تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىسادى ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئاجىزلاتقان

0:00 / 0:00

يېقىنقى قىسقىغىنە ئىككى ھەپتە ئىچىدە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىرەر يۈزدىن ئارتۇق كىشى، نورۋېگىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بولۇپ، بۇ نورۋېگىيە تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. نورۋېگىيە تاراتقۇلىرىدا باشقا يەرگە بارىدىغان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، نورۋېگىيەدە «چۈشۈپ قالغان» بۇ كىشىلەرنىڭ قوۋم-قېرىنداشلىرى خىتاي جازا لاگېرلىرىدا ئىزتىراپ چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى چۈشىنىشى، ئۇلارنىڭ نورۋېگىيەدە ياشىشىغا يول قويۇشى تەلەپ قىلىنغانىدى.

بۇ ئەھۋال بەزى غەرب تاراتقۇلىرىدا تۈركىيەنى ئۆزلىرىنىڭ پاناھگاھى، دەپ قارايدىغان، ئۇنىڭ بىلەن تىل، تارىخىي، مەدەنىيەت، دىن ۋە قوۋمداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان بۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلار نېمە ئ‍ۈچۈن تۈركىيەدىن قېچىپ غەرب ئەللىرىدىن پاناھلىق ئىزدەشكە باشلىدى؟ دېگەن سوئال پەيدا قىلغان.

يېقىندا «يەرشارى ئاۋازى» ناملىق تور ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانى دائىرىدىكى تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر قىيىنچىلىقى» ماۋزۇلۇق ماقالىدە بۇ مەسىلە ئانالىز قىلىنغان. ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەدىكى خىتاينىڭ باستۇرۇشىدىن قېچىپ كەلگەن 50 مىڭدەك ئۇيغۇرغا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ ئ‍ۆزگىرىشىدە چەتئەل مەبلىغىنىڭ تۈركىيەنى تەرك ئېتىشى، بۇنى خىتاينىڭ تولدۇرۇشقا كىرىشىشى ھالقىلىق رول ئوينىغان.

ماقالىدە: «تۈركىيە تىل، مەدەنىيەت، دىنىي جەھەتلەردىكى كۈچلۈك ئالاقىسى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقدىشى بولغان بولسىمۇ، بىراق ئەنقەرەنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادى ئىتتىپاقى ئۇلارنىڭ تارىخىي رىشتىسىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، تۈركىيە جامائەت پىكىرىنى بۆلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى رەسمىي سىياسىتىنى قايتا شەكىللەندۈرگەنلىكى» تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئەردوغاننىڭ ئاق پارتىيەسى يۈزىنى خىتايغا ئۆرىگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ تۈرك جامائەت پىكىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قىللىشىغا ئېرىشەلمىگەن. تۈركىيەدىكى مېتروپول راي سىناش ئورنى بۇ يىل 5-ئايدا ئېلىپ بارغان راي سىناشتا 53.2 پىرسەنت كىشى ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى «خىتايغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە مۇۋاپىق ئىنكاستا بولمىدى» دەپ قارىغان.

ماقالىدە، ئەردوغاننىڭ سىياسىتى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭمۇ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكى، ھەتتا خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى شەرقىي تۈركىستاننى قوللىغان ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن ئىيى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر ۋە ئەنقەرە شەھىرىنىڭ باشلىقى مەنسۇر ياۋاشقا تەھدىت سالغانلىقى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتقان بولسىمۇ، بىراق رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى سىياسىتى تۈركىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى «كېلېچەك پارتىيەسى» ئەنە شۇنداق پارتىيەلەرنىڭ بىرى. مەزكۇر پارتىيەنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن بىر ئامانەت بولۇپ، ھۆكۈمەت ئۇلار تۈركىيە گىراژدانلىرىغا ئ‍وخشاش ھەقلەردىن بەھرىمەن قىلىشى كېرەك ئىكەن.

سەلچۇق ئ‍ۆزداغ مۇنداق دەيدۇ: «تۈركىيە ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنى. شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ قانداق ئاتا ۋەتىنىمىز بولغاندەك تۈركىيەمۇ ئۇلارنىڭ ئانا ۋە ئاتا ۋەتىنى. دۇنيادا قانچىلىك تۈرك ۋە مەزلۇم بولسا ھەممىسىنىڭ بولۇپمۇ قوۋمداشلىرىمىز، دىنداشلىرىمىز، كۈلتۈرداشلىرىمىزنىڭ ۋەتىنى تۈركىيە. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى قانداق ھەقلەرگە ئىگە بولسا ئۇلارمۇ شۇنداق ھەقلەرگە ئىگە بولۇشى لازىم. ئۇلار تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئامانىتى، ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا خىيانەت قىلماسلىقى كېرەك».

سەلچۇق ئۆزداغنىڭ قارىشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ باش پاناھ بولۇشى ۋەزىپىسى بار ئىكەن. ئۇ: «ئوخشاش ۋاقىتتا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىدىن قەيەردە، قايسى دۆلەتتە ياشىغان بولسۇن، بېشىغا نېمە كەلسە كەلسۇن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ھەر قايسى كونسۇلخانىلار مەيلى ماراكەشتىكى، مەيلى ياۋروپادىكى، مەيلى بەھرەيىندىكى، مەيلى ئامېرىكادىكى، دۇنيانىڭ نەرىدە بولسا بولسۇن ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرد بولۇش ۋەزىپىسى، دەپ قارايمەن» دېدى.

بىراق «يەرشارى ئاۋازى» ژۇرنىلىنىڭ ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى 2010-يىلنىڭ باشلىرىغا قەدەر تۈركىيە سىياسىي قاتلىمىنىڭ كەڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق تۈركىيەدە 2016-يىلى يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئەردوغاننىڭ سۆزىنىڭ تونى ئۆزگەرگەن.

ماقالىدە، بۇنىڭغا تۈرك لىراسىنىڭ كۇرسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى، ئىقتىسادى قەھەتچىلىك، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ناچارلىشىشى، تۈركىيەنىڭ پارلامېنت تۈزۈمىگە خاتىمە بېرىشى، ئۇنىڭ كىرىدىتىنىڭ تۆۋەنلەپ، چەتئەل مەبلىغىنىڭ چېكىنىشى ۋە خىتاينىڭ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشى قاتارلىق ئامىللار سەۋەب بولغانلىقىى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادى ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتىمۇ ئاجىزلاشقانىكەن. ماقالىدە يەنە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىغا «تۈركىيەدە خىتاينى نىشان قىلغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغان ھەرىكەتلەرگە يول قويمايمىز. بىز تەدبىر قوللىنىپ، خىتاينى نىشان قىلغان ئاخبارات خەۋەرلىرىنى توسىمىز» دەپ ۋەدە بەرگەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

بىراق تۈركىيەدىكى بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدىكى ئۆزگىرىشىدە ئىقتىسادى ئامىل بىردىن-بىر سەۋەب ئەمەسكەن. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىسى مەمەت توختى ئاتاۋۇللا 28-سېنتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭدا ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئەدلىيە ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنىڭمۇ رولى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى كۈچەيتكەن شۇنداقلا تۇرمۇشىنى قىيىنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى غەرب ئەللىرىگە بېرىپ پاناھلىق ئ‍ىزدەشكە ئىتتەرگەن.

تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان ئۆتكەن ھەپتە ب د ت نىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە ئ‍ۆتكۈزۈلگەن يىللىق ئومۇمى يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىپ، «ئۇيغۇرلارنى ئاساسى ھەقلىرىنى قوغداشتا تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش كېرەكلىكى» نى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ خىتاينى رەنجىتىپ قويماسلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلغان. ئەردوغان سۆزىدە خىتاينىڭ «زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى ھەقلىرىنى قوغداشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش» نى ‍ئېيتقان.

لېكىن «يەرشارى ئاۋازى» نىڭ ماقالىسىدە تەكىتلىنىشىچە، تۈركىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ خىتايدا ئۇچرىغان مۇئامىلىسى ھەققىدىكى بايانلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى بېيجىڭنىڭ ئىقتىسادى ياردىمىنىڭ بەدىلى بولۇپ، بۇ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخباراتنى كونترول قىلىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۇقانلارنى ئ‍ۆزىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتىگە ماسلاشتۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن».