«تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى» يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2025.01.15
turuk-ojaqliri-1 تۈرك دۇنياسىغا زور تۆھپە قوشقان تونۇلغان ژۇرنالىست، سىياسەتچى يۈجەل خاجالئۆغلۇنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى رەئىسى مەھمەت ئۆز ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2025-يىلى 14-يانۋار، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېچىلغان «تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ تۈركىينىڭ دۆلەت سىياسىتىدىكى ئورنى» ماۋزۇلۇق يىغىندا تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ 112 يىلدىن بۇيان بولۇپمۇ كېيىنكى 70 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىزچىل ھالدا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ يىغىن تۈرك دۇنياسىغا زور تۆھپە قوشقان تونۇلغان ژۇرنالىست، سىياسەتچى يۈجەل خاجالئۆغلۇنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى رەئىسى مەھمەت ئۆز ئەپەندى، باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى پىروفېسسور دوكتور يۈسۈپ سارىناي ئەپەندى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ «تۈرك يۇرتى» ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى پىروفېسسور دوكتور چاغاتاي ئۆزدەمىر ئەپەندى ۋە يازغۇچى ئۆمەر ئۆزجان ئەپەندىلەر سۆز قىلىپ، تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن بۈگۈنگىچە بولغان 112 يىللىق تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتتى. شۇنداقلا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن بولۇپمۇ «خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە توختالدى.

مەزكۇر يىغىننى 1912-يىلى قۇرۇلغان تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئەنقەرە شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا سابىق مىنىستىرلار، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئىدارە-جەمئىيەت رەھبەرلىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى.

تۈرك دۇنياسىغا زور تۆھپە قوشقان تونۇلغان ژۇرنالىست، سىياسەتچى يۈجەل خاجالئۆغلۇنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا ئىشتىراك قىلغۇچىلار. 2025-يىلى 14-يانۋار، ئەنقەرە.
تۈرك دۇنياسىغا زور تۆھپە قوشقان تونۇلغان ژۇرنالىست، سىياسەتچى يۈجەل خاجالئۆغلۇنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا ئىشتىراك قىلغۇچىلار. 2025-يىلى 14-يانۋار، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

بىز يىغىن ئاخىرىدا مىكروفونىمىزنى تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە «تۈرك يۇرتى» ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرىگە ئۇزاتتۇق. تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پىروفېسسور يۈسۈپ سارىناي ئەپەندى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈرك ئوجاقلىرىنىڭ قۇرۇلۇش پەلسەپىسى تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش. بولۇپمۇ سىياسىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت. يېڭى قۇرۇلغان يىللاردا پەقەت تۈركىيەدىكىلا ئەمەس، قىرىم، ئەزەربەيجان ۋە شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق جايلاردىمۇ پائالىيەت ئېلىپ بارغانىكەن. ھەتتا بەزى جايلاردا شۆبە تەشكىلاتلىرىنىمۇ ئاچقانىكەن. ئۇ يىللاردىكى تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ سۇپىنىڭ ئەسلىمىلىرىدىمۇ بۇ ھەقتە مەلۇماتلار مەۋجۇت.»

پىروفېسسور يۈسۈپ سارىناي ئەپەندى تەشكىلاتنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىمۇ پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىز تەشكىلاتىمىزنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىگە ماسلاشقان ھالدا بۈگۈن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلانغان بېسىم سىياسىتىنىمۇ يېقىندىن كۆزىتىپ، تۈركىيەدە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەپ پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا، ئالىي مەكتەپلەردە ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلاردا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينى ئەيىبلەۋاتىمىز. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز. بۇندىن كېيىنمۇ بۇ خىل پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ئېلىپ بارىمىز.»

ئىگىلىشىمىزچە، تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى 1911-يىلى 11-ئايدىن تارتىپ «تۈرك يۇرتى» ژۇرنىلىنى چىقىرىشقا باشلىغان بولۇپ، بەزى مەزگىللەردە سىياسىي سەۋەبلەردىن تۈپەيلى نەشر قىلىنىشتىن توختاپ قالغان بولسىمۇ، 1997-يىلىدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا نەشر قىلىنىپ كەلمەكتە ئىكەن. مەزكۇر ژۇرنالدا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تارىخى، ئەدەبىياتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا كۆپ ساندا ماقالە ئېلان قىلىنغان. ئۇزۇن يىل مەزكۇر ژۇرنالنىڭ باش تەھرىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن پىروفېسسور چاغاتاي ئۆزدەمىر ئەپەندى «تۈرك يۇرتى» ژۇرنىلىدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ماقالىغا ئورۇن بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ژۇرنالدا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا كۆپلەپ ماقالىلەرگە ئورۇن بەردۇق. تېخىمۇ كۆپ ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنىشى كېرەك. بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا توغرا مەلۇماتلارغا ئېھتىياجىمىز بار. بىزنىڭ قەلبىمىز ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن سوقتى، بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ. مەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ژۇرنىلىمىزغا كۆپلەپ ماقالە يوللاپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىمەن.»

تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ھېچقانداق بىر سىياسىي پارتىيەگە مەنسۇپ بولمىغان، تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ زور ئەھمىيەت بېرىدىغان تەشكىلاتلاردىن بىرىدۇر. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، يازغۇچى، شائىر ۋە كەسپىي خادىملاردىن تەركىب تاپقان، ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆزقارىشىنى بايان قىلدى.

تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى 1912-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر تۈركىيەنىڭ 50 ۋىلايىتىدە شۆبىسى بار. بۇلار ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئىزچىل ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. بولۇپمۇ 2017-يىلى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن كۆپ قېتىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، دوكلات بېرىش يىغىنى، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدە كۆرگەزمە، ئىمزا يىغىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.