خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق سابىق باش كونسۇلىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلار توغرىسىدىكى بايانلىرى تۈركىيەدە قايتا رەددىيەگە ئۇچرىدى
2024.02.14

بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا كەڭ كۆلەمدە قامىشى خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراشقا باشلىغاندا، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى سابىق باش كونسولى سۈي ۋېي ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئاقلاپ، تۈركىيە دېمىرۆرەن خەۋەر ئاگېنتلىقى (Demirören Haber Ajansı) دا سۆزلىگەن سۆزىدە، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، يەنى رادىكال چۈشەنچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ نېرۋىسىنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن شۇنىڭدەك «بىز قۇرغان مەكتەپلەردە ئىختىيارىي داۋالاش بىلەن تەمىنلەيمىز» دېگەنىدى. گەرچە ئۇ، بۇ سۆزلەرنى بىر قانچە يىل ئىلگىرى بايان قىلغان بولسىمۇ. ئەمما يېقىندا تۈرك مىللىي پۇتبول ماھىرى كەرەم ئاكتۈركئوغلۇنىڭ خەلقئارا ئىجتىمائىي تاراتقۇسى x تە سۈي ۋېينىڭ بۇ ۋىدىيولۇق سۆزلىرىنى قايتىدىن تارقىتىپ ئىنكاس يېزىشى بىلەن تەڭ تۈركىيە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرى ۋە باشقا خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا قاتتىق تەنقىدىي ئىنكاسلار يېزىلدى.
تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك پۇتبولچىسى شۇنداقلا تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ پۇتبول كوماندىسى بولغان گالاتاساراي كۇلۇبىنىڭ كاپىتانى كەرەم ئاكتۈركئوغلۇ، ئۆزىنىڭ 586 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بولغان X رەسمىي ھېسابى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى سابىق باش كونسولى سۈي ۋېينىڭ ئاشۇ، «لاگېرغا قامالغانلارنىڭ نېرۋىسى كېسەل» دېگەن سۆزىنى قايتا تارقىتىپ، ئۇنىڭغا رەددىيە قايتۇرۇپ: «كېسەل بولغىنى ئۇلارنىڭ مېڭىلىرى ئەمەس بەلكى ئەسلى كېسەللىك ئىنسانلارنى ئائىلىلىرىدىن مەجبۇرىي ئۇزاقلاشتۇرۇپ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سۇلاپ قويغان قىرغىنچىلىق زېھنىيتى» ، دەپ تەنقىد قىلدى.
كەرەم ئاكتۈركئوغلۇ X ئارقىلىق ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» دېگەن ئاتالغۇنى يازمىسى بىلەن بىرلىكتە ھەمبەھىرلىدى.
كەرەم ئاكتۈركئوغلۇنىڭ مەزكۇر بايانلىرى تۈركىيەنىڭ «يېڭى شافاك» (Yeni Şafak) گېزىتىنىڭ 11-فېۋرال كۈنىدىكى سانىدا «كەرەم ئاكتۈركئوغلۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاۋازى بولدى-خىتاي دىپلوماتقا تارىخى جاۋاب» ، دېگەن تېمىدا ئېلان قىلىندى.
بىز بۇ ھەقتە پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن مەركىزى ئىستانبۇلدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى، بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بۇ بايانلىرىنى چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، كۈرەشلىرى ۋە پىداكارلىقىنىڭ نەتىجىسىدە خىتاينىڭ بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىش مەجبۇرىيىتىدە قالغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار تەتقىقات ئېلىپ باردى، پارلامېنتلاردا قانۇنلار قوبۇل قىلىندى، ئەنگلىيەدىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقى ھۆكۈم قىلىندى. مۇشۇنداق شارائىتلار خىتاينى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە قىستاۋاتقان بىر ۋەزىيەت ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ۋەزىيەتتە خىتاي ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن مۇشۇنداق باياناتلارنى بېرىپ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىلمىشلىرىنى پەقەت دىنى رادىكاللىق ۋە ياكى بۆلگۈنچىلىك دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلاش مەجبۇرىيىتىدە قالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز، ئۇنىڭدىن باشقا يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان خىتاي ماللىرىغا بايقۇت قىلىش ۋە ئېمبارگونىڭ تەسىرى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز، خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئۆزىنى ئاقلىيالمايدىغان بىر يولغا گىرىپتار بولغانلىقىنى كۆرىمىز، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، خاتالىقىنى تۈزىتىپ، ئۇ يەردە ئادالەتسىز ھالدا تۈرمىلەردە، لاگېرلاردا يېتىۋاتقان ئىنسانلارنى قويۇپ بېرىپ ئۇلاردىن خەلقئارانىڭ ئالدىدا كەچۈرۈم سوراش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىش ۋە خەلقنىڭ ھۆر-ئەركىن ياشاش ھوقۇقىنى تونۇشتىن ئىبارەت يولغا ماڭماي تۇرۇپ ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئاقلىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتالايمىز».
بىز يەنە پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن مەركىزى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق، ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى، بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇرغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقادى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى كېسەللىك دەپ قاراپ ئۇلارنى يوقىتىش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكى بىر ئەمەلىيەت، بۇنى خىتاي تەرەپ ھەر قانچە قىلسىمۇ ئىنكار قىلالمايدۇ».
تۈركىيە «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۇنداقلا پارلامېنت ئەزاسى پىروفېسسور كۇرشاد زورلۇ ئەپەندى، 229 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بولغان X رەسمىي ھېسابى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى سابىق باش كونسۇلى سۈي ۋېينىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە قايتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى سابىق باش كونسولى سۈي ۋېينى، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرى توغرىسىدىكى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان سۆزلىرى سەۋەبىدىن ئەيىبلەيمەن. نەچچە يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا پىلانلىق ھالدا داۋام قىلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە، مەيلى مىللىي جەھەتتىن بولسۇن مەيلى مەدەنىيەت جەھەتتىن بولسۇن ئۇيغۇر تۈركلىرىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ. خەلقئارا ساھەدە ئىسپاتلانغان بۇ ھەقىقەتلەر ئوچۇق تۇرسىمۇ خىتاي باش كونسۇلىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن بەرگەن بايانلىرى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىمۇ سەلبىي جەھەتتىن تەسىرگە ئۇچراتماقتا. بىز ئىيى پارتىيەسى بۆلۈش سۈپىتىمىز بىلەن قانۇن ۋە ئادالەتتىن يىراق بۇ پوزىتسىيەگە قارشى ھەر ۋاقىت شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېنىدا تۇرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز».
x ئىجتىمائىي تاراتقۇسىدا 325 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بولغان تۈرك ژۇرنالىست مەھمەت ئېلى ئۆنېل ئەپەندىمۇ سۈي ۋېيگە رەددىيە قايتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى سابىق باش كونسۇلى سۈي ۋېينىڭ قارىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدا مەجبۇرىي قامالغان 3 مىليون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرنىڭ مېڭىسى كېسەل ئىكەن. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا دۇچار قىلىپ كەلمەكتە. مىللىي كىملىك ۋە ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش دېگەنگە ئوخشاش دىنى ئىبادەتلەرنى چەكلىگەن خىتاي ھاكىمىيىتى ئىنسانلارنى مىللىي كىملىكى ۋە دىنى ئېتىقادى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىپ لاگېر ۋە تۈرمىلەرنى تولدۇردى ۋە ھەر خىل شەكىلدە رەھىمسىزلەرچە قىيىن-قىستاق قىلدى. ھەددىدىن ئاشقان خىتاي كونسۇلى تۈركچە سۆزىدە لاگېرلاردا قىيناپ ئازابلاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتا، ‹ئۇلارنىڭ مېڭىلىرى كېسەل، داۋالىتىۋاتىمىز›، دەپتۇ، ھەددىدىن ئاشقان بۇ دىپلوماتقا ھەددىنى بىلدۈرۈش كېرەك. ‹تۈركىيە خالىمىغان كىشى› دەپ جاكارلاپ دۆلىتىگە دەرھال قايتۇرۇش كېرەك» .
خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى سابىق باش كونسۇلى سۈي ۋېي بۇ سۆزلەرنى 2019 -يىلى 5 -ئاينىڭ 14-كۈنى دېمىرۆرەن خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ (Demirören Haber Ajansı) مۇخبىرىنىڭ زىيارىتى جەريانىدا سۆزلىگەنىدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى شۇ ۋاقىتتىمۇ قاتتىق نارازىلىقلارنى قوزغىغانىدى. تۈركىيەدىكى داڭلىق پۇتبولچى كەرەم ئاكتۈركئوغلۇنىڭ بۇ سۆزلەرنى قايتىدىن تارقىتىپ قاتتىق رەددىيە بېرىشى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقى، لاگېرلارغا سولاپ جازالىشى تۈركىيەدە يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە كەلدى.