د ئۇ ق بۇرۇن، 1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 10-ئاينىڭ 1-كۈنىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «ماتەم كۈنى» دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى بۇ كۈنى خىتايغا قارشى نامايىش ۋە باشقا نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە ئىدى. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ چاقىرىقى بىلەن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە بىلەن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان كونيا، كاستامونۇ ۋە قاھرامانماراش شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشلارغا تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى قاتناشتى.
1-ئۆكتەبىر كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دا تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئۇلۇس مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا سابىق پارلامېنت ئەزاسى «كېلەچەك» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ باشچىلىقىدىكى پارتىيە رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلدى.

بىرقانچە تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت-رادىيولارنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان نارازىلىق نامايىشىدا قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن تۈرك بايرىقى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا تۇرغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەنقەرەدىكى ۋەكىلى ئابدۇلخەمىت پامىر ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ قېلىپىدىن چىققان بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامىدىن ئادالەتنى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىگە شۇنى دېمەكچىمىزكى، پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنى، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىگە چىقىشقا چاقىرىمىز. شۇنداقلا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە تۈرك كېڭىشىگە ئوخشاش خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىمىز. تېررورىزمغا قارشى كۈرەش بىلەن ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشقا تىرىشىۋاتقان خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىي سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرىشىنى تەلەپ قىلىمىز. پۈتۈن دۇنيانى 72 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان بۇ ئاسارەتكە خاتىمە بېرىشكە چاقىرىمىز».
نامايىشتا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى، خىتاي تۈرمىلىرىگە بەند قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرى بېسىلغان تاختايلارنى، ھەر تۈرلۈك شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشكەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە بولغان غەزەپ-نەپرەتلىرىنى ئىپادە قىلىشتى.
ئارقىدىن سابىق پارلامېنت ئەزاسى، «كېلەچەك» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى سۆز قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى «تىجارەت مەنپەئەتىنى دەپ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقمىدى» دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋە قىممەتلىك يۇرتداشلار، 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى تۈركلەرنىڭ ئاتا يۇرتى بولغان شەرقىي تۈركىستان خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانىدى. 1920-يىللاردا كوممۇنىست رۇسلار غەربىي تۈركىستاننى بېسىۋالغانىدى. 70 يىل ئۆتكەندىن كېيىن پارچىلاندى. ئۇ، يەردىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىللىقىغا ئېرىشتى. خىتاي بېسىۋالغىلى 72 يىل بوپتۇ. خىتاي دۆلىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلسۇن. ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختاتسۇن، خىتايمۇ ئاخىرىدا پارچىلىنىدۇ».
ئۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى:
«تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز. تۈركىيە چوڭ دۆلەت. ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەپ 20 مىليون ئۇيغۇرنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەك. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەر خىل يوللار بىلەن ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئاكتىپ بولۇشقا، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىمەن».

1-ئۆكتەبىر كۈنى كېيىنكى يىللاردا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدىمۇ خىتاي ئىشغالىنىڭ 72-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. قوللىرىدا كۆك بايراق بىلەن «1-ئۆكتەبىر كۈنى ئاسارەت باشلانغان كۈن، 72 يىل بۇرۇنقى ماتەم كۈنىنى ئۇنۇتمايمىز ۋە ئۇنتۇلدۇرمايمىز، شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان 200 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بىلەن تۈرك ئاممىسى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەخپىسىنىڭ كونيا شۆبىسى رەئىسى ئابلەت ئۇدۇن ئەپەندى بۇ پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىغا جايلاشقان قاھرامانماراشتىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىرلىق ئوقۇۋاتقان زىكرۇللاھ ئەپەندى 72 يىللىق ئاسارەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نامايىش توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
بۈگۈن، يەنى 1-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئېلىنى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 72-يىللىقى مەسىلىسى تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭمۇ مۇھىم تېمىسىغا ئايلاندى.
