تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۆكتەملىك بىلەن چىقارغان باياناتى تەنقىدكە ئۇچرىدى

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.03.20
Mao-ning-AP خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 26-ئىيۇل
AP

خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 9-مارت كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە يىغىۋېلىش لاگېرى» دېگەن كىشىلەرنى «يالغانچىلىق» بىلەن ئەيىبلىگەن بولۇپ، بۇ توغرىلىق پىكىر بىلدۈرگۈچىلەر خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىنىڭ ھەقىقەتنى بۇرمىلاش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭلىق بىلەن تارىخىي ھەقىقەتنى يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى، خىتاي «شىنجاڭ» دەپ ئاتىۋالغان زېمىننىڭ ئەزەلدىن ئۇيغۇر زېمىنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مەزكۇر باياناتى بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا خىتاب قىلىپ، جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان. 8-مارت كۈنى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار دوكلات بېرىش يىغىنى ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان قەبىھ جىنايەتلىرىنى پاش قىلغانىدى.

خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ باياناتىدا خىتاي تارىخىدا شىنجاڭنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىلىپ باقمىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ ھېچقاچان مەۋجۇت بولۇپ باقمىغانلىقىنى، يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭمۇ يوقلۇقىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ چوڭ يالغان ئىكەنلىكىنى تەكرارلىغان.

تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئوسمان مەستەن ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ باياناتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى كۆڭلىمىزنى بەكلا يېرىم قىلماقتا. خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم، بېسىم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كىشىلەرگە تېررورچى دەپ جازا لاگېرلىرىغا تاشلاش ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتتۇر. بۇنىڭغا خاتىمە بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتلىرىدا تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇمدۇر».

تۈركىيەنىڭ دەرس كىتابلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمىي تۈرك قوۋمى ئىكەنلىكى، تارىختا نۇرغۇن دۆلەتلەرنى قۇرغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈركلەرنىڭ ئاتا يۇرتى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىدا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنكار قىلىنغان. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى پىروفېسسورى ئۆمەر قۇل ئەپەندى مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قانداق يوق قىلىنغانلىقى تارىخىي ئەمەلىيەتتۇر. خىتاي ئەلچىسىنىڭ تارىخ كىتابى ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن بىر تارىخچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى دېمەكچىمەنكى، بۇ جاۋاب بېرىشكە ئەرزىيدىغان بىر بايانات ئەمەس. بۇ پۈتۈنلەي تارىخىي ھەقىقەتنى بۇرمىلىغانلىقتىن ئىبارەت. خىتايچە مەنبەلەردىمۇ بۇ يەرنىڭ ئىسمى شەرقىي تۈركىستان دەپ يېزىلغان تۇرسا، ئەمدى قوپۇپ خىتاي تارىخىدا شەرقىي تۈركىستان نامىدا بىر يەر بولغان ئەمەس دېيىشىمۇ بىر سەپسەتىدۇر».

 «ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان سابىق پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش خىتاينىڭ بۇ باياناتىنى «تارىخنى بۇرمىلاش، ئەڭ چوڭ يالغانچىلىق» دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتلىرىدا لاگېرلارنىڭ بارلىقىنىڭ جەزملەشتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھازىر خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى تۈپەيلى قېيىن بىر ۋەزىيەتتە. چۈنكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىنىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان. لېكىن بۇ دوكلات ھەر قايسى دۆلەتلەر تەرىپىدىن تازا ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى. خىتاي بېسىم سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا ۋە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى پارلامېنتلىرىنىڭ خىتايدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى خىتاينى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. خىتاي بۇنى يوشۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق دەۋاتىدۇ».

فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «خىتايچە تارىخىي مەنبەلەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرك زېمىنى ئىكەنلىكى يېزىلغان. خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسمىنى ‹شىنجاڭ›، يەنى ‹يېڭى زېمىن، يېڭى تېررىتورىيە› دەپ ئۆزگەرتكەن. ئەگەر ئۇ يەر ئەزەلدىن خىتاي زېمىنى بولسا نېمە ئۈچۈن ‹شىنجاڭ› دەپ ئۆزگەرتىدۇ؟ خىتاي بۇ زېمىننى پۈتۈنلەي خىتاي زېمىنى قىلىۋېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مەن خىتاي ئەلچىخانىسى ئېلان قىلغان بۇ سەپسەتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.