ئەلى قاراداغى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2020-01-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى يىغىندا ئابدۇسالام ئالىم ئەپەندى سۆزدە. 2020-يىلى 10-يانۋار، ئىستانبۇل.
دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى يىغىندا ئابدۇسالام ئالىم ئەپەندى سۆزدە. 2020-يىلى 10-يانۋار، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

1-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە ئىستانبۇلدا دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى، شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، پەلەستىن سىرتىدىكى دىنىي ئالىملار ھەيئىتى ۋە سۈننىي ئالىملار جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەمكارلىق» دېگەن نامدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئەلى قاراداغى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي، دىنىي ۋە سىياسىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا ئالدى بىلەن خىتاينىڭ جازا لاگېرىدا بىر يېرىم يىل يېتىپ چىققان گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم سۆز قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن زۇلۇم ۋە قىيىن-قىستاقلارنى ئاڭلاتتى ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە يوق قىلىش سىياسەتلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەردى.

گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم يەنە ئۆزى بىلەن بىللە تۈرمىدە ياتقان نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ھەر خىل قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىغانلىقىنى، تۈرمىدىن چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇلا گۈلباھار خانىمغا ‹سىز خىتاي پۇقراسى بولمىغاچقا سىزنى چوقۇم قويۇپ بېرىدۇ، سىز چىقىپ كەتكەندە بىزنىڭ مۇشۇنداق ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىمىزنى پۈتكۈل دۇنياغا، ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئاڭلىتىڭ، بۇ گېپىمىز سىزگە ئامانەت، › دېگەنلىكىنى يەتكۈزدى. ئۇ يەنە دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئەلى قاراداغىغا خىتاپ قىلىپ، «مەن بۈگۈن سىلەرگە ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركسىتاندا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان شۇ ئاياللارنىڭ ئامانەت سۆزىنى يەتكۈزدىم،» دېدى.

كېيىن ئاۋستىرالىيەدىن كەلگەن دىنىي ئالىم ئابدۇسالام ئالىم سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرى ۋە خىتاينىڭ زۇلۇملىرىنى ئاڭلاتتى. ئۇ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى مەھكۇم خەلقلەرگە زۇلۇم قىلىشتا تارىختا ئۆتكەن مىسىر پىرئەۋىنىگە ئوخشاتتى. ئۇ يەنە «قۇرئان كەرىم» دىكى پىرئەۋىننىڭ زالىملىقى توغرىسىدا توختالغان ئايەتلەردىكى «بەنى ئىسرائىل» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «شەرقىي تۈركىستان خەلقى» دەپ تەسەۋۋۇر قىلىنىپ ئوقۇلسا، ئاندىن ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى چۈشەنگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەخمۇتجان داموللام سۆز قىلىپ، ئەرەب-ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ تەنقىد قىلدى ۋە ئىسلام دۇنياسىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىق قىلدى.

ئابدۇسالام ئالىم يەنە ئۆزىنىڭ ئۈچ سىڭلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئۇرۇق تۇغقانلىرى ھەققىدە 2017-يىلدىن بۇيان ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئىزچىل سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان ئىسلام دۇنياسىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىق قىلدى.

دۇنيا مۇسۇلمانلار ئالىملار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئەلى ئەلقارداغى مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىسى ھەم ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتىن، ھەم دىنىي جەھەتتىن، ھەم قېرىنداشلىق جەھەتتىن بىزنىڭ مەسىلىمىزدۇر. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىنسانىي، دىنىي ۋە سىياسىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش ئەڭ بىزنىڭ ئىنسانىي مەسئۇلىيىتىمىزدۇر. بۇ توغرىدا بىز سىلەرنى قوللايمىز. ئەگەر سىلەر مۇشۇ نۇقتىلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلساڭلار، سىلەرنىڭ تەرەپدارلىرىڭلاردىن بولغان تۈركىيە، مالايسىيا، قاتار قاتارلىق خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرمۇ سىلەر توغرىلىق ئاۋاز چىقىرىشى مۇمكىن.»

ئۇ يەنە پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىلىرى بىزنىڭ مەسىلىمىز بولغانغا ئوخشاش، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسىمۇ بىزنىڭ مەسىلىمىزدۇر دېدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز سىلەردىن، سىلەر بىزدىن ھېسابلىنىسىلەر، بىز 2000-يىلدىن 2010-يىللىرى ئارىسىدا دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى تەرىپىدىن ب د ت غا ھەيئەت ئەۋەتتۇق. ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات سۇندۇق. 2014-يىلى يەنە بۇ مەسىلە توغرىسىدا دوكلات تەييارلىدۇق. 2018-يىلىدىن بۇيان يەنە خىتاينىڭ قىلمىشلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات تەييارلىدۇق. بىز يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىغا ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارغا مەكتۇپ ئەۋەتتۇق. بىراق بۇ ئىنتايىن چوڭ بىر مەسىلە. بىزگە نىسبەتەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ۋە خىتاينىڭ زۇلۇمىغا سەل قاراشقا، ئۇنى ئۇنتۇشقا سەۋەب بولىدىغان بىر ئامىل يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن خاتىرجەم بولۇڭلار، بىزگە بولغان ئىشەنچىڭلارنى يوقاتماڭلار، بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۆپلەپ ئۇچرىشىمىز، يىغىنلارنى ئورۇنلاشتۇرىمىز، مۇنازىرە ۋە مۇزاكىرەلەر ئېلىپ بارىمىز، بىز پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى ۋە مۇسۇلمانلار سىلەرنىڭ يېنىڭلار بولىمىز.»

بۇ يىغىن توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەخمۇتجان داموللام بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەتلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى باستۇرۇشىنى پۈتكۈل مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا ئاڭلىتىش ۋە ئۇلارنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ يىغىننى تەشكىللىگەنلىكىنى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت