مۇستافا دەستىچى: «پارتىيەمىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.01.30
mustafa-destichi.jpg تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى نۇتۇق سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 29-يانۋار، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

29-يانۋار كۈنى تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى ئەنقەرەدىكى ئانادولۇ مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەدە مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن ئايرىلىپ چىققان مۇخسىن يازىجىئوغلۇ باشچىلىقىدىكى 5 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى تەرىپىدىن 1993-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى قۇرۇلغان. مەزكۇر پارتىيە قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە.

29-يانۋار كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيەدىكى ھەر قايسى پارتىيە مەسئۇللىرى، دىپلوماتلار، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار مەسئۇللىرى قاتناشقان مۇراسىمغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئىشتىراك قىلدى.

مۇراسىمدا ئالدى بىلەن بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ 27 يىللىق تارىخى بايان قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. كېيىن مەزكۇر پارتىيەنىڭ مەسئۇلى مۇستافا دەستىچى سۆزلىدى. ئۇ نۇتقىدا بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ سۆزىدە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ دۇنيانىڭ قەيىرىدە ئېزىلگەن مۇسۇلمانلار بولسا ئۇلارغا ياردەم قىلىدىغان، تۈرك دۇنياسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، زالىملارغا ۋە دىكتاتورلارغا قارشى چىقىدىغان، ھەر دائىم دېموكراتىيە ۋە ئادالەتنى ياقلايدىغان پارتىيە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستەچى ئەپەندى نۇتقىدا ئۆز پارتىيەسىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ھازىرغىچە تۈركىيە سىرتىدا ياشاۋاتقان قېرىنداش مىللەتلەرگە قارىتا مەخسۇس سىياسەت بەلگىلەپ چىقالمىدى. بىزنىڭ پارتىيەمىز قۇرۇلغان كۈندىن بۇيان پەقەت شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز. چۈنكى بىزنىڭ پارتىيەمىزنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت. بىز ئادرىياتىك دېڭىزىدىن شەرقىي تۈركىستانغىچە بولغان زېمىندىكى تۈركىي مىللەتلەرگە كۆڭۈل بۆلىمىز. شۇڭا بۇندىن كېيىنمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىمىز.»

خىتاي سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇشقا باشلىدى. بۇ ئوقۇغۇچىلار 1992-يىلى ئەنقەرەدە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى قۇرغان ئىدى. كېيىنچە مەزكۇر تەشكىلات شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتىغا ئايلاندى. مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى 1993-يىلى بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇخسىن يازىجىئوغلۇ ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەن. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.

كېيىن بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى مۇخسىن يازىجىئوغلۇ ئەپەندى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلغان. دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتىكى ئەسلىمىلىرىنى ئاڭلاتتى.

1990-يىللارنىڭ ئاخىرى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەڭ كۈچەيگەن مەزگىللەر ھېسابلىنىدۇ. دەل مۇشۇ پەيتتە 1998-يىلى سابىق تۈركىيە ھۆكۈمىتى 38-نومۇرلۇق ھۆججەت چىقىرىپ، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويغان ئىدى. شۇ يىلى ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى قۇرۇلتىيى چاقىرىلغان ئىدى. بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇخسىن يازىجىئوغلۇ خىتاينىڭ بېسىمىغا قارىماستىن قۇرۇلتايغا قاتناشقانلارنى تۈركىيە پارلامېنتىدا قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مەزكۇر پارتىيەنىڭ ھازىرغىچە ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

27-يىل ئاۋۋال مەزكۇر پارتىيەنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى مۇخسىن يازىجىئوغلۇ بىلەن كۆرۈشكەن، سابىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن ئابدۇررەشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى گەرچە تۈركىيەدىكى سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ ھۆكۈمەت قۇرالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىشقا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پېشقەدەم پائالىيەتچى، شەرقىي تۈركىستان فوندىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتىكى پىكىرىنى بايان قىلىپ، مەزكۇر پارتىيەگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سالامىنى يەتكۈزدى.

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇخسىن يازىجىئوغلۇ 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئايروپىلان قازاسىدا ۋاپات بولغان ئىدى. تۈرك خەلقى تەرىپىدىن ئۇلۇغلانغان سىياسەتچىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا يۈز مىڭلىغان كىشى قاتناشقان ئىدى. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كۆتۈرگەن ھالدا دەپنە مۇراسىمغا قاتنىشىپ، كۆز يېشى تۆككەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.