سائادەت پارتىيەسى رەئىسى تەمەل قاراموللائوغلۇ: «خىتاينى تىزگىنلەيدىغان ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.11.09
temel-qaramollaoghlu-Temel-Karamollaoglu.jpg تۈركىيە سائادەت پارتىيەسى رەئىسى تەمەل قاراموللائوغلۇ ئەپەندى يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 9-فېۋرال، ئىستانبۇل، تۈركىيە.
AFP

تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن سائادەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى تەمەل قاراموللائوغلۇ ئەپەندى 7-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سائادەت پارتىيەسىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدىكى مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلغان يىغىنىدا تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا توختىلىپ، خىتاينى تىزگىنلەيدىغان سىياسەت ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

تۈركىيەدىكى «مىللىي گېزىت» نىڭ 9-نويابىر كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تەمەل قاراموللائوغلۇ يىغىندا سۆزلىگەن نۇتقىدا خىتايغا ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ خىتاينى تىزگىنلەيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «خىتايغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ. خىتاي ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلىنىۋاتىدۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىن بەكلا ناچار. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقانلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بەزىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەربىيەلەش ئۈچۈن بىر مىليون كىشىلىك مەكتەپ ئاچقانلىقىنى، بۇ مەكتەپلەردە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئۆگىتىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ تەبىئىي ھەققى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. بۇنداق دېگەن كىشىلەرگە ئاللا ئەقىل ئاتا قىلسۇن. بۇ خىتاينىڭ قانداقمۇ ھەق ۋە ھوقۇقى بولسۇن. خىتاي پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۈرۈشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنى كۈچەيتىمەن دەپ بۇ مەسىلىدىن ئۇزاق تۇرۇۋاتىدۇ. بىز خىتايغا قارشى جەڭ ئېلان قىلايلى دېمەيمىز. لېكىن خىتاينى تىزگىنلەيدىغان سىياسەت ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرمىز. بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇ يەردە ئېزىلىشىگە، بېسىمغا ئۇچرىشىغا، دىنىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلىشىغا ئەلۋەتتە رازى ئەمەسمىز».

سائادەت پارتىيەسى رەئىسى تەمەل قاراموللائوغلۇ ئەپەندى دېگەن خىتاينى تىزگىنلەش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن پارتىيەنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىدىن مەھمەت ئاتماجا ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، پارتىيە يىغىنلىرىنىڭ كۆپىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن خىتاينى تىزگىنلەش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «پارتىيە يىغىنىنىڭ كۆپىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. يىغىنلاردا بۇ ھەقتە چوقۇم بىر ئىش قىلىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. خىتايغا كۈچىمىز يەتمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن بىز قىلالايدىغان ئىشلار بىرىنچىسى، دۇنيادا جامائەت پىكرى توپلاپ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش. ئىككىنچىسى بولسا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت».

تۈرك خەلقى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ، لېكىن ھۆكۈمەت بولۇپمۇ پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ مەسىلىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «ھۆكۈمەت بەزىدە خىتايغا قارشى ئىنكاس قايتۇرۇۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتكە ئاۋاز بەرگەن خەلق شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ. ھۆكۈمەت بولسا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمگە زىيان كېلىدۇ دەپ تازا ئەھمىيەت بەرمەيۋاتىدۇ. پەقەتلا سايلامدا ئۆزىگە بېلەت تاشلىغان تۈرك خەلقىنى رازى قىلىش ئۈچۈنلا دەپ قويۇۋاتىدۇ. بىز ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىگە بۇندىن كېيىن ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمىز. چۈنكى ھۆكۈمەت 2015-يىلىدىن تارتىپ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ».

سائادەت پارتىيەسى دىنى ئەقىدىلەرنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پارتىيە بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇنداقتا بۇ مۇمكىنمۇ؟ ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇدىرى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىن توغرا ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىلەن خىتايغا بولغان كۆز قاراشلىرىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ كۆز قاراشلىرى ئۆزگەرگەندە خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

سائادەت پارتىيەسى بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان پارتىيەلەردىن بىرى. مەزكۇر پارتىيەنىڭ قۇرغۇچىسى تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى مەرھۇم نەجمەتتىن ئەرباقان 1984-يىلىدىن تارتىپ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن ئىدى. مەزكۇر پارتىيە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرگەندە خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ 2009-يىلى 7-ئايدا ئىستانبۇلدا 20 مىڭ كىشى قاتناشقان زور نارازىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇرغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.