خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى پائالىيەتلىرى كۆپىيىشكە باشلىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە تۈركىيەدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەر ۋە دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، سىياسىي مۇناسىۋەتنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي شىركەتلىرى ۋە خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرى ھەر خىل ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق تۈركىيەدىكى يۇمشاق كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.
10-سېنتەبىر كۈنى خۇاۋىي شىركىتى «كېلەچەك ئۈچۈن مايسىلار» پائالىيىتىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەت 23-چېسلاغىچە داۋاملىشىدىكەن. مەزكۇر پائالىيەتكە تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قاتنىشىدىغان بولۇپ، پائالىيەتنى غەلىبىلىك تاماملىغان ئوقۇغۇچىلار خىتايدا ئىككى ھەپتىلىك تەربىيىلەشكە قاتنىشىدىكەن.
مەزكۇر يىغىننىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن قاتناش مىنىستىرى ئۆمەر فاتىھ، تۈركىيىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى ئابدۇقادىر ئەمىن ئۆنەن، خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى ليۇ شياۋبىن قاتارلىقلار قاتناشقان.
خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسى ليۇ شياۋبىن يىغىندا، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم بىر ئۆرنەك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
مەزكۇر يىغىندا سۆز قىلغان تۈركىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى ئابدۇقادىر ئەمىن ئۆنەن مۇنداق دېگەن: «تۈركىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەر ساھەدە كۈندىن كۈنگە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. بۇ مۇناسىۋەتلەرنى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى دەرىجىسىدە داۋاملاشتۇرىۋاتىمىز. خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيىگە ئالاھىدە قىزىقىشى بار.»
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى» دەپ ئىزاھلىنىشغا بولغان كۆز-قارىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشى ئەتراپىدا تۈركىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، تاشقىي سودا ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىمەكتە.
ئەرزۇرۇم تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر جەمئىيىتى بىلەن «يىپەك يولى» مەدەنىيەت ۋە تىجارەت مەركىزى ھەمكارلىشىپ، 11-سېنتەبىر كۈنى «تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ 50-يىلىدا خىتاي بىلەن تىجارەت پۇرسەتلىرى» نامىدا بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرغان.
تۈركىيىنىڭ مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى مەھمەت ھامدى يىلدىرىم مەزكۇر يىغىندا سۆز قىلىپ، تۈركىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تېز پويىز، مېترو ۋە ئايرودروم قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
تۈركىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى سىياسىي مۇناسىۋەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىدە خىتاينىڭ تەشەببۇسكار ئورۇندا ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە ئىقتىسادى جەھەتتىن خىتاينىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرالمىسا، سىياسىي جەھەتتىن تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى، خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىشنىڭ تۈركىيەنى تېخىمۇ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىگە قارشى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، تۈركىيىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئوخشاش يولدا مېڭىش ياكى ماڭماسلىقى مۇھىم مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا.
