تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدە «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ ماقۇلۇقتىن ئۆتۈشىنى توسۇش پائالىيىتى باشلاندى

0:00 / 0:00

تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ 2017-يىلى ئىككى دۆلەت مىنىستىرلىرى ئارىسىدا ئىمزالانغانلىقى، 2019-يىلى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قول قويغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتمىگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. مەزكۇر كېلىشىمنىڭ 26-دېكابىر كۈنى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ماقۇللانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقىتىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە كەڭ خەلق ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ ياشلار ياچېيكىسى تۈركىيەنىڭ كونيا ۋىلايىتىدە «جىنايەتچىلەرنى ئۆز ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنى توسۇش ئۈچۈن پائالىيەت باشلاتتى. سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەقپىنىڭ ھەمكارلىقىدا 13-يانۋار كۈنى باشلانغان پائالىيەت 3 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئىمزا يىغىش پائالىيىتىنىڭ تۇنجى ئىمزاسىنى سابىق باش مىنىستىر، كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ قويغان.

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنى توسۇش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 13-يانۋار، كونيا، تۈركىيە.

ئىمزا يىغىش پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمىغا قوللىرىدا تۈركىيە بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان كۆپ ساندا ئۇيغۇر، تۈرك ۋە كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلغان.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن كېلەچەك پارتىيەسى كونيا شۆبىسى ياشلار ياچېيكىسىنىڭ مەسئۇلى مۇستافا سېزەر ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

«شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئانا يۇرتىمىز، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈرك پۇقرالىرىدىن ھېچ قانداق پەرقى يوق. ئىمزا يىغىش پائالىيىتىمىز كونيا شەھىرىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيداندا باشلاندى. بىزنىڭ مەقسىتىمىز 3 كۈن ئىچىدە 10 مىڭ ئىمزا يىغىش، بۇنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، چۈنكى ھازىر كىشىلەر بەس-بەس كېلىپ قول قويۇشقا باشلىدى. بىز ‹جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىم› ئىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنى توسۇش ئۈچۈن توپلانغان بۇ ئىمزانى 15 كۈندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ تۈركىيە پارلامېنتىغا تاپشۇرۇپ بېرىمىز.»

ئۇ ئىمزا توپلاش پائالىيىتىدە تۇنجى ئىمزانى كېلەچەك پارتىيەسى رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ قويغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئىمزا يىغىش پائالىيىتىمىز باشلاشتىن بىر كۈن بۇرۇن رەئىسىمىز ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ كونياغا كەلگەن ئىدى. تۇنجى ئىمزانى ئۇ قويدى.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەقپى كونيا شۆبىسى رەئىسى ئابلەت ئۇدۇن ئەپەندى پائالىيەت توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

ئۇ پائالىيەتتە كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ كونيادىكى مەسئۇللىرىدىن ھەسەن ئەكىچى ئەپەندى، مۇستافا سېزەر ئەپەندى، ئوسمان باشاران قاتارلىق كىشىلەرنىڭ سۆزلەپ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان كونيا شەھىرى 2014-يىللاردىن كېيىن كۆپ ئۇيغۇر كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بىر شەھەر. ھازىر ئىككى ئۇيغۇر تەشكىلاتى بار بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇر تىلى سىنىپىمۇ ئاچتى. كونيادىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى مەسئۇلى سەيپىدىن ئەپەندى تۈركىيەنىڭ كونيا ۋىلايىتىدە 90 ئائىلە ئۇيغۇر ۋە 100 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بارلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

سەيپىدىن ئەپەندى بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەرشىدىن ئەپەندى تۈركىيە بىلەن خىتاي «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نى تۈزگەنلىكىنى ئاڭلاپ قاتتىق ئەنسىرىگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىنى، دەۋاغا پايدىسى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدە باشلانغان قول قويۇش پائالىيىتى 13-يانۋار كۈنىدىن 15-يانۋار كۈنى ئاخشامغىچە كونيا شەھەر مەركىزىدىكى چوڭ مەيداندا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.