ شەھەر ۋە كەنت باشلىقلىرىنى سايلاش سايلىمى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ 4 يېرىم يىلدىن كېيىن ئومۇمىي سايلامغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى، ھاكىمىيەت بېشىدىكى رەجەپ تاييىپ ئەدوغاننىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى، لېكىن چوڭ شەھەرلەردە ئۇتتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 2-ئاينىڭ بېشىدىن تارتىپ خىتاي بىلەن ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشكە باشلىغانلىقىنى، خىتاينىڭ يېڭى سايلانغان شەھەر باشلىقلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق شۇ شەھەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى توسۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، شەھەر ۋە كەنتلەرنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان نامزاتلارنىڭ كۆپى ئوڭچى پارتىيەلەردىن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتسە، باغچە ۋە كوچىلارغا مەشھۇر ئۇيغۇر شەخسلىرىنىڭ ۋە تارىخىي شەھەرلەرنىڭ ئىسىملىرىنى قويغىلى بولىدۇ.

سايلام توغرىسىدىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى گەرچە چوڭ شەھەرلەردە سولچى پارتىيە كۆرسەتكەن نامزاتلار ئۇتۇپ چىققان بولسىمۇ، ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلغا ئوخشاش چوڭ شەھەرلەرنىڭ شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغان كىشىلەرنىڭ مىللەتچى ئىدىيەدىكى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ سايلامنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەدىكى سايلامغا بەزى پارتىيەلەر نارازىلىق بىلدۈرگەن بولغاچقا بەزى رايونلاردا ئاۋاز بېرىش بېلەتلىرى قايتا سانالماقتا. سايلام نەتىجىسىنىڭ 2-3 كۈن ئىچىدە رەسمىي جاكارلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيەدە، تارىختا تۇنجى قېتىم بىر ۋىلايەتتە كوممۇنىستىك پارتىيە غەلىبە قىلغان.