خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشتە» تۈركىيەنىڭ قوللىشىنى تەلەپ قىلغان

0:00 / 0:00

«ياۋروپا خەۋەرلىرى» تور گېزىتىنىڭ 17-ماي كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا 16-ماي كۈنى بېيجىڭدا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سىياسىي مۇزاكىرە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. يىغىنغا تۈركىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنال باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې يۈچېڭ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت قاتناشقان.

مەزكۇر تور گېزىتىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى «تېررورچىلىققا قارشى كۆرەشتە» تۈركىيەنىڭ قوللىشىنى تەلەپ قىلغان.

16-ماي كۈنى تۈركىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنال بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشكەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئۇچرىشىشتىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ۋە تېررورچىلىققا قارشى كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تۈركىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنالنى دەرھال ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە چاقىردى. بىز بۇ پارلامېنت ئەزالىرىدىن بىرى بولغان «ئىيى»، يەنى ياخشى پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، تۈركىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنالنىڭ ۋەزىپىسىدىن دەرھال ئىستېپا بېرىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇئاۋىنى سەدات ئۆنال نېمىنى ئويلاپ دېگەن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، يەنى بىز بۇنداق دېمىسەك تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ كېتەرمۇ؟ دەپ ئويلاپ بۇنداق دېيىشى، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تارتىۋاتقان خىتاي زۇلۇمىنى كۆرمەسكە سېلىشى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا خىيانەت قىلغانلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايمىز. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ۋاكالىتەن خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن بىر كىشى ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلىتىۋاتقان خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىدا، ئۇيغۇرلارنى ‹تېررورچى ئۇنسۇر ‹دېگەن بولسا، ئۇ كىشى دەرھال ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى كېرەك ياكى ئۆزى دەرھال ئىستېپا بېرىشى كېرەك».

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ يۈزلىنىشنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يىغىننىڭ مەقسىتى نېمە؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ھەر يىل بىر قېتىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئۇ قارارغا ئاساسەن بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا 16-ماي كۈنى تۈركىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنال ئەپەندى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې يۈچېڭ ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل خادىمى ۋاڭ ياجۈن بىلەن ئۇچراشقان. ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. دوكتور ئەركىن ئەكرەم لې يۈچېڭ بىلەن ۋاڭ ياجۈننىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە مەسئۇل كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ئۇچرىشىشلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ چوقۇم تىلغا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ ئۇچرىشىشلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا خىتاي دائىرىلىرى «شەرقىي تۈركىستانلىق تېررورچىلار» دېگەن، تۈركىيە بولسا «تېررور» دېگەن. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئىككى دۆلەتنىڭ «تېررورچىلىق» ئۇقۇمىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىمۇ بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ۋە ياكى يامانمۇ بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولغىنىدەك تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئەنسىرەشلىرىنى بايان قىلىۋاتقان بىردىنبىر ئىسلام دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل 2-ئاينىڭ 26-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي يىغىنىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ خىتاينى تەنقىد قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دېڭلى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇنى زىيارەت قىلىپ، ئەگەر تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بۇ پوزىتسىيەسىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت مۇناسىۋىتىنىڭ دەخلىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى.