ئاۋسترالىيە يېشىللار پارتىيەسى: «ھۆكۈمەت خىتايدىكى ئۇيغۇر ئاۋسترالىيە پۇقرالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك»

0:00 / 0:00

16‏-ئىيۇل كۈنى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى مېھرېن فەرۇقى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئاۋسترالىيە گىراژدانى ۋە ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر گىراژدانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇتۇپ قېلىنغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بىرگە بولۇشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

مېھرېن فەرۇقى ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ پۈتۈن چارىلەرنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر گىراژدانلىرىنىڭ پەرزەنت ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. مەزكۇر ئاخبارات يىغىنى 15‏-ئىيۇل كۈنى ئاۋسترالىيە ABC تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىمى قويۇلۇپ ئارقىدىنلا ئۆتكۈزۈلگەن.

مېھرېن فەرۇقى يىغىنىدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن سادام ۋە باشقا ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر خەلقىگە تۇتقان قەبىھ مۇئامىلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى پاش قىلىپ، ئۇنىڭ يالغانچىلىقىنى ئېچىپ تاشلاشتەك جاسارىتىنى نامايان قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئائىلىلەر خانى-ۋەيران قىلىندى. ئائىلىلەر، پەرزەنتلەر، جۈپلەر، ھەدە-سىڭىللار، ئاكا-ئىنىلار شىنجاڭدىكى كەڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالدى. بۇ ئەھۋال قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ ۋە مادارا قىلىشقا بولمايدۇ. تۈنۈگۈن بىز ABC نىڭ تۆت دوقمۇش ناملىق پروگراممىسىدا ئادەمنى ھەقىقەتەن چۆچۈتكۈدەك، قورقۇنچلۇق ۋەقەلەرنى كۆردۇق. بۇنى ھەقىقەتەن پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قارىتىلغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى دېيىشكە بولىدۇ.»

بۇ قېتىمقى ئاخبارات يىغىنى نۇقتىلىق ئۇيغۇر ئاۋسترالىيە گىراژدانى سادام ئابدۇسالامنىڭ ئايالى بىلەن ئۇنىڭ 2 ياشلىق ئوغلى، لۇتفۇيارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تۇتۇپ قېلىنىشى، شۇنىڭدەك ئاۋسترالىيە گىراژدانى ئالماس نىزامىدىننىڭ 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئايالى بۈزەينەپ ئابدۇرېشىتنىڭ مەسىلىسىنى تېما قىلغان. يىغىندا سادام ئابدۇسالام مۇخبىرلارغا ئوغلىنىڭ ئاۋسترالىيە پاسپورتى بىلەن ئۇنىڭ ئاۋسترالىيە گىراژدانلىق گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەلىس پېيىننىڭ پەرزەنتى ۋە ئايالى بىلەن جەم بولۇشىغا ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. سادام ئابدۇسالام 16‏-ئىيۇل كۈنى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزلىرىگە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەسەللىسى ئەمەس، ئەمىلى ھەرىكىتى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

سادام ئابدۇسالام: «بىزگە قۇرۇق سۆز، كەچۈرۈم سوراش، سەن ئۈچۈن كۆڭلۈم يېرىم بولدى، دېگەن گەپلەر كېرەك ئەمەس. بىزگە ھەقىقىي بىر ھەرىكەت كېرەك. ب د ت دىكى 22 دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ بىزگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا قارشى ئىمزالىغان قەغىزى ئەمەس، بىزگە ھەقىقىي بىر ھەرىكەت لازىم مەلىس پېيىننىڭ دېگەن گېپىنى ئاڭلىسىڭىز، ‹بىز شىنجاڭغا بارالمايۋاتىمىز›دەۋاتىدۇ. لېكىن خەۋەرنى كۆرسىڭىز كاتونئون، يەنى )ئاۋسترالىيەدىكى كىيىم-كېچەك شىركىتى( ئۆتكەن يىلى تەكشۈرۈپ بىزنىڭ ۋەتەنگە باردى. نورمال بىر شىركەت تەكشۈرۈپ بارالىغان يەردە نېمىشقا تاشقى ئىشلار ئورگىنى بارالمايدۇ. بىزنىڭ قويغان سوئالىمىز شۇ.»

سادام ئابدۇسالامنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلغان دەل سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە دائىرىلەر ئۇنىڭ ئايالىنى ئاپىرىپ سوراق قىلغان. سوراقتا دائىرىلەر ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر سادام ئاغزىنى يۇممىسا، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. سادام ئابدۇسالام رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا ئايالىنىڭ 3 سائەتتەك سوراق قىلىنىپ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

16‏-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا ئايالى 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئالماس نىزامىدىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى، ئاياللارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامالغانلىقى، ھەر خىل خورلاشلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز گىراژدانلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتى بىلەن جەم بولۇشىغا ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ 16‏-ئىيۇل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ گىراژدانلىرىنىڭ ئائىلىسىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار. شۇڭا، بىز ھۆكۈمەتنىڭ ئائىلىمىزنى قوغدىشىنى، ئائىلىمىز بىلەن يېقىندا جەم بولۇشنى تەلەپ قىلدۇق. بۇلارمۇ ئۆزىنىڭ قولىدىن كېلىدىغاننى قىلىۋاتىدۇ. لېكىن يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. بىز يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىپ جاۋاب كۈتۈۋاتىمىز.»

ئالماس نىزامىدىن ئايالى بۈزەينەپ بىلەن 2015‏-يىلى توي قىلغان. كېيىنكى يىلى، ئۇيغۇر رايونىغا ئاتا-ئانىسىنى يوقلاشقا بارغان بۈزەينەپنىڭ پاسپورتى تارتىۋېلىنىپ، 2017‏-يىلى 3‏-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغانىدى. ئالماس نىزامىدىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئۇنىڭغا 7 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈمى قىلغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۈزەينەپنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە، خۇسۇسەن خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر گراژدانلىرىغا كاشىلا قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنى گۆرۈگە تۇتۇپ، ئۇلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىشىغا جىددىي ئىنكاس بىلدۈرمەسلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن. لېكىن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى تەنقىدلەرنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەلىس پېيىننىڭ 15‏-ئىيۇل ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك رادىئوسىدا تەكىتلىشىچە، ئاۋسترالىيە ئۆزىنىڭ قوش دۆلەت تەۋەلىكىدىكى پۇقرالىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا كونسۇل ياردىمى بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەلەپ خىتاينىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. مەلىس پېيىن دۆلەتلىك رادىئوسىدا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەنىدى.

لېكىن ئاۋسترالىيە پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى مېھرېن فەرۇقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ، سادامنىڭ 2 ياشلىق ئوغلى ۋە ئايالىنى قايتۇرۇپ كېلىشى، ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق گۇۋاھنامىسى بار تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە ئاۋسترالىيەگە قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەلىس پېيىن بارلىق چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ، سادامنىڭ 2 ياشلىق ئوغلىنى ئاۋسترالىيەگە قايتۇرۇپ كېلىشى ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئاۋسترالىيە ۋىزىسى ئېلىپ، پۈتۈن ئائىلىنىڭ ئاۋسترالىيەدە جەم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى شەرت. مانا بۇ سادام تەلەپ قىلىۋاتقان نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇق. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەلىس پېيىن يەنە لاگېردىكى بارلىق ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ شۇنداقلا ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق گۇۋاھنامىسى بارلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىپ، ئاۋسترالىيەگە قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.»

ئاۋسترالىيە ABC تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 15‏-ئىيۇل تارتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمى زور تەسىر قوزغىغان. ھۆججەتلىك فىلىمدا ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ۋە لاگېردىكى باشقا تۇتقۇنلارنىڭ خىتاي كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇ كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئاۋسترالىيەدىكى كاتونئون، تارگېت، جېنىسۋەست، دېنگېرفىلد، ئايكىئا قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئاۋسترالىيە بازارلىرىدا سېتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.