پروفېسسور راگىپ قۇتاي قاراجا: «تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىدۇر»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.09.15
پروفېسسور راگىپ قۇتاي قاراجا: «تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىدۇر» خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى كۈتۈۋالغاندا، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا خىتاي ئۆسمۈرلەر خىتاي ۋە تۈركىيە بايرىقىنى لەپىلدىتىپ قارشى ئالماقتا. 2019-يىلى 2-ئىيۇل، بېيجىڭ.
AP

ئىستانبۇل ئايدىن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى پروفېسسورى، دىپلوماتىيە تەتقىقاتى جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى، تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى تەتقىقاتى بىلەن تونۇلغان راگىپ قۇتاي قاراجا ئەپەندى «تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50-يىلىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە نەزەر ۋە كۈتكەنلىرىمىز» ماۋزۇلۇق يىغىندا بەرگەن دوكلاتىدا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ ئاساسىي مەسىلە سۈپىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. تۈركىيەدە خىتايغا بولغان ئىجابىي كۆز قاراشنىڭ خىتاينىڭ تۈركىيەنىڭ يېڭى ئىستىراتېگىيەلىك ئورتاقى بولغانلىقى، خىتايغا بولغان سەلبىي كۆز قاراشنىڭ بولسا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن راگىپ قاراجا ئەپەندى دوكلاتىدا تۈرك خەلقىنىڭ 50% نىڭ خىتاينى ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلىتىۋاتقان دۆلەت دەپ قارايدىغانلىقىنى، تۈرك خەلقىنىڭ كۆپىنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارشىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا مەنپىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. راگىپ قۇتاي قاراجا ئەپەندى بۇلارنى ئۆزى ئېلىپ بارغان بىر راي سىناشقا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويغان. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ تەتقىقاتنى ئېلىپ بارغان راگىپ قۇتاي قاراجا ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

راگىپ قۇتاي قاراجا ئەپەندى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە خەلقلەرنىڭ دۆلەتلەرگە بولغان كۆز قارىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسكى پۈتۈن دۇنيادا تاشقى سىياسەت بەلگىلەيدىغان كىشىلەر ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتتە خەلقلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىنى نەزەرگە ئالمايدۇ. ئەگەر بۇلار نەزەردە تۇتۇلمىسا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. بۇلار ئىچىدە تارىخىي سەۋەبلەرمۇ بار، لېكىن ئەڭ مۇھىمى خەلقلەرنىڭ كۆز قارىشى».

ئۇ، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىي قىلماسلىقىدىكى سەۋەب تۈرك خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىي قىلماسلىقىدىكى سەۋەبنى تۈرك خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشى دەپ قارايمەن. بىز بۇ ھەقتە بىز بىر راي سىناش ئېلىپ باردۇق، راي سىناشقا قاتناشقانلارنىڭ 90% دوكتورلۇق، ماگىستىرلىق ۋە تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن كىشىلەر ئىدى. بۇلارنىڭ 5% تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن كىشىلەر ئىدى».

راگىپ قۇتاي قاراجا ئەپەندى راي بەرگەن كىشىلەرنىڭ 50% نىڭ خىتاينى ئۇيغۇرلارغا بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئېلىپ بارغان بۇ راي سىناش تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. مەزكۇر راي سىناشقا قاتناشقانلارنىڭ كۆپى خىتاينى ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلەتتى دەپ ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپتۇ. ئەگەر تۈركىيە بىلەن خىتاي دوست بولىمەن دەيدىكەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. ئەگەر بۇ ھەل قىلىنمىسا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ياخشى بولمايدۇ. تۈركلەرنىڭ 50% خىتاينى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلغان دۆلەت دەپ ياخشى كۆرمەيدىكەن 14%. خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكى يوق دىكتاتور دۆلەت بولغاچقا ياخشى كۆرمەيدىكەن. تۈرك خەلقىنىڭ 10% خىتاي ھەققىدە بىر نەرسە بىلمەيدىكەن، تۈركلەرنىڭ 8% خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتىن خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان دۆلەت دەپ قارايدىكەن».

تۈركلەر «ئاتا-بوۋىلىرىمىز شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈپ كەلگەن، شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئاتا يۇرتىمىز» دەپ قارىغاچقا ئۇيغۇرلارغا قاتتىق ھېسداشلىق قىلىدۇ. جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېخىگىچە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئۆكتىچى پارتىيەلەر ۋە خەلق ئاممىسى خىتايغا قارشى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. راگىپ قاراجا ئەپەندى ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرگەندەك تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈتكەن سەۋىيەگە كەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىمۇ؟ ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيە بىلەن خىتاي 1971-يىلى دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەت قۇرغان بولۇپ، بۇ يىل 50 يىللىقى قۇتلۇقلىنىۋاتقاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.