تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن ئەپەندىنىڭ باياناتى خىتاينىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن غوجا ئەپەندى 7-فېۋرال كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىغا قارشى، ئېلىنغان تەدبىرلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، خىتايدىن ھەر خىل ھايۋانلارنى، ھەر خىل ھايۋانلاردىن ئىشلەپ چىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى تۈركىيەگە ئىمپورت قىلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى. فاھرەتتىن غوجا ئەپەندى باياناتىدا ئالدى بىلەن خىتايغا قاتنايدىغان ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىنى ۋاقىتلىق توختاتقانلىقىنى، ئىككى كۈن بۇرۇن چەتئەللەردىن كەلگەن بارلىق يولۇچىلارنى تەكشۈرگەندىن كېيىن رۇخسەت قىلىۋاتقانلىقىنى، 17 ئايرودرومدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەكشۈرۈشتە ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر يولۇچىدا تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى بايقالمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن غوجا ئەپەندى مۇنداق دېدى: «تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى ھايۋانلاردىن ئادەمگە يۇقىدىغان كېسەللىكتۇر. شۇنداقلا مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ئادەمدىن ئادەمگە يۇقىدىغانلىقى جەزىملەشتى. ھازىر بۇ ۋىرۇسنىڭ قايسى ھايۋاندىن چىققانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. شۇڭا ھايۋاندىن يۇقۇملىنىدىغان بۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ تەدبىر قارارىنى ماقۇللىدۇق. خىتايدىن ھەر خىل تىرىك، ئۆلۈك ھايۋانلارنى، ھايۋانلاردىن ئىشلەپ چىقىرىلغان بۇيۇملارنى ئىمپورت قىلىشنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى قارار قىلدۇق.»

ئۇ، بۇ قارارنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغىمۇ ئەۋەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىمپورت قىلىنىشى توختىتىلغان ماللار ئىچىدە قۇش ۋە قاناتلىق ھايۋانلار، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ھايۋان ياغلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارمۇ بار. مەزكۇر قارارنى ئائىلە، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر ئىدارىسى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغىمۇ ئەۋەتتۇق.»

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن غوجا ئەپەندى باياناتىدا يەنە تۈركىيەدە ئىشلەۋاتقان خىتايلار، يۇرتىغا بېرىپ كەلگەندىن كېيىن 14 كۈنگىچە ئۆيىدە دەم ئېلىپ، دوختۇر تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن خىزمەتكە باشلىسا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن غوجا ئەپەندى 7-فېۋرال كۈنى مەزكۇر باياناتنى بەرگەندىن كېيىن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «تۈركىيە ھۆكۈمىتى چىقارغان بۇ قارارغا ھەيران قالدۇق. بۇ قارار بىزنى ئەنسىزلىككە سالماقتا، شۇڭا قاتتىق نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتكە چەكلىمە قويۇشنى قوللىمايدىغانلىقىنى، ھەتتا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.»

تۈركىيە ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ تور بېتىدە ئورۇن ئالغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئېلان قىلغان باياناتتا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قارارىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارىغا خىلاپ ئىكەنلىكى، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت مۇناسىۋەتكە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خىتايدا بايقىلىپ دۇنيا بويىچە تارقالغان نەپەس يولى ۋىرۇسىنىڭ تۈركىيەگە يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتى چىقارغان خىتاينىڭ بەزى ماللىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىش قارارىغا خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ قارار تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە دوكتور ئابدۇكېرىم ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قارارىغا ھەممە دۆلەتنىڭ رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتى يوقلىغىنى، ھەممە دۆلەت ئۆزىنىڭ شەرت-شارائىتىغا قاراپ تۇرۇپ تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ تۈركىيەگە بۇنداق نارازىلىق بىلدۈرۈپ كېتىشىنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن تۈركىيەدە خىتايلارغا بولغان كۆز قاراش ئۆزگەردى. خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئابرۇيى يەنە بىر قېتىم تۆكۈلدى. بۇرۇن تۈركلەر خىتايلارغا ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قامىدى دەپ باشقىچە قاراۋاتقان بولسا، ئەمدى ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن تۈپەيلى باشقىچە قارىماقتا. بۇنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتايلارنىڭ ئەمدى ئۆزىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ تۇرۇپ ئويلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئابدۇكېرىم ئەپەندى مۇنداق دېدى:

ئۇنداقتا بۇنداق بىر ۋەزىيەت تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇنىڭ بەك سەلبىي تەسىرى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتايدا تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى بايقالغاندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2-فېۋرال كۈنى خىتايغا 93 مىڭ ماسكا ئەۋەتتى ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىن ھال سورىدى.