تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئارزۇ قىلىنغان سەۋىيەدە تەرەققىي قىلىشى مۇمكىنمۇ؟
2023.01.09
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيە خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىدىن مەنپەئەت ئېلىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭدا كۆرۈنەرلىك بىر نەتىجە ھاسىل بولمىغانلىقى مەلۇم.
يېقىندا، «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتى مۇخبىرى كەندىي ۋوڭ (Kandy Wong) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئىككى ئاساسلىق ئامىل بار بولۇپ، بۇنىڭ بىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى، يەنە بىرى تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى، يەنى ناتوغا ئەزا دۆلەت بولۇشى ئىكەن.
ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «تۈركىيە خىتاينىڭ تېخنىكىسى ۋە مەبلىغىگە تايىنىپ، بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى بويىچە ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆزلىمەكتە. بىراق تۈركىيەنىڭ ناتوغا ئەزا دۆلەت بولۇشى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرى بۇ مەقسەتكە يېتىشتىكى ئىككى چوڭ پەرق بولۇپ تۇرماقتا».
ماقالىدىن قارىغاندا، تۈركىيە-خىتاي ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك ۋە سودا ئالاقىسى بۇ يىل 52-يىلىغا قەدەم قويغان. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2022-يىلى 9-ئايدا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييپ ئەردوغانغا 2010-يىلى ئىمزالانغان كېلىشىم بويىچە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۆتكەن 9-ئايدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا تۈركىيەمۇ قاتناشقان بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى دەۋرنىڭ سىگنالى، دەپ قارالغان. ئىككى دۆلەت يەنە 2015-يىلى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ ۋە بىر يول قۇرۇلۇشى» بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى پىلانى بولغان ۋە «ئوتتۇرا كارىدور» دەپ ئاتالغان قۇرۇلۇش پىلانىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر چۈشىنىش كېلىشىمى ئىمزالىغانىكەن. «ئوتتۇرا كارىدور پىلانى» بولسا خىتاينى ياۋروپاغا تۈركىيە ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ئىكەن. مەزكۇر ئوتتۇرا يول قۇرۇلۇشى تۈركىيەنىڭ قىتئەلەر ئارا ئورنىدىن پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، تۈركىيەدىن يولغا چىقىدىغان پويىز كاۋكاز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ئۆتۈپ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىدىكەن.
بىراق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنداق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق پىلانلىرى قۇرۇلغان بولسىمۇ ھازىرغىچە كۆرۈنەرلىك نەتىجە چىقمىغان.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەگە ئىشەنمەسلىكى ئىكەن.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مۇنداق دېدى:
«تۈركىيە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولغاچقا مەبلەغ ۋە تېخنىكىغا موھتاج. بۇنى بېرەلەيدىغان دۆلەت خىتاي بولغاچقا 2015-يىلىدىن باشلاپ مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش يولىغا ماڭدى. بىراق كۈتكەن نەتىجىنى ئالالمىدى. خىتاي ھازىرغىچە تۈركىيەگە تېخى قولغا چىققۇدەك بىر مەبلەغ سېلىپ باقمىدى. گەرچە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت سوممىسى ئاشقان بولسىمۇ ئەمما تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن ئالىدىغان پايدىسى يەنىلا ئۆزگەرمىدى. ئاساسلىق پايدىنى يەنىلا خىتاي ئېلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سالماسلىقىدىكى سەۋەب بولسا ئۇنىڭ تۈركىيەگە ئىشەنمەسلىكى، چۈنكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ مەنبەسىنى تۈركىيەنى مەنبە قىلغان پانتۈركىزملىق ئىدىيە دەپ قارىشى ھەمدە يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيەدىن تەلەپ قىلغانلىرىنى ئالالماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن. بۇندىن سىرت يەنە، تۈركىيە ھازىرغىچە ئوتتۇرا يول قۇرۇلۇشىدىكى ۋەدە قىلىنغان تۆمۈر يولنى سېلىپ بولالمىغان بولغاچقا بەلكىم بۇمۇ خىتاينىڭ مەبلەغ سالماسلىقىغا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن».
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدا بۇ ھەقتە ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋېلى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى گۆكخان تېكىر زىيارەت قىلىنغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيەنىڭ «ئوتتۇرا كارىدور» قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۈركىيە شەرقىي شىمالدىكى كارس شەھىرى بىلەن پايتەخت ئەنقەرە ئوتتۇرىسىدا تۆمۈريول ياساشقا مەبلەغ سېلىشى كېرەككەن. شۇڭا تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنى-بېيجىڭ بىلەن لوندوننى تۈركىيە ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇش نىشانىغا يېتىشنىڭ ۋاستىسى دەپ قارايدىكەن.
ئىستانبۇلغا جايلاشقان مەسلىھەت بېرىش شىركىتى Atli Global نىڭ قۇرغۇچىسى ئالتاي ئاتلىنىڭ جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتىگە ئېيتىشىچە، تۈركىيەدە تېخى بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇش تۈرى ئىشقا كىرىشمىگەن بولۇپ، پەقەت دېڭىز پورتى قۇرۇلۇشى ۋە ئېنېرگىيە بازىلىرىدىن ئىبارەت ئىككى ئاساسلىق مەبلەغ سېلىش تۈرى داۋاملاشماقتىكەن.
ئالتاي ئاتلى سۆزىدە يەنە ئەسكەرتىپ: «تۈركىيەنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىق ئارقىلىق ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى ھەرقانداق سىياسىي ئىتتىپاقتىن ياكى ئىدىيەدىن مۇستەقىل ھالدا ئىلگىرىلىشى كېرەك. تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، سودىغا يۈزلىنىش كېرەك. خىتاينىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشىدا مۇھىم بولغىنى ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا قانچىلىك تۆھپە قوشىدىغانلىقىدۇر» دېگەن.
ھالبۇكى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي تۈركىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردە سىياسىي قارارلارغا تايانماقتىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«تۈركىيە بىر قانچە قېتىم خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلدى. بىراق ئۇ ھازىرغىچە كەلمىدى. ئەمما يۇقۇم قامالىدىن كېيىنلا سەئۇدى ئەرەبىستانغا زىيارەتكە باردى. يەنى تۈركىيەگە سەل قاراۋاتقان بىر ئەھۋال بار. بۇنىڭدا ھەرخىل سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەركىزى گېرمانىيەدە، ئەمما بۇ، خىتاينىڭ گېرمانىيەگە مەبلەغ سېلىشىغا توسالغۇ بولغىنى يوق. شۇڭا خىتاينىڭ تۈركىيەگە ئىشەنمەسلىكى ۋە مەبلەغ سالماسلىقىدا بىز بىلمەيدىغان باشقا سەۋەبلەرمۇ بولۇشى مۇمكىن».
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە ئالاقە ۋە ئېنېرگىيە مەبلىغىگە، شۇنداقلا كەڭ كۆلەملىك قاتناش ترانسپورت تورىغا ئېھتىياجلىق ئىكەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھەم شۇنداقلا تۈركىيەدىكى خۇسۇسىي شىركەتلەر 5 گ ھۈل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خۇاۋېي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىكەن. 2017-يىلى، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېفون ئالاقە شىركىتى بولغان «تۈركسەل» ۋە «خۇاۋېي تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» 5G تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان.
2019-يىلى، خۇاۋېي يەنە تۈركىيەدە ئەقىللىق شەھەرلەر قۇرۇش پىلانى بويىچىمۇ ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. بىراق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ تۈركىيەدىكى بۇ پائالىيەتلىرى بىخەتەرلىك ئەندىشىسى تۈپەيلىدىن ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى مۇمكىن ئىكەن.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچىتىسى» گېزىتىدىكى ماقالىدا ئاپتور كەندىي ۋوڭ، خىتاينىڭ خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ۋاڭ يىۋېينى زىيارەت قىلغان، ۋاڭيىۋېي سۆزىدە: «ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ بىربەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. ئامېرىكا بولسا رۇسىيە ۋە خىتاينى باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ناتودا باشلامچى رول ئوينايدۇ» دېگەن.
بىراق بۇ خىتاي پروفېسسور سۆزىدە يەنە، تۈركىيە رۇسىيەدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلەشكەنلىكىنىمۇ قوشۇپ قويغان.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي تۈركىيەنىڭ ئامېرىكاغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى كۆرگەن بولسىمۇ، يەنىلا تۈركىيەگە بولغان كۆز قارىشىدا ئۆزگىرىش بولمىغان بولۇپ، بۇنىڭ يەنە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگىرىدىغانلىقىغىنىڭمۇ ئېھتىمالى يوق ئىكەن.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، شاڭخەي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى لىلىفەن جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە: «ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ئىدېئولوگىيە پەرقلىرى تېخىمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى توسالغۇ ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن.
تۈركىيە خارران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر پروفېسسورى مەھمەت ئېلى بولسا گېزىتكە قىلغان سۆزىدە تۈركىيەنىڭ ھازىر تەڭپۇڭلۇق سىياسىتى قۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە: «ھازىر تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس. . . ئۇنىڭ ئۈستىگە گىرىتسىيەنىڭ تۈركىيەگە قوشنا ئارىلىنى قوراللاندۇرۇشىدەك ئەھۋاللار مەۋجۇت ئىكەن. خىتاينىڭ كۈچلۈك دۆلەتلىكى تۈركىيەگە ئايان. شۇڭا تۈركىيەدە ھۆكۈمەت ئالماشقان تەقدىردىمۇ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى كېلەر يىلى يەنىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا، كوۋىد يۇقۇمىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىدىمۇ زور چېكىنىش يۈز بەرگەنلىكى، ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن سىياسىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، «بۇنداق ئەھۋالدا خىتاينىڭ تۈركىيەگە قانچىلىك ياردەم قىلالايدىغانلىقى گۇمانلىق،» دەپ كۆرسەتتى.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ماقالىسدا كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتە كۈنسېرى دېموكراتىيەدىن يىراقلىشىشى ۋە تاشقى سىياسىتىدىمۇ ئۇرۇشقاق سىياسەت تۇتۇشىدەك سەۋەبلەر ئۇنىڭ ياۋروپا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، ئۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش تەلىپىنىڭمۇ توختاپ قېلىشىغا سەۋەب بولماقتىكەن.