1-ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى نامايىش ئېلىپ باردى.
بۇ نامايىش، 1949 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى شۇنىڭدەك ئۇ جاكارلىغاندەك ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ 72 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن.
مەزكۇر نامايىشنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ نامايىشنى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق 28 ئاممىۋى تەشكىلات قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن.

نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى كۆتۈرگەن ھالدا، «ئىشغالچى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!» دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار توۋلىدى.
نامايىشچىلار يولغا توسۇق قۇرغان ساقچىلار تەرەپكە يۈرۈپ توسۇقنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئۇرۇندى ۋە ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار بىر بىرىنى ئىتتىرىشتى. . ساقچىلار ئۇلارنىڭ يولىنى توسۇپ، ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردى ۋە ئارقىغا قايتىشقا چاقىرىق قىلدى.

نامايىش ئاخبارات ئېلان قىلىش بىلەن داۋام قىلدى. شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۇنداقلا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلدى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان دۇنيا جامائىتىگە خىتاب قىلىپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ۋە تۈرمىلىرىدە ناھەق يېتىۋاتقان ئىنسانلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە خىتاينىڭ دۇنيا ئۈچۈن بىر تەھدىت بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئىشلەپچىقارغان ئەرزان باھالىق تاۋار ۋە تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا، يەنە جاھانگىرلىك سىياسىتىنى دۇنياغا ئېكسپورت قىلىۋاتىدۇ. ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسى قاتارلىق خەلقئارا تەڭپۇڭلۇق ۋە ئورتاق ئىنسانىي قىممەت قارىشىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئورگانلارنى ئىستىلا قىلىپ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى چۈشۈرۈلگەن قەرز توزىقى نەتىجىسىدە، بۇ رايونلاردىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىدى. پورت ۋە تاشيول قاتارلىق ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم جايلارنى ئىگىلىۋالغان جاھانگىر خىتاي بۇ يەرلەرنى ئۆزىنىڭ سودا تۈرلىرى ئۈچۈن مۇستەملىكە چۈشەنچىسى بىلەن ئىشلىتىدۇ. ئادالەت، تىنچلىق، باراۋەرلىك ۋە جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش سۆزلىرىنى توختىماي جار سالىدىغان خىتاي ئۆزىنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنىڭ دەل ئەكسىچە خاراكتېرگە ئىگە».

نامايىش جەريانىدا سۆز قىلغان «ھۆر دەۋا» پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شارافېتتىن گۈلەر خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ھۆر دەۋا پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنىڭدىن 72 يىل ئىلگىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن ئىشغالىيەتنىڭ باشلىنىشى دەپ قارالغان 10 -ئاينىڭ 1 -كۈنىدە بىر قانچە مەسىلىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشنى خالايمەن بىز، تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ، زالىم خىتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تۈزگەن بارلىق كېلىشىملىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز. دۇنيادىكى مەزلۇم ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى كېرەك. بىز دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئاكتىپ رول ئوينىشى ۋە ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنى كىشىلەرگە ئاڭلىتىشنى ئىنسانىي مەجبۇرىيىتى سۈپىتىدە بىلىشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلەيمىز. بولۇپمۇ غەربتىكى ۋىجدانلىق كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قارشى سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق سوتىغا ئەرز سۇنۇپ، خىتاينىڭ سوتلىنىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەشكە چاقىرىق قىلىمىز».

نامايىشتا يەنە ئىي (ياخشى) پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبە مەسئۇللىرىدىن كۇرشات جەيلان ئەپەندى تۈرك دۇنياسى بىرلەشكەن تەقدىردە خىتايغا تەڭ كېلەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە «خىتاي ھەربىي جەھەتتە، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك بىر دۆلەت بولۇشى مۇمكىن، بىراق بىز تۈرك دۇنياسى بىرلەشكەن تەقدىردە خىتايغا تېتىيمىز»، دېدى.
نامايىشتا سۆز قىلغان دىنى ئالىم ئاتاۋۇللاھ خەلپەت ھاجىم ئىنسانلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ زېمىنىمىزدىن ئىبارەت، تۇغقانلىرىمىز، مال – مۈلكىمىز، ئابرويىمىز، ئىنسانلىقىمىزدىن ئىبارەت قىممەتلىرىمىز تارتىۋېلىندى، بىزنىڭ بۇنداق بىر زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشىمىز ئىمانىي، مىللىي ۋە ئىنسانىي بۇرچىمىزدۇر».
1 – ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە، كونيا، قاھرامانماراش، كاستامونۇ قاتارلىق شەھەرلىرىدىمۇ خىتاينىڭ ئىشغالىغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.
