تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان ياش-ئۆسمۈرلەر مەركىزى ئېچىلدى

0:00 / 0:00

مەركىزى ئىستانبۇلغا تۇرۇشلۇق سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان كونيا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان ياش-ئۆسمۈرلەر مەركىزى ئېچىلدى.

17‏-ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى بۇ ياشلار مەركىزىنىڭ ئېچىلىشى مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمغا ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى، ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيار ۋە سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت كونيا شەھرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى قاتناشتى. قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ياش-ئۆسمۈرلەر مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مەقسىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىغا بولغان ئەمەلىي ئۈنۈمى توغرىسىدا توختالغان.

سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى تەرىپىدىن كونيا شەھىرىدە ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستان ياش-ئۆسمۈرلەر مەركىزىدە ئۆسمۈرلەر. 2021-يىلى 17‏-ئۆكتەبىر، تۈركىيە.
سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى تەرىپىدىن كونيا شەھىرىدە ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستان ياش-ئۆسمۈرلەر مەركىزىدە ئۆسمۈرلەر. 2021-يىلى 17‏-ئۆكتەبىر، تۈركىيە.

بىز ئېچىلىش مۇراسىمى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ۋە سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى كونيا شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ئابلەت ئۇدۇن ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئابلەت ئۇدۇن ئەپەندى ئېچىلىش مۇراسىمىغا 250-300 ئەتراپىدا كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، كىشىلەرنى بەكلا ھاياجانلاندۇرىدىغان بىر ئىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى كونيادا شەرقىي تۈركىستان ياش-ئۆسمۈرلەر مەركىزىنى ئېچىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ مەركەزنى ئېچىشىمىزدىكى مەقسەت، ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك چەتئەللەردە نوپۇسىمىز كۆپەيدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى كۆپچىلىكنى ئىگىلەيدۇ. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىمۇ بۇندىن كېيىن بۇ ياشلىرىمىزغا تايىنىدۇ. خىتاي ھازىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشىكىنى ئېتىۋېلىپ خەلقىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ئۈزۈپ تاشلىدى، خەلقىمىزنىڭ تىلىنى، دىنىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇنداق بىر پەيتتە بىزگە ئەخلاقىي ۋە مىللىي جەھەتتىن ياخشى يېتىشكەن ئادەملەرگە ئېھتىياجىمىز بولغاچقا بۇ ياش-ئۆسمۈرلەر مەركىزىمىزنى قۇرۇپ چىقتۇق».

كونيا شەھىرىدە ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستان ياش-ئۆسمۈرلەر مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 17‏-ئۆكتەبىر، تۈركىيە.
كونيا شەھىرىدە ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستان ياش-ئۆسمۈرلەر مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 17‏-ئۆكتەبىر، تۈركىيە.

ئابلەت ئۇدۇن ئەپەندى كونيادا ئېچىلغان ياش-ئۆسمۈرلەر مەركىزىدە ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقان خىزمەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەركەزنى ئېچىشتىكى مەقسىتىمىز، كونيادىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەم مەكتەپتىن سىرتقى دەرسلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش، يەنى مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇيغۇر بالىلارغا ئانا تىلىنى ۋە قۇرئان ئۆگىتىشتىن ئىبارەت. قىسقىسى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پەننىي بىلىملەرنى ياخشى ئۆگىنىپ، تۈركىيەدىكى ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئۆتۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ھەمدە ئۆز ئانا تىلىنى ۋە دىنىنى ياخشى بىلىدىغان، دەۋايىمىزغا ياراملىق ياشلارنى تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن بۇ مەركەزنى قۇردۇق».

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى ھازىرغىچە ئىستانبۇلنىڭ 3 رايونىدا ياش-ئۆسمۈرلەر مەركىزى قۇرغان بولۇپ، بۇندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىمۇ ئېچىشنى پىلانلاۋاتقانىكەن. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئىستانبۇلدىمۇ تەسىس قىلدۇق، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تۈركىيەنىڭ كاستامونۇ، ئەنقەرە، قاھرامانماراش ۋە بۇرسا شەھەرلىرىدە يانى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسىنىڭ شۆبىلىرى بار شەھەرلەردە ياش-ئۆسمۈرلەر مەركىزىنى ئېچىشنى ئويلاۋاتىمىز».

كونيا تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇرۇن ئۇيغۇرلار يوق ئىدى. 2016-يىلىدىن كېيىن بۇ يەرگە كېلىپ جايلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 500گە يەتكەن. ئابلەت ئۇدۇن ئەپەندى كونيانىڭ ھاۋا كىلىماتى ئۇيغۇر دىيارىغا ئوخشىغاچقا تۈركىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىن بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.