تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆز-ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» ھەققىدە سۆھبەت

0:00 / 0:00

«ياۋروپا خەۋەر تورى» نىڭ 27-دىكابىر بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، 26-دېكابىر كۈنى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆز-ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نى ماقۇللىغان. مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە پارلامىنتى بۇ كېلىشىمنى تېخى تەستىقلىمىغان.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى سەلچۇق چولاقئوغلۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «تۈركىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتى ئەگەر بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ‹جىنايەتچىلەرنى ئۆز-ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى› نى تەستىقلاپ قالسا، ئۆكتىچى پارتىيەلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ‹غايەت زور بېسىمى› غا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.»

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسىنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتى پىروفېسسورى ۋە ئادۋوكات ئىلياس دوغان ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

ئالدى بىلەن ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ كېلىشىمنامە ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بۇ كېلىشىم2017-يىلى تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىز بوزداغ ۋە خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن تەييارلانغان. 2019-يىلى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردۇغاننىڭ ماقۇللىشى بىلەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسگە سۇنۇلغان. يېقىندا خىتاي تەرەپ بۇنى رەسمى تەستىقلىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئەمدى گەپ تۈركىيەدە.»

ئىلياس دوغان ئەپەندى بۇ كېلىشىمنىڭ تۈركىيەدىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە تىخى ماقۇللىمىدى. بۇ كېلىشىم تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە توخىتىتىپ قويۇلغان ئىدى. ئەمما نەزەرىيە جەھەتتىن قارىغىنىمىزدا، ماقۇللىنىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى. بۇ تامامەن پرېزىدېنتنىڭ قارارىغا باغلىق. مېنىڭچە، ماقۇللىنىدىغاندەك تۇرىدۇ. چۈنكى يىقىنقى بىر ئاي ئىچىدە ئىجىتىمائى تاراتقۇلاردا كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغانلار ‹قايتۇرۇلۇش مەركىزى› گە ئېلىپ كېتىلدى. ئۇ يەردە ئەركىنلىكى چەكلىنىدۇ. مەن بۇ ئەھۋاللارنى كېلىشمنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھازىرلىقمىكىن، دەپ قارايمەن.»

ئەركىن ئەكرەم ۋە ئىلياس دوغان ئەپەندىلەردىن بۇ كېلىشمنامىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە سورىدۇق. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇنداق كېلىشىملەر نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا ئمزالانغان. خالىغانچە ئادەم ئېلىپ كېتەلمەيدۇ. مەسىلەن، سىياسىيونلارنى، داۋا قېلىۋاتقانلارنى، دىنىي ئېتىقادى، ئىرقى ۋە مىللىتى تۈپەيلىدىن ھاياتى خەۋپ ئاستىدا بولغانلارنى قايتۇرۇپ بەرسە بولمايدۇ. تۈركىيەنىڭ دۆلەت قانۇنى ۋە ياۋروپا بىلەن تۈرگەن كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىدىكى ماددىلار بويىچىمۇ قايتۇرۇپ بەرسەم بولمايدىغان كىشىلەر بار. بۇ كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى يەنىلا سىياسىيونلارغا باغلىق.»

ئىلياس دوغان ئەپەندى مۇنۇلارنى قوشۇمچە قىلدى: «بۇ كېلىشىمدە دېيىلگەن ماددىلارغا ئاساسەن، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كىشىلەر ھەققىدە ھۆججەت تەييارلاپ تۈركىيەگە ئەۋەتسە، تۈركىيە ئاشۇلارنى قايتۇرۇشقا مەجبۇر. ئەگەر بۇ كېلىشىم ماقۇللانسا، خىتاي تەرەپ ‹ئۇلار دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ› دېگەن جىنايەتنى ئارتىپ كۆپلىگەن كىشىلەرنى قايتۇرۇپ ئەكىتەلىشى مۇمكىن. بۇ خىل كېلىشملەردە ‹سىياسى جىنايەتچىلەر قايتۇرۇپ بېرىلمەيدۇ› دېگەن ماددىلار بولسىمۇ، تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدىكى بۇ كېلىشىمدە بۇ ماددا تىلغا ئېلىنمىغان. شۇڭا بۇ كېلىشىمنىڭ پايدىسىز تەرەپلىرى كۆپ. يەنى خىتاينىڭ بىسىمى ئاستىدا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا جازاغا تارتىلىش ئۈچۈن قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت.»

مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ كىلىشىمنىڭ ماقۇللىنىش-ماقۇللانماسلىقى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بۇ كېلىشىمنىڭ ماقۇللىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. ئۇيغۇر جامائەتلىرى بۇ كىلىشىمنىڭ ماقۇللىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا تىرىشىشى كېرەك، ماقۇللانغان تەقدىردىمۇ ياۋروپا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىشىنى توسىغىلى بولىدۇ.»

ئىلياس دوغان ئەپەندى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قىلىشقا تىگىشلىك بىر قانچە مۇھىم ئىشنى كۆرسەتتى: «بىرىنچىدىن، كىملىكى، پاسپورتىدا مەسىلە بولسا، چوقۇم بىر ئادۋوكاتقا ۋاكالەت بېرىپ قويسۇن. شۇنداق بولغاندا قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى بولغاندا 7 كۈنلۈك قانۇنىي تەرتىپتىن ئۆتۈش ۋاقتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئەگەر ساقچىلار تەرىپىدى تۇتۇلسا چوقۇم، ئادۋوكات تەلەپ قىلسۇن، ئادۋوكات كېلىشتىن بۇرۇن ھېچقانداق سۇئالغا جاۋاپ بەرمەيمەن، دېيىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، تۈركىيە پۇقراسى بولۇشقا ئىلتىماس قىلسۇن. ئەلۋەتتە ئەگەر راستىنلا خەۋپ ھېس قىلسا، باشقا بىخەتەر دۆلەتلەرگە كېتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.»

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى قوشۇمچە قىلدى: «بۇ كىلىشىمنىڭ ئاساسىي مەقسىتى تۈركىيەدىن جىنايەت ئىشلەپ خىتايغا قىچىپ كەتكەنلەرنى تۇتۇش ئەمەس. ھېچكىم تۈركىيەدىن خىتايغا قاچمايدۇ. تۈركىيەنىڭ تۈرمىلىرى خىتاينىڭ مىھمانخانىلىرىدىن ياخشى. بۇ كېلىشىمنىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئېنىق. خىتايغا قارشى تۇرغان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرغۇزۇش. تۈركىيەدىمۇ خىتاينىڭ بىسىمىنى ھېس قىلدۇرۇش، مۇمكىن قەدەر خىتايغا قايتۇرغۇزۇپ جازالاش.»

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دىرىكىنى قىلىپ ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسولخانىسىنىڭ ئالدىدا بىر ھەپتىدىن بېرى نامايىش قىلىۋاتقان ياشلاردىن مىرزەخمەت ئىلياس، جەۋلان شىرمۇھەممەت تۈركىيەنىڭ بۇ كېلىشىمگە ئمزا قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كۆزەتكۈچىلەر تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ناچارلىشىشى ۋە خىتايدىن سېتىۋالغان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى تۈپەيلىدىن خىتايغا تايىنىپ قالغانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ قارارلىرىغا بوسۇنۇپ، بۇ كېلىشىمنى ماقۇللىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.