تۈركىيە خىتايدىن قاچقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئاساسلىق پاناھگاھى بولۇپ، نۆۋەتتە مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ساھىبخانىلىق قىلماقتا. لېكىن 2017-يىلى تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ۋە نۆۋەتتە تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلغان جىنايەتچى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى نىشانغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىغا يول ئېچىش ئەندىشىسىنى پەيدا قىلماقتا.
يېقىندا نورۋېگىيەدىكى «شىمالىي ياۋروپا تەتقىقاتى ۋە كۆزىتىش تورى» ناملىق بىر تەشكىلات بۇ كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ 19-ماي «شىمالىي ياۋروپا كۆزىتىش تورى» دا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا تەكىتلىنىشىچە، بۇ كېلىشىم تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىگە يول ئاچىدىكەن. دوكلاتتا بۇ كېلىشىمدە نۇرغۇن مۈجمەل نۇقتىلارنىڭ بارلىقى، بۇ مۈجمەللىكنىڭ تۈركىيە ئىمزا قويغان «ياۋروپا جىنايەتچى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى» گە خىلاپ ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز 19-ماي كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى بەزى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى پىكرىنى ئالدۇق. ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان پارلامېنتتىكى 3-چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە-مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى نۆۋەتتە بۇ كېلىشىم پارلامېنتنىڭ كۈنتەرتىپىدە يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «تەبىئىي، بۇنداق بىر نەرسىگە ئالاقىدار بىر كۈنتەرتىپ يوق. پارتىيەمىزنىڭ بىر سىياسىتى بار. ئەمما شۇنى دەيمەن، بۇنى سوراشنىڭ ئۆزى بىز ئۈچۈن بىر ئەيىب. ئەلۋەتتە، بىز ئىرقداشلىرىمىزنىڭ خاتىرجەملىكى، خۇشاللىقى، ئەركىنلىكى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى قوغدايمىز. شۇڭا پارتىيەمىز ۋە رەھبىرىمىز بۇ سەزگۈرلۈكنى ھەر ۋاقىت كۆرسىتىپ كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن شۇئانكى كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار ئۇچۇرغا ۋاقىپ ئەمەس.»
تۈركىيە يېقىنقى يىللارغا قەدەر ھېچقاچان بىرەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ باقمىغان. ئەمما بۇ ئەھۋالدا پەقەت 2019-يىلى ئۆزگىرىش بولدى. تۈركىيەنىڭ 2019-يىلى 6-ئايدا 3 نەپەر ئۇيغۇرنى تاجىكىستان ئارقىلىق خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى، ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلەر ئارىسىدىكى زىننەتگۈل تۇرسۇن ئىسىملىك ئايالنىڭ ئىككى پەرزەنتى بىلەن غۇلجاغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن 5 مىليوندەك سۈرىيە مۇساپىرلىرىغا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى.
«ئىيى» پارتىيەسى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى 4-چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە بولۇپ، مەزكۇر پارتىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىپ كەلگەن. 19-ماي كۈنى مەزكۇر پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فەخرەتتىن يۇقۇش ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇمۇ نۆۋەتتە بۇ كېلىشىم پارلامېنتنىڭ كۈنتەرتىپىدە يوقلۇقى، ئەگەر بۇنداق بىر كېلىشىم پارلامېنتنىڭ كۈنتەرتىپىگە قويۇلسا ئىيى پارتىيەسىنىڭ «شىددەت» بىلەن قارشى چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فەھرەتتىن يۇقۇش مۇنداق دېدى: «بىز بۇنىڭغا شىددەت بىلەن قارشى چىقىمىز. بۇنى كۈنتەرتىپكىمۇ ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. ئېلىپ كەلسە مەجلىستە قىيىنچىلىق تۇغۇلىدۇ. بولۇپمۇ ئاخىرقى كۈنلەردە ۋىرۇس مەسىلىسى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى خىتايغا مەركەزلەشكەن بىر مەزگىلدە تۈرك ھۆكۈمىتىنى بۇنداق بىر ئىش قىلىدۇ، دەپ ئويلىمايمىز. قىلغان تەقدىردىمۇ ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ھەممىسى شىددەت بىلەن قارشى چىقىدۇ. پارتىيەمىز ئەڭ شىددەتلىك قارشى چىقىدۇ. ئۇنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتمەسلىكى ئۈچۈن ھەر ئىشنى قىلىمىز. ئەمما كۈنتەرتىپكە قويىدىغانلىقىغا ئېھتىماللىق بەرمەيمەن.»
فەھرەتتىن يۇقۇش يەنە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ يېقىندا ماقۇللىغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى ئىجابىي تەرەققىيات دەپ قارايدىغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇق نازارەتچلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
فەھرەتتىن يۇقۇش يەنە مۇنداق دەيدۇ: «كورونا ۋىرۇسى بىلەن تەڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى خىتايغا بۇرالغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئەلۋەتتە، سىز بىلگەندەك ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللانغان بىر قانۇن لاھىيەسى بار، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركلەر توغرىسىدا پرېزىدېنت ئىمزالايدىغان. بۇ بىر ئىجابىي تەرەققىيات. بەلكىم ئامېرىكا بۇنى خىتايغا كورونا ۋىرۇسىدا بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشى، بولۇپمۇ لاگېرلاردىكى ئىرقداشلىرىمىزنىڭ قويۇپ بېرىلىشى نۇقتىسىدىن ئىجابىي قارايمىز. بىزمۇ بۇ يەردىن لاگېرلار تاقالسۇن، ئىنسانلار ئائىلىسى بىلەن جەم بولسۇن، دەپ قوللايمىز.»
تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا قانۇن تەكلىپ لايىھەسى بەرگەن. لېكىن قانۇن لايىھەسى ھاكىمىيەت بەشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى. ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى 19-ماي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتا ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل قوغداپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىرقداشلىرىمىزنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، قەتلى قىلىنىۋاتقانلىقى، نومۇسىغا تىل ئۇزارتىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇشىغا كاشىلا قىلىنىپ، دىنىي ئېتىقادىغا توسقۇنلۇق قىلىنىۋاتقانلىقىغا قارشى بارلىق ئىمكانىيىتىمىز بىلەن قوغداۋاتىمىز.»
«نوردىك كۆزىتىش» تورىنىڭ دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، تۈركىيە-خىتاي جىنايەتچى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىڭ 2-ماددىسىنىڭ 2-بۆلۈكىدە «ھەر ئىككى تەرەپ قانۇنلىرىنىڭ جىنايەتنى ئەينى كاتىگورىيەگە قويۇش-قويماسلىقى ياكى جىنايەتنى ئەينەن سۆزلۈك بىلەن ئىپادىلەش-ئىپادىلىمەسلىكى مۇھىم ئەمەس» دېيىلگەن ئىكەن. كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر قانۇن تەستىقلانسا بۇ ئۇيغۇرلار قىياس قىلغىلى بولمايدىغان زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ رەئىسى نۇرىي تۈركەل 19-ماي بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، تۈركىيەدەك ياۋروپا قانۇن ئۆلچەملىرىنى قوبۇل قىلغان بىر دۆلەتنىڭ خىتاي بىلەن بۇنداق بىر كېلىشىمنى ئىمزالىشى ئۇنىڭغا داغ چۈشۈرىدىكەن.
تۈركىيە-خىتاي جىنايەتچى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى 2017-يىلى 5-ئايدا تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە سابىق تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداگ بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان. كېلىشىمگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا پرېزىدېنت ئەردوغان بىلەن خىتاي باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ قاتناشقان ئىدى. ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر كېلىشىم 2019-يىلى 12-ئايدا تۈركىيە پارلامېنتىغا يوللانغان ئىكەن.
0:00 / 0:00