تۈركىيە تاشقى ئىقتىساد مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى نائىل ئولپاق (Nail Olpak) يېقىنقى مەتبۇئات باياناتىدا، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىن پايدىلىنىپ، تۈركىيەنىڭ مال ئېكسپورتىغا، شۇنداقلا تۈركىيە ئىقتىسادىغا زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. 18-سېنتەبىر كۈنى ékonomik.com تور گېزىتىگە تۈركىيە-خىتاي سودا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا بايانات بەرگەن تۈركىيە تاشقى ئىقتىساد مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى نائىل ئولپاق «خىتاينىڭ بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنى ئالقىشلىغان ۋاقتىمىزدا نېمىنى ئالقىشلىغانلىقىمىزنى بىلىشىمىز كېرەك!» دېگەن سۆزلىرى بىلەن تۈرك خەلقىنى خىتايغا قارشى ئاگاھلاندۇرغان.
ئۇ، باياناتىدا ھازىرغا قەدەر «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا 50-60 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان خىتاينىڭ ياۋروپا بازىرىغا دېڭىز يولى ئارقىلىق مال توشۇشتىن تۈركىيەدىن ئۆتىدىغان تۆمۈريول ئارقىلىق مال سېلىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئارقىلىق نۆۋەتتىكى 40-45 كۈنلۈك دېڭىزدا مال توشۇش سۈرئىتىنى 7-8 كۈنگە قىسقارتىشنىڭ كويىغا چۈشكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
نائىل ئولپاق ئەپەندى باياناتىدا ياۋروپانىڭ تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئەمەلگە ئاشسا تۈركىيە ئىقتىسادىغا زور زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ياۋروپاغا مال ئېكسپورت قىلىدىغان ئەڭ چوڭ ۋىلايىتىمىز بولغان گازىئانتەپتىن يولغا چىققان يۈك ماشىنىسى 3-4 كۈندە ئامستېردامغا يېتىپ بارىدۇ. ئەگەر خىتاينىڭ پويىزى سەككىز كۈندە يېتىپ بارسا ئۇ ھالدا بازىرىمىزنى يوقىتىپ قويۇش خەۋپىگە ئۇچرايمىز. بىز ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنى قوللىغان ۋاقتىمىزدا نېمىنى قوللاۋاتقانلىقىمىزنى ياخشى بىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى خىتاي بىزنىڭ ياۋروپا بازىرىمىزنى تارتىۋالغان بولىدۇ. شۇڭا بىز مەزكۇر يولغا مۇشۇ نۇقتىدىن قارىشىمىز كېرەك!»
ئۇ، بۇ توغرىلىق ئىككى پارچە دوكلات تەييارلىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز تۈركىيە تاشقى ئىقتىساد مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىگە بۇ توغرىلىق ئىككى پارچە دوكلات تەييارلىدۇق. بىز ئالدى بىلەن بۇنى توغرا تەھلىل قىلىشىمىز كېرەك. ئەقلىمىزنى ئىشلەتسەك بۇنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرالايمىز. خىتاي ھازىر بىزنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىمىزگە ئايلاندى. لېكىن خىتاي بىلەن بولغان سودىدا زور تەڭپۇڭسىزلىق مەۋجۇت. بۇنى تەڭپۇڭلاشتۇرىشىمىز شەرت.»
ئىگىلىشىمىزچە، 2023-يىلى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت سوممىسى 44 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان. بۇنىڭدا تۈركىيە خىتايغا پەقەتلا تۆت مىليارد دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلغان، يەنى تۈركىيە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىدە پاسسىپ ئورۇندا تۇرغان. مۇتەخەسسىسلەر «بىر بەلباغ بىر يول» تۆمۈريولىدا رەسمىي قاتناش باشلانسا بۇ تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ تېخىمۇ زورىيىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇنداق بىر پەيتتە 97 ئېكسپورت شىركىتى ئەزا بولغان تۈركىيە تاشقى ئىقتىساد مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى نائىل ئولپان ئەپەندىنىڭ بۇنداق بايانات بېرىشىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ ئەگەر خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى» ئەمەلگە ئاشسا تۈركىيەگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مۇرەككەپ بىر مۇناسىۋەت. خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئوخشاتقىلى بولمايدۇ. بىرىنچىسى تۈركىيەنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن سودا ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىن يېقىن بولۇشى؛ ئىككىنچىسى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدۇر.»
مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تۈركىيە تاشقى سودا كېڭىشى رەئىسى نائىل ئولپاق ئەپەندىنىڭ بۇنداق قاتتىق بايانات بېرىشىنىڭ سەۋەبلىرى كۆپلىگەن ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ «يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى» رامكىسىدا خىتاينىڭ تۈركىيەگە سالغان مەبلىغى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا بەكلا ئاز. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ تۈركىيە يېقىنقى مەزگىللەردە ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسەتلىرىنى تەڭشەشكە ئۆتكەن. بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ساھەسى مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدۇ. ئۇ بۇ بۇ جەھەتتە تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان نۇقتىلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىرسى، تۈركىيەگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىش، ئىككىنچىسى تۈركىيەدىن كۆپ مال سېتىۋېلىش، ئۈچىنچىسى، تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا كارىدور يولىنى خىتاينىڭ يىپەك يولىغا تۇتاشتۇرۇش. تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كۆپ كېلىشىملەر تۈزۈلگەن بولسىمۇ ئەمەلىيلەشكەنلىرى بەكلا ئاز. ئەگەر ھازىرقى ھالەت داۋام قىلىۋېرىدىغان بولسا باياناتتا دېيىلگەندەك تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەلگەندىمۇ خىتاينىڭ دېگىنى دېگەن بولۇپ قالىدۇ. ئۇيغۇرلارغىمۇ پايدىسى بولمايدۇ. شۇڭا تۈركىيە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل بىر تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، داۋاملىق چوڭ كۈچلەرنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھېساب بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى مۇھىم دەپ ئويلايمەن.»
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈركىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى» نىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى «يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى» نىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىغا زور زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، بۇ باياناتنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ۋە تۈرك خەلقىنى خىتاي خەۋپىگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مۇتەخەسسىسلەر، تۈركىيەنىڭ غەرب قىممەت قارىشىنى قوبۇل قىلغان دېموكراتىك سىستېمىدىكى دۆلەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مۇستەبىت خىتاي بىلەن بولغان ھەر جەھەتتىكى مۇناسىۋىتىنىڭ ھېچقاچان خىتاي ئارزۇ قىلغان سەۋىيەگە يەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.
