تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش: «خىتاي ئويدۇرما تەشۋىقاتلىرى بىلەن بىزنى ئىشەندۈرەلمەيدۇ»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-08-05
Share
د ئۇ ق نىڭ پارلامېنت ئەزالىرىغا يازغان خېتى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا ئوقۇپ ئۆتۈلدى تۈركىيە «ئىيى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ نامى بىلەن ئۆزىگە ئەۋەتىلگەن خەتنى ئوقۇپ ئۆتتى. 2021-يىلى 29-يانۋار، ئەنقەرە.
Social Media

2-ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ تۋىتتېر ئادرېسىدىن «كۆلەڭگىدىكى جەڭ» تېمىسىدىكى فىلىمدىن ئارىيەلەر تارقىتىشى تۈركلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى. بەزى تۈركلەر «تېررورچى خىتاي، خىتاي سېنىڭ تۈركىيەدە نېمە ئىشىڭ بار؟، شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت» دېگەنگە ئوخشاش ئىنكاسلارنى يازغان.

ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بەزى دۆلەت پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قوبۇل قىلىنغان، گەرچە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە تۈرك خەلقى خىتاينى قاتتىق تەنقىد قىلىۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېر-تۈرمىلەرگە قامالغان بىرقىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ راستىنىلا «جىنايەتچى» ۋە «تېررورچى» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى باشلىغانىدى. ئۇلار بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ قايسى «تېررورلۇق» تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، خىتاي دۆلىتىنىڭ ھەقىقەتەن بىر «قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى» ئۆزلىرى ئىشلىگەن «كۆلەڭگىدىكى جەڭ» تېمىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم قاتارلىقلىرى ئارقىلىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانىدى.

«كۆلەڭگىدىكى جەڭ» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم 2021-يىلى 4-ئايدا تارقىتىلغانىدى. 2-ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق مەزكۇر فىلىمدىن ئارىيە تارقاتتى. خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ فىلىمنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: «كۆلەڭگىدىكى تېررورچىلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان شىنجاڭدىكى خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ كۈرەشلىرى ئاڭلىتىلغان ‹كۆلەڭگىدىكى جەڭ‹ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم شىنجاڭدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ».

تۋىتتېردىكى بۇ تەشۋىقاتقا قارىتا تۈركلەر: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان خىتاي بىز سېنىڭ بۇ يەردە تۇرۇشۇڭنى خالىمايمىز، تېررورچى خىتاي» دېگەنگە ئوخشاش ئىنكاسلارنى يازغان.

تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ئىزچىل ھالدا كۈن تەرتىپكە كېلىۋاتقان بىر پەيتتە خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ «كۆلەڭگىدىكى جەڭ» تېمىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ بىرقىسمىنى تارقىتىشىدىكى مەقسەت نېمە؟ بۇنىڭ تۈركىيەدە قانداق تەسىرى بولار؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئىيى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بۇرۇندىن تارتىپ بۇ خىل تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي بۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ چىقىم قىلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسىدۇر. چۈنكى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇ يەردە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بارلىقىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ئىشىكىنى ئاچمايۋاتىدۇ. بەزى دۆلەت پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى قوبۇل قىلدى. بۈگۈن 3 مىليون ئەتراپىدا شەرقىي تۈركىستانلىق لاگېردا، بۇلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىسپاتلاندى. بىز ئىككى يىل بۇرۇن خىتاي ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇمۇ لاگېر بارلىقىنى قوبۇل قىلغانىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۈكۈتتە تۇرۇۋالغان بىلەن تۈرك خەلقى ۋە تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا خىتاي بۇ خىل ئويدۇرما تەشۋىقاتلار بىلەن بىزنى ئىشەندۈرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرقىي تۈركىستان خىتاي بېسىۋالغان زېمىن».

خىتاي ھازىرغىچە «كۆلەڭگىدىكى جەڭ» تېمىسىدىكى فىلىمغا ئوخشايدىغان 4 ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ تارقاتقان بولسىمۇ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئىشەندۈرەلمىگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي دائىرىلىرى بۇنى ئۆز ئېغىزىدىن قوبۇل قىلغان. ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ خىتاينىڭ 2018-يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خەلقئارانىڭ بېسىمىغا قارىتا جاۋاب بېرىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، لېكىن خىتاينىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە ئىسپاتلار ئاشكارىلىنىپ كەتكەچكە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بۇنىڭغا ئىشەنمەيۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بۇ خىل ھۆججەتلىك فىلىملار، دوكلات بېرىش، بايانات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىغا ئوخشاش ئۇسۇللار بىلەن خەلقئارانى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۈنۈملۈك نەتىجە قازىنالمىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ ئېتنىك، مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردىن چوڭقۇر تارىخىي رىشتىنسىىڭ بارلىقىنى، «كۆلەڭگىدىكى جەڭ» تېمىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمغا ئوخشاش فىلىملارغا ئاز ساندا كىشى ئىشەنسىمۇ تۈرك خەلقىنىڭ كۆپىنىڭ ھەرگىز ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي تۈركىيەدىكى بەزى پارتىيە، ئاخبارات ئورگانلىرى، گۇرۇھ ۋە شەخسلەر ئارقىلىق ئۆز تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بارغاندىن سىرت، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىقمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ «تېررورچى» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆزلىرىنى ئاقلاشقا تىرىشماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت