نۆۋەتتە، تۈركىيەدە خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسى ئومۇميۈزلۈك يۇقۇمغا ئايلىنىپ، يۇقۇملانغانلار 31-مارت كۈنى 13 مىڭ 531 گە يېتىپ بارغان. يۇقۇمدا 214 كىشى ئۆلگەن. بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى بەزى جىددىي تەدبىرلەرنى ئېلىشقا مەجبۇر بولغان. ھۆكۈمەت 1-ئاپرېل كۈنى پۇقرالارغا ئىجتىمائىي ئالاقە چەكلىمىسى قويدى.
لېكىن بۇ ئەھۋال، دۇنيادا مۇساپىرلار ئەڭ كۆپ يىغىلغان بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار توپىغا يېڭى قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭدا مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتى، سالامەتلىك سۇغۇرتىسى ياكى ئىشلەش رۇخسىتى بولمىغان، پەقەت قىسقا مۇددەتلىك ياكى ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت يەنى تۇرۇش رۇخسىتى بىلەن ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئىككى خىل بېسىمغا تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر قالغان.
ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن تەڭ يۇقۇمغا قارشى ئۆزلىرىنى قوغداش شۇنداقلا يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي مۈشكۈلچىلىك ۋە روھىي خىرىسلارغا بەرداشلىق بېرىشتەك يېڭى رىقابەتكە دۇچ كەلگەنلىكى مەلۇم.
ئائىلىسى بىلەن ئىستانبۇلدا ئولتۇرۇشلۇق 8 بالىنىڭ ئانىسى رەھىمە سېلىم نۆۋەتتىكى يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىيىتىگە قانداق ماسلىشىشنى ۋە يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش چارىسىنى ئىزدەۋاتقان، بۇ يولدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرى. ئۇ، 31-مارت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئائىلىسىنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى ئاستىدىكى كۈندىلىك ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىغا دائىر تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
رەھىمە سېلىم، مۇنداق دېدى: «ئەمدى ئۆيدە ئولتۇردۇق، ئەمدى ئولتۇرۇش جەريانىدا مەن ئويلىدىمكى، ھەقىقەتەن بالىلىرىمىزدا پسىخىك بېسىم ئارتتى. كورونا جەمئىيەتنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ ھەممە بالىلار ۋە ئائىلىلەردە ۋەھىمە پەيدا بولدى. لېكىن مەن بىز قايسى ئۆلۈمدە ئۆلەيلى شۇنىڭغا دۇچار كەلسەك چوقۇم شۇنىڭ بىلەن ئۆلىمىز. لېكىن چوقۇم ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتىمەن. مەسىلەن، پاكىزلىق جەھەتلەردە، دېگەندەك. بالىلارغىمۇ سۆزلەپ كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە بالىلاردىكى بۇ ۋەھىمىنى يوقىتىش ئۈچۈن پىلان تۈزۈۋاتىمەن ۋە شۇ پىلانلىرىمىزنى ئورۇنداۋاتىمىز».
نۆۋەتتە، كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى بەزى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا تارقالغانلىقىغا دائىر قىسمەن سۆز-چۆچەكلەر بولسىمۇ، لېكىن يۇقۇمنىڭ كۆلىمىگە دائىر رەسمىي سانلىق مەلۇمات يوق. غەيرىي رەسمىي مەلۇماتلاردا، بەزى گۇمانلىق يۇقۇم ئالامەتلىرىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ رەسمىي دەلىللەنمىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. تۈركىيەدىكى سابىق دوختۇر، نۇزۇگۇم
فوندىنىڭ ئەزاسى، پائالىيەتچى ئەلنۇر سىدىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە يۇقۇمنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەڭ كۆلەملىك تارقىلىپ كېتىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار يەنىلا دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن.
ئۇ 31-مارت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك يۇقۇملىنىش ئەھۋالى يوق. لېكىن بايقالغان گۇماندارلار يوق ئەمەس بار. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر خىل تەدبىرلەرنى ئېلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىزگە قويۇۋاتقان پۈتۈن تەدبىرلىرىگە ئۇيغۇن شەكىلدە ئەمەل قىلىشى كېرەك. بىزمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇرلار تارقاق ئورۇنلاشقان ئورۇنلارغا تېلېفون نومۇرلىرىنى تارقاتتۇق. مەسىلەن، ئۆزىڭىزدىن گۇمان قىلسىڭىز، نەپەس سىقىلىش دېگەندەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، تېلېفون قىلىڭ دەپ. ئۇنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق زەيتۇن بۇرنۇدا بىرى بار ئىكەن، دېگەن گەپلەر چىقتى. ئەمما دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، پوزىتىف چىققانلىقى توغرىسىدا بىز بىر دەلىلگە ئىگە بولمىدۇق».
ئەلنۇر سىدىقنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئەڭ قاتتىق تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان ساھە بالا-چاقىلىق ئۇيغۇر تۇل ئاياللار ئىكەن. ئۇ، بۇ ئائىلىلەر ئۇچراۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق مەسىلىنىڭ ئىقتىساد مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ بىرەر مۇقىم كىرىم مەنبەسى يوقلۇقى، ئىشلەش رۇخسەتنامىسى بولغان تەقدىردىمۇ، ئىشلەش مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
ئەلنۇر سىدىق مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئاياللىرىمىز ئۇچراۋاتقان مەسىلە ئىقتىساد مەسىلىسى، دەپ قارايمەن. بولۇپمۇ تۇل ئاياللارنىڭكى. لېكىن يولدىشى بار ئائىلىلەرنىڭمۇ تاپقان پۇلى ئېشىنماي قىيىنچىلىقتا ئۆتۈۋاتقان ئائىلىلەرمۇ كۆپ. ئەمدى بۇ يەردە ئىشلىسە بولمامدۇ، نېمىشقا ئىشلىمەيدۇ، دېگەن گەپلەر كۆپ بولىدۇ. توغرا، ئىش بولسا ئىشلەش كېرەك. لېكىن بىزنىڭ تۇل ئاياللارغا قارىساق ھەممىسىنىڭ ئاز دېگەندە 3-4، 5-6 دىن، ھەتتا 7 دىن بالىسى بار ئاياللار. بۇ ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئېرى ۋەتەنگە بېرىپلا كېلىمەنغۇ، دەپ كېتىپ كېلەلمىگەن، بۇ ئاياللار بالىلار بىلەن قېلىپ قالغان ئاياللار. . بۇ ئاياللار ئىشلەشكىمۇ ئامالسىز، چۈنكى بالىلىرىنى مەكتەپكە ئاپىرىش-ئەكىلىش مەسىلىسى بار».
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ يۇرتىدا قېلىپ قالغان پەرزەنت ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر ياكى تۈرمىلەرگە قامىغان. بۇ نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىنىپ، تۈركىيەدە نۇرغۇن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يېتىم قېلىشى، ئاياللارنىڭ تۇل، ئەرلىرىنىڭ ئايالسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.
لېكىن رەھىمە سېلىمنىڭ قارىشىچە، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بۇ ئائىلىلەر ئۇچراۋاتقان بىردىن-بىر مەسىلە ئەمەس ئىكەن. ئۇ، بۇ ئائىلىلەرنىڭ ھازىرقىدەك يۇقۇم ۋاقتىدا ئىنسانى غەمخورلۇق، جىددىي پسىخولوگىيەلىك ياردەم شۇنداقلا ئائىلە ئىچى مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار كەسپىي مەسلىھەتلەرگىمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
رەھىمە سېلىم: «ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭكى بەزىلەرنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن ئەر-ئايال پسىخىكا جەھەتتىن ئېگىز-پەس بولغان ئىشلارنى جىق ئاڭلايمەن ھەم مېنىڭ قېشىمغا جىق كېلىدۇ. بەزىلەر ئائىلە مەسلىھەتچىلىكىگە چاقىرىدۇ، مەسىلە چىققاندا. شۇلار بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا مەن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى، بىز ئۆزىمىزدە ئاكتىپ ئېنېرگىيە يېتىلدۈرۈشكە بەك ئېھتىياجلىق ئىكەنمىز».
نۆۋەتتە، تۈركىيە 4 مىليوندەك سۈرىيەلىك مۇساپىرغا ساھىبخانىلىق قىلماقتا. تۈركىيە ئۇلارغا پاناھلانغۇچىلىق سالاھىيىتى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار پەقەت قىسقا ياكى ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەتكىلا ئېرىشىپ، تۈركىيەدە ئىشلەش، سالامەتلىك سۇغۇرتىسى، دۆلەتنىڭ مۇساپىرلارغا بېرىدىغان بەزى پاراۋانلىقلىرىدىن مەھرۇم بولۇپ كەلدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ئەھۋال ھازىرقىدەك يۇقۇم ۋاقىتلىرىدا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00