تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، سابىق تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ ئەنقەرەدىكى مەركىزىدە 20-يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مەتبۇئات يىغىنىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. داۋۇتئوغلۇ، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇنى قوللاۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىدلەپ، مۇنۇلارنى دېدى: «تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگىلى قويمايدۇ. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى ھۆكۈمەتنى قوللاۋاتقان دەۋلەت باغچەلىمۇ كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى، لېكىن بىزنىڭ ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىنى تىلغا ئالمايۋاتىدۇ».
گېرمانىيەلىك تۈرك پوتبولچى مەسئۇت ئۆزئىل يېقىندا تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ پۇتبول قۇلۇبىغا كەلدى. مەلۇم بولغىنىدەك ئۇ، 2019-يىلى دېكابىردا ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر، فېيسبۇك، ئىنستىگرام قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم ۋە بېسىم قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋە بۇ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلغان مۇسۇلمان دۇنياسىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنىدى. مەسئۇت ئۆزئىل بۇ باياناتى بىلەن خەلقئارادا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغانىدى. ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو مەسئۇت ئۆزئىلنىڭ مەردانىلىقىنى تەبرىكلىگەنىدى. ئارسېنال كۇلۇبى دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، مەسئۇت ئۆزىلنىڭ كۆز قارىشىنىڭ پەقەت ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى، ئارسېنال پۇتبول كۇلۇبىنىڭ سىياسەتكە ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆزىنى چەتكە ئالغان بولسىمۇ، ئۇ، ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان زۇلۇمنى ئاڭلىتىپ كەلمەكتە ئىدى. ئەخمەت داۋۇتوغلۇ 20-چېسلادىكى باياناتىدا مەسئۇت ئۆزئىلنى پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «مەسئۇت ئۆزئىل فەنەرباغچە پۇتبول كۇلۇبىغا كەلدى. بۇنىڭدىن ھەممىمىز بەك خۇرسەن بولدۇق. مەسئۇت ئۆزئىل ئەپەندى پرېزىدېنت ئەردوغان بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتسۇن، بىز ئەردوغانغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چۈشەندۈرەلمىدۇق. بەلكى مەسئۇت ئۆزئىلقا يۈز كېلەلمەي ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۈكۈتىنى بۇزۇشى مۇمكىن. ھۆكۈمەت نومۇس قىلسۇن، نومۇس!»
تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھازىر ئىچكى سىياسەتتە مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلماقتا. ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ باياناتىدا ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە مەسئۇت ئۆزئىلچىلىك بولالمىدى دەپ ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيە پارلامېنتى، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، سىلەر بۇ يەردە مىللەتچىلىك ۋە مىللىيلىكنى تەكىتلەپ تۇرۇپ مە’سۈت ئۆزئىلچىلىك ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پىكىر بايان قىلالمايۋاتىسىلەر. مەن مەسئۇت ئۆزئىلگە شۇنى دېمەكچىمەنكى، سېنىڭ پۇتبولدىكى ئۇتۇقلىرىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى جەھەتتىمۇ داۋام قىلىدۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىزچىل ھالدا كۆڭۈل بۆلۈپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈكۈتىنى بۇزغىن».

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 19-يانۋار كۈنى «خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قارارى» ناملىق باياناتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشىنى رەسمىي «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەنلىكىنى جاكارلىغانىدى. بۇ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ تۈركىيە پارلامېنتىمۇ بۇنداق بىر قارار چىقىرىش ئېھتىماللىقى بارمۇ؟ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئىيى» يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ تۈركىي خەلقلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇ ئەپەندى ھۆكۈمەتنىڭ سۈكۈتتە تۇرىۋېلىۋاتقانلىقىنى، لېكىن ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇنداق بىر قارار چىقارتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. ئەسلىدە بۇ ھەقتە بىر پىكىر بىرلىكى مەۋجۇت. لېكىن ھۆكۈمەت سۈكۈتتە تۇرىۋېلىۋاتىدۇ. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئەپەندى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر قانچە قېتىم بايانات بەردى. بۇلار بىزنى سۆيۈندۈردى».
ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇ تۈركىيەنىڭ خىتايغا «سەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىسەن» دېيەلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي دۆلىتىگە ‹ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتىسەن، جازا لاگېرلىرىدا قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر› دېيەلىشىمىز كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سۈكۈتىنى بۇزۇش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز».
ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەنلىكىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە بولغان تەسىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، ئالدى بىلەن ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قارارى توغرىسىدا توختالدى.
مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈركىيەدىكى سىياسىي ئانالىزچىلار ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ، مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە، بولۇپمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.