تۈركىيەدە كورونا ۋىرۇسىدىن بىر كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئۇيغۇرلارنى جىددىيلەشتۈردى
2020.03.18
تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان(ئوتتۇرىدا) كورونا ۋىرۇس مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 18-مارت، ئەنقەرە.
بۇندىن 4 ئاي بۇرۇن خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىنكى 4 ئىچىدە 144 دۆلەتكە تېزلا يامرىغان كورونا ۋىرۇسى تۈركىيەدىمۇ بىر كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. 18-مارتقىچە كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ تېز كۆپىيىشى ھەم تۈركىيەدىمۇ بىر كىشىنىڭ ئۆلۈشى شۇنىڭدەك ياۋروپادا ئۆلگۈچىلەرنىڭ نىسبىتىنىڭ تېز كۆپىيىشى تۈركلەرنى بەكلا چۆچۈتتى. پۈتۈن تۈركىيەنى كورونا ۋىرۇسىنىڭ ۋەھىمىسى قاپلىدى.
تۈركىيە 15-مارتتىن باشلاپ چېگرالارنى تاقاپ، كىرىپ-چىققۇچىلارنى تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە باشلىدى. باشقا دۆلەتلەردىن كېلىپ تۈركىيەدە ئىشلەۋاتقان ھەم ئوقۇۋاتقان كۆپ ساندا كىشى ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتىشقا ئالدىرىماقتا. تۈركىيە مەكتەپلەرنى، تۈرلۈك ئىجتىمائىي، مەدەنىي، تەنتەربىيە كۇلۇبلىرىنى بىردەك تاقىدى. لېكىن ئىدارە-ئورگانلارنى، زاۋۇتلارنى تاقىمىغان بولسىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ بىر يەرگە توپلىنىشىنى چەكلىدى، 2020-يىلى ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق يىغىنلارنى، تۈرلۈك مۇسابىقىلەرنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇردى.
تۈركىيە تېلېۋىزىيەلىرىدە خىتايدا پارتلىغان كورونا ۋىرۇسىنى خىتاينىڭ ھازىر «تىزگىنلىگەن» لىكى، ياۋروپادا تېز كۆپىيىۋاتقانلىقى، تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بېرىپلا قالماي، تۈركىيە خەلقىنىمۇ جىددىي ساراسىمىگە سالغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا. بۇ ۋەزىيەت تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، نوپۇسى 70 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئەندىشىلەرگە سالماقتا. تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، قەيسەرى، بۇرسا، كاستامونۇ ۋە قاھرامانماراش قاتارلىق شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلار بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنىڭ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقانلىقىنى، كورونا ۋىرۇسىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن تەدبىر ئالغانلىقىنى، يۇقۇملانغان ئۇيغۇر يوقلۇقىنى بايان قىلدى.
قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى مامۇتجان ئەركىن ئەپەندى ئەتىگەندىن ئاخشامغىچە ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرى ئۇيغۇرلار كۆپ شەھەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇرسادىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئابدۇلمېجىت ئەپەندى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ دېگەن مەسىلىدە مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىسىدا تارتىشىلىۋاتقان، مۈجمەل بولغان بەزى تېمىلارنى ئىزاھلاپ بېرىش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي فاكۇلتېتى ئاممىۋى ساغلاملىق كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى دوختۇر نامەتجان مەمەت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
كىملەر ماسكا تاقىشى كېرەك؟ دېگەن سوئالىمىزغا دوختۇر نامەتجان مەمەت ئىزاھات بەردى.
كورونا ۋىرۇسى چىققاندىن كېيىن ئەڭ كۆپ سېتىلغان نەرسە سوپۇن بىلەن دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقلىرى ئىكەن؟ قايسىلىرىنى قانداق ئىشلىتىشىمىز كېرەك؟ نامەتجان بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى دېدى:
دوختۇر نامەتجان قولىمىزنى قانداق يۇيۇشىمىز كېرەك؟ قانداق كۆرۈشۈشىمىز كېرەك؟ دېگەن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
كورونا ۋىرۇسى تارقالغان بەزى دۆلەتلەر خەلقىنىڭ ئۆيىدىن چىقىشىنى چەكلىگەن بولسا بەزىلىرى چەكلىمىدى، بەزى كىشىلەر كۆپلەپ نەرسىلەرنى سېتىۋالدى؟ خەلق سالامەتلىكى دوختۇرى نامەتجان مەمەت بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىپ ئۆتتى.
بەزى مۇتەخەسسىسلەر ھاۋا ئىسسىق بولسا ۋىرۇسنىڭ تۈگەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ توغرىمۇ؟ نامەتجان بۇ كۆز قاراشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.









