«ئايدىنلىق» گېزىتى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى قارىلىغانلىقى سەۋەبلىك يۇرتەر ئۆزجانغا تۆلەم تۆلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2021.11.26
«ئايدىنلىق» گېزىتى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى قارىلىغانلىقى سەۋەبلىك يۇرتەر ئۆزجانغا تۆلەم تۆلىدى تۈركىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىدىن ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى ئەكرەم ئىمام ئوغلى، يۇرتەر ئۆزجان بىلەن بىللە. 2021-يىلى نويابىر، تۈركىيە.
RFA/Azigh

ئۆتكەن يىلى 9-ئۆكتەبىردە تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى سىياسىي پارتىيەسى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ ئامېرىكا ۋەكىلى يۇرتەر ئۆزجان «شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇر تۈركلىرى: تارىخ، كىملىك ۋە سىياسەت» ماۋزۇلۇق بىر دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى.

مەزكۇر دوكلات «تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيىسى، خەلقئارالىق ئامىللارنىڭ رولى، تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش، يېقىنقى ئۇيغۇر سىياسىي تارىخى، ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ۋە دۆلەت ھالقىغان پائالىيەتلەر» قاتارلىق تېمىلار ئۈستىدە يېزىلغان بولۇپ، بۇ جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى كەڭ دائىرىلىك دوكلاتى ھېسابلىنىدىكەن. دوكلاتتا تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى پرېزىدېنتى ئەردوغاننىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ يۇمشاپ كەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، دوكلاتتا تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە ئىقتىسادنىڭ مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

«ئايدىنلىق» گېزىتىنىڭ يۇرتەر ئۆزقان ھەققىدىكى تۆھمەت خەۋىرى.
«ئايدىنلىق» گېزىتىنىڭ يۇرتەر ئۆزقان ھەققىدىكى تۆھمەت خەۋىرى.

مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەدىكى ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان «ئايدىنلىق» گېزىتى مەخسۇس خەۋەر ئىشلەپ، مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ ئامېرىكادىكى ۋەكىلى يۇرتەر ئۆزجانغا ھۇجۇم قىلغان. «ئايدىنلىق» گېزىتى مەزكۇر خەۋەردە يۇرتەر ئۆزجانغا «ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلىرى بىلەن بۆلگۈنچىلىك ۋەزىپىسى ئېلىپ بارماقتا» دەپ تۆھمەت قىلغان.

دوغۇ پېرىنچەك ۋە «ئايدىنلىق» گېزىتى خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پۈتۈن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىللىرىگە ھەر خىل بۆھتانلارنى چاپلاپ كەلمەكتە. «ۋەتەن» پارتىيىسىنىڭ رەئىسى دوغۇ پىرىنچەك بۇ يىل 27-يانۋار كۈنى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا «جازا لاگېرلىرى» نى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئاتا-ئانىسىنى ئاڭلاتقان نۇرسىمان ئابدۇرېشىتنى «تېرورلوق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى» دەپ قارىلىغان ئىدى.

تۆھمەت سەۋەبلىك يۇرتەر ئۆزجان ئەپەندى «ئايدىنلىق» گېزىتى ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان بولۇپ، 23-نويابىر كۈنى سوت ھۆكۈم چىقىرىپ، «ئايدىنلىق» گېزىتىنى يۇرتەر ئۆزجانغا 5000 تۈرك لىراسى تۆلەم تۆلەشكە بۇيرۇغان. يۇرتەر ئۆزجان ئەپەندى ئىجتىمائىي تارتقۇ ھېسابىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ، مەزكۇر تۆلەمنى سىۋاستىكى يۇرتەر ئۆزجان ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

يۇرتەر ئۆزجان ئەپەندى تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلات ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئىلىنغان بولۇپ، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سىستېمىلىق بىر دوكلات تەييارلىشى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى كۆپ خۇرسەن قىلغان.

بىز تىخىمۇ كونكىرېت ئەھۋاللارنى ئىگىلەش ئۈچۈن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ ئامېرىكىدىكى ۋەكىلى يۇرتەر ئۆزجان ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. يۇرتەر ئۆزجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

«(ئايدىنلىق) گېزىتىنىڭ سىياسىي ئېقىمى خىتاينىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغاندەك قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى ۋە ياكى ئۇلارنى قوللىغانلارنى سەلبىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. دوكلات ئېلان قىلىنغاندا، دۆلەت باغچەلى(مىللەتچى ھەركەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى) بىزگە بىۋاستە ھۇجۇم قىلدى. دوغۇ پېرىنچەك ۋە ئۇلارغا يېقىن ئاخباراتلار بىزگە تۆھمەت قىلدى. ھەتتا خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى پارتىيەمىزگە رەسمى بىر مەكتۇپ يازدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى مەسىلىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش. شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئاچچىق ھەسرەت بار. بىز بۇ دەرتلەرنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ۋە مىللەت سۈپىتىدە ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ۋە خەلقئارا سەھنىلەردە ئۇلارنىڭ دەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ سىياسىي پارتىيەلەردىن ھالقىغان بىر مەسىلە. داۋاملىشىۋاتقان ئاچچىق پاجىئەلەرنى، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتەلمەيمىز. بىز ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھەققىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

تۈركىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، تۈركىيەدىكى خىتايغا قاراشلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن قانداق كونكىرېت خىزمەتلەرنى قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئائىت تەپسىلاتلار خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن كەڭ خەۋەر قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە سىياسەتچىلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا ۋە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ، سىياسىي تەشۋىقاتىنى كۆلەملەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.