ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ: «تۈركىيەگە ھەممە دۆلەتتىن مەبلەغ كەلسە بولىدۇ، لېكىن خىتاي خەتەرلىك»

0:00 / 0:00

تۈركىيەدىكى بەزى ئۆكتىچى پارتىيەلەر خىتاينىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشىغا ئىشىك ئېچىۋېتىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا تۈركىيە پارلامېنتىدا ۋە خەلقئارا سورۇنلاردا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى مەسئۇلى ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ ئەپەندى 26-ئىيۇل كۈنى پارلامېنت ئومۇمىي يىغىنىدا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىشىغا قارشى تەدبىر ئېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەنىڭ خىتايغا يول قويۇشىنىڭ ھەر جەھەتتىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ سۆزىدە: «تۈركىيەگە ھەممە دۆلەتتىن مەبلەغ كەلسە بولىدۇ، لېكىن خىتاي خەتەرلىك» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

ئۇ، مۇنداق دېدى: «كېيىنكى كۈنلەردە تۈركىيەدە خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرىغا قارىتا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە بىر يۇقىرى ئېغىش بار. مەسىلەن ئاپتوموبىل سانائىتى ساھەسىدە خىتاينىڭ ب ي د (B Y D) شىركىتىنىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشى مەلۇم دەرىجىدە رىغبەتلەندۈرۈلدى. ئەلۋەتتە تۈركىيەگە مەبلەغ كېلىشى ياخشى ئىش. مەبلەغنىڭ مىللىتى ۋە دۆلىتى بولمايدۇ. ئەمما بىزنىڭ توگگ (TOGG) ماركىلىق توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىمىز بار. دۆلىتىمىز بۇ ساھەدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا بىز ئالقىشلىدۇق. بۇنىڭغا ئەجىر سىڭدۈرگەنلەرگە رەھمەت ئېيتىپ، بۇنداق يېڭىلىقلارنىڭ داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلدۇق. ئەمما نۆۋەتتە ماشىناسازلىق سانائىتىدە خىتايغا بېرىلگەن ئىمتىيازلار تۈركىيەنىڭ توگگ (TOGG) ماركىلىق ئاپتوموبىلىغا قارىتا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ».

پارلامېنت ئەزاسى ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ، 600 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئىشتىراك قىلغان تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىنىدىكى سۆزىدە، پەقەتلا ئاپتوموبىل ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى باشقا ساھەلەردىمۇ خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرىغا چوڭ يول ئېچىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ تۈركىيەدە پەقەت سودا ساھەسىدىلا ئەمەس، ئاخبارات ساھەسىدىكى تەسىرىنىڭمۇ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھامان، بەزى قەلەمكەشلەرنىڭ خىتاينى ماختاپ ماقالىلەر يېزىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە تۈركىيەدە خىتاي بىلەن رۇسىيە تەرەپكە ئېغىش خاھىشىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىستراتېگىيە جەھەتتىن ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ ئەپەندى تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ مۇنۇلارنى دېدى: «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى مەۋجۇت. ئاخبارات ئەركىنلىكى يوق، ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئۆز كۆزقارىشىنى ئەركىن ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ. تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تەرەپكە ئاغسا بولمايدۇ. ھەممە دۆلەتتىن مەبلەغ كەلسە بولىدۇ. لېكىن خىتاي خەتەرلىك. شۇنچە مەبلەغ سېلىپ توگگ (TOGG) ماركىلىق توكلۇق ئاپتوموبىل زاۋۇتىنى قۇرغاندىن كېيىنلا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ماشىنىسازلىق شىركىتى ب ي د (B Y D) نىڭ مەبلەغ سېلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىڭلارنى خەلقىمىزگە قانداق چۈشەندۈرىسىلەر؟ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تۈركىيەنى تەسىرى ئاستىغا ئېلىشقا تىرىشىۋاتقان خىتاينىڭ تۈركىيەدە ھەر ساھەدە سۆز ئىگىسى بولۇشىغا يول قويۇشقا بولمايدۇ.»

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 6-ئاينىڭ 3-4-كۈنلىرى خىتايغا رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىنلا تۈركىيە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللارنىڭ تاموژنا بېجىنى 40% گە ئۆستۈرگەنىدى. بىراق، 7-ئاينىڭ 8-كۈنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ماشىنىسازلىق شىركىتى ب ي د (B Y D) نىڭ پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ قاتناشقان مۇراسىمدا تۈركىيەدە ماشىنىسازلىق زاۋۇتى قۇرۇشى ھەققىدىكى كېلىشىمگە قول قويۇلغانىدى. مەزكۇر كېلىشىم، خىتاينىڭ تۈركىيەنىڭ مانىسا ۋىلايىتىدە بىر مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشىغا ئائىتتۇر. ئۇنداقتا خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى مەبلىغىنىڭ كۆپىيىشىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىرى بولار؟

ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى خىتاينىڭ تۈركىيەگە بۇنداق مەبلەغ سېلىشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇنى تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تاشقى سىياسەتتىكى بەزى ئۆزگىرىشى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى سەۋىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلساق توغرا بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. تۈركىيە مەيلى سىياسىي جەھەتتىن بولسۇن، ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بولسۇن بىتەرەپ سىياسەت ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىمۇ بۇنىڭ ئەكس ئېتىشى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەنىڭ سودىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەنىلا ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا. تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىسىدىمۇ زور تەڭپۇڭسىزلىق بار. بۇ تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن تۈركىيە، خىتايغا داۋاملىق ھالدا›بىزگە كۆپرەك مەبلەغ سېلىڭلا‹دەۋاتىدۇ. مۇشۇ ئارقىلىق تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈگىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەنىدى. بۇ 1 مىليارد دوللارلىق مەبلەغنىمۇ مۇشۇ تەڭپۇڭسىزلىقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنىڭ بىر پارچىسى دەپ ئويلايمەن.»

ئۇ، بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا زور سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ھازىرقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ. بۇ مەسىلە خەلقئارالىق بىر مەسىلىگە ئايلاندى. بۇنى ھەتتا ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرمۇ بىلىشكە باشلىدى. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ پەلەستىن مەسىلىسى بىلەن بىللە تىلغا ئېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ تۈرك خەلقى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى سەزگۈر بىر مەسىلىدۇر. ئەمدى مۇشۇ ئامىللارنى بىرلەشتۈرگەن ۋاقتىمىزدا تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەيدىغان سىياسەت ئېلىپ بېرىشنىڭ ئېھتىمالى ناھايىتى تۆۋەن دەپ قارايمەن.»

ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ، 2018-يىلىدىن تارتىپ ئىيى پارتىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. ئۇ، 2023-يىلى 14-ماي كۈنىدىكى سايلامدا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئاكتىپ كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.