ئۇيغۇر ھەيئىتى «لىمون كىنو شىركىتى» گە ئۇيغۇرلار نامىدىن رەھمەت ئېيىتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-01-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ھەيئىتى «ساۋاشچى» ناملىق چاتما تېلېۋىزىيە فىلىمىنى ئىشلىگەن «لىمون كىنو شىركىتى» نىڭ مۇدىرى خەيرى ئاسلان ئەپەندى (ئوڭدىن ئىككىنجى كىشى) بىلەن بىرگە.  2020-يىلى يانۋار. تۈركىيە.
ئۇيغۇر ھەيئىتى «ساۋاشچى» ناملىق چاتما تېلېۋىزىيە فىلىمىنى ئىشلىگەن «لىمون كىنو شىركىتى» نىڭ مۇدىرى خەيرى ئاسلان ئەپەندى (ئوڭدىن ئىككىنجى كىشى) بىلەن بىرگە. 2020-يىلى يانۋار. تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر ھەيئىتى «ساۋاشچى»، يەنى «جەڭچى» ناملىق چاتما تېلېۋىزىيە فىلىمىنى ئىشلىگەن «لىمون كىنو شىركىتى» نىڭ خوجايىنى خايرى ئاسلان ئەپەندى، فىلىمنىڭ سىنارىيەسىنى يازغان يازغۇچى سۇلەيمان چوبانئوغلۇ ئەپەندى ۋە فىلىمدە رول ئالغان گۈل، گۈلىزار ۋە مەريەم خانىملار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارغا ئۇيغۇرلار نامىدىن رەھمەت ئېيىتتى. ئۇيغۇر ھەيئىتى ئۇلارغا سوۋغاتلارنى بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى ھەمدە ئۆز تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەزكۇر ئۇچرىشىشقا ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان فوندىنىڭ رەئىسى دوختۇر مۇھىتتىن جانئۇيغۇر ئەپەندى، ئىدارە ھەيئىتى ئەزاسى مەمەت قەشقەرلى ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ پەخرى رەئىسى تەبەت يۈجەتۈرك ئەپەندىلەر قاتناشقان. 

قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بىر قانچە يىلدىن بۇيان ھەر يەكشەنبە كۈنى ئاخشىمى Fox تېلېۋىزىيەسىدە تارقىتىلىۋاتقان «جەڭچى» فىلىمى ھازىر 89-قىسىمغا كەلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە 10 ئەتراپىدىكى قىسىملىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۆرسىتىلگەن ئىدى. ئۆتكەن ھەپتە قويۇلغان فىلىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىسمىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ «ئىستىقلال مارشى» بىلەن جازا لاگېرلىرىغا ئورۇن بەرگەن بولۇپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق سۆيۈندۈرگەن. دوختۇر مۇھىتتىن جانئۇيغۇر ئەپەندى «جەڭچى» ناملىق چاتما تېلېۋىزىيە فىلمىنى ئىشلىگەنلەرگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بايان قىلدى. 

مۇھىتتىن جانئۇيغۇر ئەپەندى «لىمون كىنو شىركىتى» نىڭ مەسئۇلى ۋە سىنارىست سۇلەيمان چوبانئوغلۇ ئەپەندىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى قىزغىن كۈتىۋالغانلىقىنى، مەزكۇر «جەڭچى» ناملىق تېلېۋىزىيە فىلمىنىڭ بۇندىن كېيىنكى قىسىملىرىدىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بايان قىلدى. 

شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ پەخرى رەئىسى تەبەت يۈجەتۈرك ئەپەندى ئۇچرىشىشتا نۇقتىلىق ھالدا ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ئۇلارغا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى، تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ بۇندىن كېيىنكى قىسىملىرىدا جازا لاگېرلىرىنى ئاڭلىتىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن فوندىنىڭ رەئىسى، دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى «لىمون كىنو شىركىتى» گە ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخىسلەر توغرىسىدا كىنو ئىشلەشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قىزىققانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن يازغان ‹شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا 100 سوئال› ناملىق كىتابىمنى سوۋغات قىلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركستاننىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردۇق. تېلېۋىزىيە فىلمىنىڭ بۇندىن كېيىنكى قىسىملىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرىدا بولىۋاتقان ئىشلارغا ئورۇن بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق. ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، ئوسمان باتۇر، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ۋە مەسئۇت سابىرى بايقوزىغا ئوخشاش مۇھىم شەخىسلەرنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن كىنولار ئىشلىشىنى تەلەپ قىلدۇق. ئۇلارمۇ بەكلا قىزىقتى. بۇ ھەقتە كېيىن يەنە قايتا كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرماقچى بولدۇق.»

Fox تېلېۋىزىيەسىنىڭ تور بېتىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، «جەڭچى» ناملىق چاتما تېلېۋىزىيە فىلىمى تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ كۆرۈرمەنى بار تېلېۋىزيە فىلىمى ھېسابلىنىدىكەن. مەزكۇر قانالنىڭ يەكشەنبە كۈنى تارقىتىلىدىغان فىلىم پروگراممىسىدا ئۇيغۇرغا دائىر فىلىملارنىڭ كۆرسىتىلىشى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تۈرك جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن بىلىنىشىدە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت