تۈركىيەنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىسىنىڭ خىتايغا جاۋابى: «بىز كىشىلىك ھوقۇقىنى، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلاردىن ئۆگەنمەيمىز!»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.10.29
ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ب د ت دا كۈچلۈك سۈركۈلۈش پەيدا قىلغان، خىتاي ئامېرىكانى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بىلەن ئەيىبلىگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئومۇمىي يىغىنى 76-قېتىملىق يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 23-سېنتەبىر، نيۇ-يورك.
REUTERS

21-ئۆكتەبىر كۈنى ب د ت دا ئىمزالىق بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ۋە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، فرانسىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۇنيادىكى 43 دۆلەتنىڭ ئىچىدە تۈركىيەمۇ ئورۇن ئالغان ئىدى. باياناتتا خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى ئىشخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ خالىغان جايدا چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشى، ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى يوقىتىش كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 8 خىل تەكلىپىنى دەرھال ئەمەلىيلەشتۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان.

ب د ت دا ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق ئىمزالىق باياناتقا تۈركىيە قول قويمىغان بولسىمۇ، ئەمما 21-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتقا تۈركىيەمۇ قول قويغان. 28-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى مۇئاۋىن ئەلچىسى گېڭ شۇاڭ تۈركىيەنى سۈرىيەلىكلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان. تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى باش ئەلچىسى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ خىتاينىڭ بۇ ئەيىبلىشىگە قارىتا: «بىز كىشىلىك ھوقۇقىنى، كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلاردىن ئۆگەنمەيمىز» دەپ جاۋاب قايتۇرغان.

بۇ تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى باياناتقا ئىمزا قويۇشى بولۇپ، بۇنىڭدىن چىچاڭشىپ كەتكەن خىتاي بۇنىڭغا قارشى تۈركىيەنى سۈرىيەدە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە تۇنجى قېتىم غەرب ئەللىرى بىلەن بىردەك ھەرىكەت قىلىشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تاشلىغان قەدەملىرى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ بۇنىڭغا تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى قانداق قارايدۇ؟

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يۇقۇرىقى قەدەملەرنى تاشلىشىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختالدى.

مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى، بۇنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە قارا بۇلۇتلارنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنىڭ بىر بىشارىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە مۇھىم مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە. تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا مەيدانغا كەلگەن بۇ جىددىيلىشىش ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بۇلارنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ خەلقئارا سورۇنلاردا بىر-بىرىنى تەنقىد قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، بۇنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ب د ت نىڭ 76-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ۋە تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغانلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندىن سىرت، سىلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى زۇزانا چاپۇتوۋامۇ سىن ئارقىلىق قىلغان نۇتۇقىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.