پارلامېنت ئەزاسى تەيىس روتېن: «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2022.11.01
gollandiyede-uyghur-awazi-korgezmisi گوللاندىيەنىڭ ئامستېردام شەھىرىدىكى «دەبالىئە» تىياتىرخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى» نامىدىكى پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 25-ئۆكتەبىر.
RFA/Erkin Tarim

25-ئۆكتەبىر باشلانغان گوللاندىيەنىڭ ئامستېردام شەھىرىدىكى «دەبالىئە» تىياتىرخانىسىدىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى» ناملىق پائالىيەت 2-نويابىرغىچە داۋاملىشىدۇ.

گوللاندىيەلىكلەر ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر پائالىيەتكە گوللاندىيەلىك سىياسەتچى، ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى تەيىس روتېر ئەپەندى بىلەن ئامستېردام شەھىرىنىڭ سابىق باشلىقى جوب كوھەن ئەپەندى قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلغان. تەيىس روتېن ئەپەندى «ئۇيغۇر ئاۋازى» كۆرگەزمىسىنى كۆرگەندىن كېيىن تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تىياتىرخانىنىڭ ئالدىغا چېدىر قۇرۇلغان بولۇپ، چېدىرنىڭ ئىچىدىكى ئېكراندا «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى رەسىملەر چىقىپ تۇرىدىكەن. ئۇنىڭدا لاگېر شاھىتلىرىنىڭ سۆزلىرىمۇ چىقىپ تۇرىدىكەن. بۇ چېدىرنىڭ سىرتىغا گوللاندىيەلىكلەر ئۆزلىرى لايىھەلىگەن ئىككى چوڭ لوزۇنكا ئېسىلغان بولۇپ، مەزكۇر لوزۇنكىنىڭ ئۈستىگە گوللاند ( نېدېرلاند) تىلىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى» دېگەن خەت يېزىلغان. گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى ئۆمەربەك ئالىي گوللاندىيەلىكلەرنىڭ بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئىسپاتلار بىلەن كۆرسىتىش ئارقىلىق گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنى خىتايغا قارشى كونكرېت تەدبىر ئېلىشقا قىستاشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

گوللاندىيەنىڭ ئامستېردام شەھىرىدىكى «دەبالىئە» تىياتىرخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى» نامىدىكى پائالىيەتتە گوللاندىيەلىك سىياسەتچى، ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى تېيىس روتېن(Thijs Reuten) ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى بىلەن. 2022-يىلى 25-ئۆكتەبىر.
گوللاندىيەنىڭ ئامستېردام شەھىرىدىكى «دەبالىئە» تىياتىرخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى» نامىدىكى پائالىيەتتە گوللاندىيەلىك سىياسەتچى، ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى تېيىس روتېن(Thijs Reuten) ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى بىلەن. 2022-يىلى 25-ئۆكتەبىر.
RFA/Erkin Tarim

10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئامستېردام شەھىرىنىڭ سابىق باشلىقى جوب كوھەن ئەپەندى بىلەن مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان «دەبالىئە» نىڭ مەسئۇللىرى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختالغان. مەزكۇر كۆرگەزمىدە كۆرسىتىلگەن ئىسپاتلار، بولۇپمۇ كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئېلان قىلغان رەسىملەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ناھايىتى ياخشى يورۇتۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇلارنى كۆرگەنلەر يۇقىرى باھا بەرگەن. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى بۇنىڭ گوللاندىيەلىكلەر تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان چوڭ بىر پائالىيەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، خەلقنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «گوللاندىيە دۆلىتى ئامېرىكا ۋە كانادادىن كېيىنلا يەنى-2021يىلى-2ئاينىڭ-25كۈنىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت‹دەپ ئېلان قىلغان ئۈچىنچى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇنداق بىر دۆلەتتە ئامستېردامنىڭ مەركىزىدە، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ كېلىدىغان جايدا، ‹ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى› نامىدا بۇنداق بىر كۆرگەزمىنى ئېچىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى گوللاندىيەلىكلەرگە ۋە چەتئەللىكلەرگە ئاڭلىتىشتا ئەھمىيىتى ناھايىتى زور دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇ تىياتىرخانىغا كىرىدىغانلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن. تىياتىرخانىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە لوزۇنكىلار ئېسىلغان. ھەمدە ئىچىدە ئېكراندا گوللاندىيە تىلىدا چۈشەندۈرۈلۈپ تۇرغان بولغاچقا بۇنىڭغا قىزىقىدىغانلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن. شۇڭا بۇنىڭ تەسىر كۈچى ناھايىتى زور بولىدۇ. مەن گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئامېرىكاغا ئوخشاش خىتايغا قارشى قانۇن چىقىرىپ، كونكرېت تەدبىر ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

گوللاندىيەنىڭ ئامستېردام شەھىرىدىكى «دەبالىئە» تىياتىرخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى» نامىدىكى پائالىيەتتە ئېكراندا كۆرۈنۈپ تۇرغان ««شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 25-ئۆكتەبىر.
گوللاندىيەنىڭ ئامستېردام شەھىرىدىكى «دەبالىئە» تىياتىرخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى» نامىدىكى پائالىيەتتە ئېكراندا كۆرۈنۈپ تۇرغان ««شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 25-ئۆكتەبىر.
RFA/Erkin Tarim

28-ئۆكتەبىردە گوللاندىيەدىكى ئىشچىلار پارتىيەسىدىن بولغان ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى تەيىس روتېن ئەپەندى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى» ناملىق كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغان. ئۇ، زىيارەتتىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرەھىم غېنى ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

گوللاندىيە ياۋروپادا ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، 30-ئۆكتەبىر كۈنى ئاخىرلىشىدىغان مەزكۇر پائالىيەت ئۇيغۇرلارنى ناھايىتى سۆيۈندۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.