خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە پارتلاپ، 4 ئاي ئىچىدە پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى-كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ تۈركىيەدە 18 گە يەتكەنلىكى تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن قوجا تەرىپىدىن رەسمىي جاكارلاندى.
تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن قوجا 16-مارت كۈنى تۋىتتىر ئارقىلىق بەرگەن باياناتىدا، 16-مارت كۈنى مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ 18 گە يەتكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدىن 7 كىشىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن، 3 كىشىنىڭ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
تۈركىيە دۆلەت پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 12-مارت كۈنى كورونا ۋىرۇسى توغرىسىدا ئالاھىدە يىغىن چاقىرىپ، تۈركىيەدىكى مەكتەپلەرنى 16-مارتتىن تارتىپ ئىككى ھەپتىلىك تەتىل قىلىنغانلىقىنى، تىياتىر، كۆرگەزمە، ھەر خىل يىغىنلارنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تۈركىيەگە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ توختىتىلغانلىقىنى جاكارلىدى. تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن قوجا ئەپەندى بايانات ئېلان قىلىپ تۈرك خەلقىنى 14 قائىدىگە رىئايە قىلىشقا چاقىردى.
كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئالامەتلىرى نېمە؟ يۇقۇملانغاندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي فاكۇلتېتى ئاممىۋى ساغلاملىق كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور نامەتجان مەمەت ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تۈركىيە قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىن قالسا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت بولۇپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى ئىستانبۇل بىلەن قەيسەرى شەھىرىدە ياشىماقتا. ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ۋىرۇستىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دوختۇر نامەتجان مەمەت ئەپەندى ئالدى بىلەن بۇ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالامەتلىرى قىزىتىش، قۇرۇق يۆتەل، نەپەس يولى سىقىلىش ماغدۇرسىزلىنىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
دۇنيادا ۋەھىمە پەيدا قىلىۋاتقان بۇ كېسەللىكنىڭ ئالامىتى كۆرۈنگەنلەر نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ دېگەن سوئالىمىزغا دوكتور نامەتجان مەمەت ئەپەندى دەرھال دۆلەت دوختۇرخانىسىغا بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھازىرغىچە دۇنيادا بۇ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ دورىسى تېپىلمىغاچقا خەلق ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلماقتا. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان مەزكۇر يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىدىن پايدىلىنىپ، تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى 14 ماددىدىن تەركىب تاپقان قائىدە ئېلان قىلدى. دوكتور نامەتجان مەمەت ئەپەندى بۇ قائىدىلەر توغرىسىدا توختالدى.
تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى پروفېسسور ئالى ئەرباش ئەپەندى 16-مارت كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، تۈركىيەدە مەسچىتلەردە جامائەت كوللېكتىپ ناماز ئوقۇشنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى جاكارلىدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئەقىل ئاتا قىلغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى ئىشلىتىپ كورونا ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىر ئالسا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى چاقىرىقلىرىغا رىئايە قىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
بۈگۈنكى كورونا ۋىرۇسى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا پۈتۈن دۇنيادا كورونا ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 6 مىڭ 513كە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى بولسا 169 مىڭ 387'گە يەتكەن.
0:00 / 0:00