2-ئىيۇل كۈنى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىۋاتقاندا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى-قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى» ناملىق تەتقىقات تۈرىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
مەزكۇر تۈر پىلانى ئاساسىدا تۈركىيە نەۋشەھىردىكى ھاجى بەكتاش ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادەم ئۆگەر ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 4 كىشىلىك گۇرۇپپا «ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى-قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتاب، «قازاقىستاندا نەشر قىلىنغان كىتابلار» ناملىق كىتاب ۋە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن.
بۇنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىغا پارلامېنت ئەزاسى رۇھى ئەرسوي قازاقىستاننىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى سەپەربەكقۇلى ئەپەندى، تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، تۈركىيەدىكى تونۇلغان فولكلورشۇناسلار ۋە ئۇيغۇرشۇناسلار شۇنداقلا ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.
مۇراسىمدا ئالدى بىلەن دوكتور ئادەم ئۆگەر ئەپەندى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزاسى، باش ئەلچى، رەھبەرلەر، ھۆرمەتلىك ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى، ھۆرمەتلىك ئۇستازلار، قىممەتلىك ئوقۇغۇچىلار، ئۇزاقلاردىن كېلىپ بۇ مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان مېھمانلار، ھاجى بەكتاش ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى باشچىلىقىدا، قازاقىستان قىزلار پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى سۇلايمانوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ھەمكارلىشىشى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن تەييارلانغان ‹ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى-قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى› ناملىق ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىغا خوش كېلىپسىلەر. مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭىزلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن.»
دوكتور ئادەم ئۆگەر ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ باي مەدەنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، ھەتتا خىتاي مەدەنىيىتىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ئىنتايىن قەدىمىي تارىخقا ۋە باي مەدەنىيەتكە ئىگە. شۇڭا تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان جاي قەدىمدىن تارتىپ يىپەك يولى ئۈستىگە جايلاشقان بولغاچقا ھەرقايسىي مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالمىشىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. بۇلاردىن باشقا ئۇيغۇرلار بۇرۇنلا شەھەر تۇرمۇشىغا كۆچكەن بولغاچقا ئۇلار كۈلتۈر، سەنئەت، ئىلىم-پەن، تىل-يېزىق، ئەدەبىيات، رەسىم ۋە مۇزىكا قاتارلىق كۆپ ساھەلەردە ئۆزىگە خاس مىراسلىرى شەكىللەنگەن. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى باشقا تۈركىي خەلقلەرگە، ھەتتا خىتاي مەدەنىيىتىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن.»
مەلۇم بولغىنىدەك قازاقىستان ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىن قالسىلا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت. ئۇنىڭ ئۈستىگە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئانا تىلىنى، مىللىي كىملىكىنى ئەڭ ياخشى ساقلاپ كېلىۋاتقان توپلۇق ھېسابلىنىدۇ. دوكتور ئادەم ئۆگەر ئەپەندى ئۆزلىرى تەييارلىغان ئىككى كىتاب، بىر ھۆججەتلىك فىلىم ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق قىسمى ئالمۇتا بىلەن قورغاس ئوتتۇرىسىدىكى چۈنجە رايونى، چېلەك، ياركەنت قاتارلىق جايلاردا ياشىماقتا. بىز بۇ رايونلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ماتېرىيال توپلىدۇق ۋە بۇ ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقتۇق.»
ئۇ مەزكۇر كىتابلارنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «كىتابنىڭ بىرىنچى قىسمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى، ھېكايىلەر، خەلق ناخشىلار، مەرسىيەلەر، چۆچەكلەر، بېيىتلار ۋە ئەللەي ناخشىلىرىغا ئورۇن بەردۇق. İئىككىنچى قىسىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقام، لەتىپە، چاقچاقلىرىغا ئورۇن بەردۇق. ئۈچىنچى قىسىمدا بولسا توي، خەتنە تويغا ئوخشاش ئادەتلەرنى توپلاپ كىرگۈزدۇق، تۆتىنچى قىسىمدا بولسا يوق بولۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكى بايان قىلدۇق. ھۆججەتلىك فىلىمدىمۇ بۇلارنى ئاڭلاتتۇق. مەقسىتىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىبارەت.»
ئارقىدىن بۇ تەتقىقات تۈرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان تۈركىيە چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن ئەپەندى پىكىر بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان، ئەڭ ئەقەللىي ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلەرگە ھۆرمەت ۋە سالاملىرىمىزنى يوللايمىز. قولىمىزدىن كېلىشىچە ئۇلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەشكە تىرىشىمىز.»
مۇراسىم ئاخىرىدا بۇ تۈرگە قاتناشقۇچىلارغا خاتىرە بويۇم تارقىتىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى دۇتار بىلەن 12 مۇقامدىن ئارىيەلەر ئورۇنلىدى. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن مەريەم سۇلتان خانىم ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ئورۇنلاپ، كىشىلەرنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداپ قېلىشتىكى رولى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاش ۋە ئۇنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن بۇ خىلدىكى ئەمگەكلەرنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى قوزغاشتا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى
قازاقىستاننىڭ 2014-يىلى ئېلان قىلغان ستاتىستىكىلىرىغا ئاساسلانغاندا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 246 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. قازاقىستاندا 62 ئۇيغۇر مەكتىپى، ئۇيغۇر تىياتىرى ۋە ئۇيغۇر نەشرىياتلىرى بار ئىكەن.
0:00 / 0:00
