تۈركىيەنىڭ بىلەجىك شەھرىدىكى شەيخ ئەدەبالى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ۋە كۆپ ساندىكى خەلق ئاممىسى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى. 14-ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور دوكتور شۈكرۈ بەيدەمىر، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشتۇرغان نامايىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
نامايىشچىلار قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا، «زالىملار چوقۇم ھېساب بېرىدۇ!»، «مۇسۇلمانلار ئۇخلىما، قېرىندىشىڭغا ئىگە چىق!»، «ھەق-ھوقۇق، ئادالەت، ئۇيغۇرلارغا ھۆررىيەت!»، «شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق!»، «خىتاي، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان.
نامايىش ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن ئىقتىساد كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى زىياتتىن ئۈنال مەتبۇئات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتكەن، ئۇنىڭدا مۇنۇلار دېيىلگەن: «سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنى سۈكۈتتە تۇرۇشقا قىستاۋاتقان خىتاي، بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىي سىياسەتلەرنى يۈرگۈزمەكتە. يۈرىكى شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن سېلىۋاتقان ۋىجدانلىق تۈرك خەلقى ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشماقتا. بىزمۇ ۋىجدانلىق تۈرك خەلقىگە ئوخشاشمىز، بىز شەيخ ئەدەبالى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋە غەززەدىكى قىرغىنچىلىققا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن مىڭلىغان ئوقۇغۇچى قاتناشقان بۇ نامايىشقا قاتناشتۇق. بىز ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازى بولىدىغانلىقىمىزغا، ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىمىزغا ۋەدە بېرىمىز. دۇنيا جامائىتىنى بالدۇرراق بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمىز.»
ئاخىرىدا مىڭلىغان نامايىشچى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، خىتايغا لەنەت ئوقۇيدىغان شوئارلارنى توۋلاپ نامايىش مەيدانىدىن ئايرىلىشقان.
ئوخشاش كۈندە، يەنى 14-ماي كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىسپارتا شەھىرىدىكى سۇلايمان دېمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىلىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بىرلىكتە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا چاقىرغان. «ئىخلاس» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نامايىشقا ھەر قايسى فاكۇلتېتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە بەزى ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئىشتىراك قىلغان. قوللىرىدا تۈرك بايرىقى بىلەن ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كۆتۈرگەن نامايىشچىلار «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك»، «شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن پەلەستىنلىكلەر يالغۇز ئەمەس» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان. ئاخىرىدا پەلەستىننى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى دوكتور مۇھەممەت راشىت سانجار ئەپەندى سۆز قىلىپ، دۇنيا دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا چاقىرغان.

ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى، تۈركىيەدە ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا 3 ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزۈشنىڭ، جامائەت پىكرىنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتكە قارىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى: «يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان پەلەستىن توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەرگە قارايدىغان بولساق، ئەرەب دۆلەتلىرىدە بۇ توغرىلىق نامايىش ئېلىپ بېرىلغان ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار كۆپ تىلغا ئېلىنمايدۇ. لېكىن تۈركىيەدە پەلەستىن توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق نامايىش ۋە پائالىيەتلەردە ئۇيغۇرلارمۇ بىللە تىلغا ئېلىنىپ مېڭىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىگە كەلسەك، تۈركىيەدە مىللەتچى پارتىيە ۋە تەشكىلاتلار بولسۇن، ئىسلامىي پارتىيە ۋە تەشكىلاتلار بولسۇن، ھەر ئىككىلىسى ئىنتايىن كۈچلۈك ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ ئىككى كۆز قاراشتىكى تەشكىلات ۋە پارتىيەلەر بىلەن كۆپ مۇناسىۋەت قىلىپ كەلگەن، شۇنداقلا كۆز قاراشلىرىدىمۇ مەلۇم ئوخشاشلىقلار بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر مەسىلىسى بۇرۇندىن تارتىپ تۈركىيەدە كۆپ تىلغا ئېلىنىۋاتقان، ھەر قايسى پارتىيەلەر تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان ۋە ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىۋاتقان بىر مەسىلە بولغاچقا، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقى ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلە ئىدى. ھازىر ئەمدى بۇنىڭدىن ئېشىپ، ئۇيغۇرلارمۇ پەلەستىن بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ يەنە بىر سەۋەبى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى، يەنە بىرى غەرب دۆلەتلىرى ھەم تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتىن خىتايغا بەزى بېسىملارنى ئىشلىتىۋاتىدۇ.»
مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە سىياسىي پارتىيەلەر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ نارازىلىق بىلدۈرسە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنيادا بىلىنىش دەرىجىسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ پايدىسى نېمە دېگەن ۋاقتىمىزدا، پەلەستىن مەسىلىسى تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان مەسىلە. ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ مەسىلە بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن پالاكەتنىڭ تۈركىيەدە بىلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق. يەنە بىرسى، بۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا سەۋىيەدە بىلىنىشىنى كۈچەيتىدۇ.»
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى، پېشقەدەم پائالىيەتچى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئەسلىدە تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇ مەسىلە بويىچە ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ياخشى بىر يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇندىن كېيىن تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە «ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنى توختات» نامىدا نامايىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.